مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 677 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ماھىرە سېلىم

ياشانغانلاردىكى ھەرخىل فىزىيولوگىيەلىك ئامىللار ۋە توغرا بولمىغان غىزالىنىش ئادىتى سەۋەبىدىن ئاسانلا كەم قانلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كەم قانلىق ياشانغانلاردىكى كەم قانلىق كېسىلى ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ھەر خىل كەم قانلىق كېسىلىنىڭ %66 – %63ىنى ئىگىلەيدۇ. ياشانغانلاردىكى بۇنداق كەم قانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

   1. ياشانغانلارنىڭ چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن ياكى بوشاپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلار يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ، يىرىك ياكى قاتتىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى يىگىلەيدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئازلاپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، قوبۇل قىلىدىغان تۆمۈر ماددىسى ئازلاپ كېتىدۇ.

2. ئاشقازان ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان ياشانغانلار ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئاشقازان كىسلاتاسى تۆۋەنلەپ، ئىككى ۋالېنتلىق تۆمۈر ماددىسى ئوكسىدلىنىپ، ئۈچ ۋالېنتلىق تۆمۈر ماددىسىغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى قىسقىراپ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بەدەندىكى زاپاس تۆمۈر مىقدارى خوراپ، تۆمۈر ماددىسى كېمىيىشتىن بولغان كەم قانلىق كېلىپ چىقىدۇ.

3. ياشانغانلار ئاسانلا گېموروي، مەقئەت يېرىلىش، ئاشقازان – ئۈچەي يوللىرىدىكى ئۆسمە كېسەللىرىگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇ سوزۇلما قان يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپىنچە ياشانغان ئاياللاردا ياش ۋاقتىدا ھەددىدىن زىيادە ھەيىز كېلىش ھەم كۆپ تۇغۇش سەۋەبىدىنمۇ قېرىغاندا تۆمۈر يىتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىق پەيدا بولىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك: 

1. ھايۋانات جىگىرى، قارا گۆش، بېلىق گۆشى، پۇرچاق، كەرەپشە، پالەكلەردىكى تۆمۈر ماددىسىنى ئادەم بەدىنى بىۋاسىتە سۈمۈرۈپ پايدىلىنالايدۇ، شۇڭا تۆمۈر ماددىسى كەم بولۇش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلى بار كىشىلەر بۇ يېمەكلىكلەرنى دائىم يەپ تۇرۇشى كېرەك.

2. ۋىتامىن C بىلەن ئاچچىقسۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3. مېۋە – چېۋىلەردىن ئۆرۈك، چىلان، شاپتۇل، ئۈزۈم قاتارلىقلارمۇ تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشتىكى پايدىلىق يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ. 

4. تاماق تاللىماسلىق لازىم. تۆمۈر ماددىسى مول يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار تاماق تاللاش سەۋەبلىك ئىستېمال قىلىنمىسا، تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.

5. كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قەھۋە، قېنىق چاي قاتارلىقلارنى ئىچمەسلىكى لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.