ماھىنۇر تۇردى تەرەققىيات تېزلىشىۋاتقان، ئىختىساسلىقلار قەدىرلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىلىمنىمۇ، ئەخلاقنىمۇ ئۆزىگە دوست تۇتۇپ، ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تاكاممۇللاشتۇرۇۋاتقان ياشلىرىمىز كۆپ. ئەمما، رېئال تۇرمۇشتا ياخشى بىلەن يامان تەڭ مەۋجۇت بولغىنىدەك، قىسمەن ياشلار خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، تىرىشچانلىقى بىلەن كەسىپتە تېز ئىلگىرىلەيدۇ. بىراق، ئىقتىدارى، قابىلىيىتىدىن تېزلا مەغرۇرلىنىپ، ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، باشقىلارنى ياراتماسلىق تۈپەيلى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويغانلىقىنى تۇيمايدۇ. ئادەم بولۇش ئۇنىڭ بىلىمى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كەمتەرلىك، يۈرۈش – تۇرۇش، گەپ – سۆزدىكى ئەدەپ – قائىدە، مۇلايىم، چىقىشقاقلىقى بىلەن مۇكەممەلدۇر. خىزمەتكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللىرىمنى ئويلىسام، بەزى ئىشلار ماڭا ئاشۇ چاغلاردىكى ساددىلىقىمنى، تۇرمۇشقا تۇتقان يۈزەكى قاراشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە سالىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئوقۇغان كەسپىمدىن باشقا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، خېلى ۋاقىتلارغىچە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، خىزمەتداشلار ئارا مۇناسىۋەتكە كۆڭۈلشىمەپتىمەن. شۇ تۈپەيلى، بەزىدە باشقىلارنى رەنجىتكەن چاغلىرىممۇ بولدى. كىشى ھەر قانداق سەۋەنلىكنى، ئالدى بىلەن، ئۆزىدىن ئىزدىگەندىلا بەزى ئىشلار كۆڭۈلدە ئايدىڭلىشىدىكەن. كەمچىلىكلىرىمنى سەزگەن ھامان تۈزەتتىم، خىزمەتداشلىرىمغا قىزغىن، سەمىمىي بولدۇم. مەرھۇم دادام ئىلگىرى ‹‹ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئاسان بولغان بىلەن، تۇرمۇش مەكتىپىدە ئوقۇش ئاسان ئەمەس›› دەيتتى. بىز ياشلار ئالىي مەكتەپنى ھەر قانچە ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتكۈزسەكمۇ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بىلمىگەنلىرىمىز بىلگەنلىرىمىزدىن كۆپ بولىدىكەن، ھەممە ئىش خىزمەت قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدىكەن. مۇھىمى، خىزمەتداشلار، تونۇش – بىلىشلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئازادە كەيپىياتتا خىزمەت قىلىش ئۆزىمىزگە باغلىق ئىكەن. مەيلى يۈرۈش – تۇرۇشتا، باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشتا بولسۇن، سالام – سەھەتلىك، ئەدەپ – قائىدىلىك، چىقىشقاق مىجەزلىك بولۇش كۆڭۈللۈك خىزمەت قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىكەن. ئادەتتە، بىر كۈننىڭ سەككىز سائىتىنى ئىشخانىدا ئۆتكۈزىمىز. شۇڭا خىزمەتداشلار بىر – بىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئېجىل – ئىناق ئۆتسەك، خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى، روھىي كەيپىياتىمىزمۇ ياخشى بولىدۇ. بەزى ياشلار بىلىملىك، كەسىپچان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش سۇسلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلىكىدىن، بىلىم سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن، خىزمەتتە ئازراق ئۇتۇق قازانغىنىدىن تەمەننالىنىپ، خىزمەتداشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆزىدىن چوڭلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. باشقىلارنىڭ كىچىككىنە ئاجىزلىقىنى بايقىسا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئادەم دۇنيادا ياشايدىكەن، چوقۇم بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشقا، ئۆزئارا چۈشىنىشكە موھتاج. ئۆزىگە بەك تەمەننا قويۇپ، ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلايدىغانلار تېزلا باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىپ، ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋالىدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىدە كەمتەر، ئوچۇق – يورۇق، چىقىشقاق، باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان پەزىلەتنى يېتىلدۈرگەنلەرنى باشقىلارمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئىززەتلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆڭلى يورۇق ياشىغىلى، كەسىپتىمۇ نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلىش چوڭ ئىشلاردىلا ئەمەس، كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئاددىي ئادەملەرنىڭ ئاددىي، ئەمما تەسىرلىك ئىشلىرى ھەرقاچان كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. بۈگۈنكى دەۋرىمىز بىلىم ۋە يېڭىلىقلار بىلەن ئۆزلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتقان، ئەمەلىيەتچىل، ئۇنىۋېرسال ساپاغا ئىگە يېڭى دەۋرنىڭ قۇرغۇچىلىرىغىلا ئەمەس، ئەدەپ – ئەخلاقتا ئەتراپلىق يېتىلگەن، روھى ساغلام ئىز باسارلارغىمۇ موھتاج. شۇڭا، كونىلار ئېيتقاندەك، ئالىم بولۇشتىن ئاۋۋال، ئادەم بولۇشنى ئۆگىنەيلى.
|