مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 737 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

1 . ياشانغانلار ھەر كۈنى يېتەرلىك مىقداردا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلىشى كېرەك . بولۇپمۇ توخۇم تەركىبىدىكى ئاق ئاقسىل ، سۈت تەركىبىدىكى سۈت ئاق  ئاقسىلى ، سۆڭەك تەركىبىدىكى سۆڭەك ئاق ئاقسىلى ۋە ياڭاق تەركىبىدىكى يادرو ئاقسىللىرىنىڭ ھەممىسىدە كوللاگېن ئاقسىلى ۋە يەككە جىنىسلىق ئاقسىللار بار . بۇ خىل ماددىلار سۆڭەك ئۈچۈن مۇھىم تەركىب . ئۇنىڭدىن باشقا ، قان تەركىبىدىكى قەنت ۋە ماي مىقدارى نورمال ياشانغانلار دائىم، تۇرۇپ ، لامنارىيە ، قوۋۇرغا شورپىسى ۋە ياڭاق ، قارا پۇرچاق ، نىلۇپەر ئۇرۇقى شورپىسىنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك . بۇلار بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ . 

   2 . ياشانغانلار فوسفور بىلەن كالتسىينى بىللە تولۇقلىشى كېرەك . كالتسىي بىلەن فوسفور سۆڭەك ۋە چىشنى چىڭىتىپ ، بەدەندىكى تەركىبلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ . 

فوسفور مول بولغان يېمەكلىكلەر ، مەسلەن : بېلىق ، توخۇ گۆشى ، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ، سۈت ، تۇخۇم سېرىقى ، ياڭاق ، يەر ياڭىقى (خاسىڭ) مېغىزى قاتارلىقلار . ئۆسۈملۈكلەردىن قارا ئاشلىق ، بولۇپمۇ گۈرۈچ . 

   3 . ۋىتامىن C كوللاگېننى شەكىللەندۈرۈپ ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . سۆڭىكى شالاڭلاشقان ياشانغانلار ، ھەر كۈنى 100 مىللىگىرام ۋىتامىن C تولۇقلىشى كېرەك .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.