مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 654 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ياشانغانلارنىڭ بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئورگانىزىملار ھەمدە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى بەدەننىڭ دورىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ، ماددا ئالماشتۇرۇش ، چىقىرىش ئىقتىدارلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۇزاق مۇددەت ياكى دائىم قىزىتما قايتۇرۇش ، ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى يېگەندە ، ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىپ ، دورا مەنبەلىك كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى، مۇرەككەپ رېتسىپلىق ئاسپىرىن ، ئېندومېتاتسىن ، بوتازولىدىن قاتارلىق دورىلارنى ئىشلەتكەندە ، بۇلارنىڭ بەدەنگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇپ،  ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ . ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى يېگەندە دانلىق ھۆجەيرىلەرنىڭ ئازىيىشى، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى ، ھېموگلوبىننىڭ ئۆزگىرىشى ۋە رېئاكسىيە قىلىش قاتارلىق ئەكىس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەتتا دورىغا كۆنۈپ قېلىشتەك ناچار ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.