مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 636 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولىدىغانلار قارىغاي ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قورۇپ ، مېغىزىنى كۈندە بىر ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10– 20 گىرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ . 

   ئۈچەينىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار كۈدە ئۇرۇقىنى قورۇپ سوقۇپ ، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ، كۈنىگە ئۈچ ۋاق قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ . 

 

    يېنىك دەرىجىدىكى قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار بەش دانە ياڭاق مېغىزىغا 30 گىرام ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ ، ئۇنىڭغا 50 گىرام سېرىق ھاراق قوشۇپ ، سۇس ئوتتا 10 مىنۇت قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ . 

     سۇس ئوتتا قورۇپ ، سوقۇپ تەييارلانغان 20 گىرام كۈنجۈت ، بەش دانە چوڭ چىلان ، 100 گىرام پۇرچاقنى كۈندە كەچلىكى ئۇماچ ئېتىپ ئىچىپ بەرسە ، قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.