مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 662 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئادەم قېرىغاندىن كېيىن ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە بەدىنىنىڭ باشقا قونكىسيىلىرىدە چېكىنىش ھادىسسى كۆرۈلىدۇ . ناۋادا ياشانغانلار قۇلىقىنى ئاسراشقا دىققەت قىلسا ، ساغلام بولغان ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولۇپلا قالماي ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلتالايدۇ ياكى چېكىنىش دەرىجىسىنى يېنىكلىتەلەيدۇ. قۇلاقنى ئاسراشنىڭ بىر قانچە خىل ساقلىق ساقلاش ئۇسۇلى:

    يىلدا بىر قېتىم قۇلاق كىرىنى تازىلاش . قۇلاق كىرى تېرە كېپىكى ، چاڭ –توزان ۋە مايلىق ئاجرالمىلارنىڭ قۇلاق يولىدا توپلىنىپ قېلىشتىن شەكىللىنىدۇ. ئۇ گەرچە چاڭ–توزان ھەمدە كىچىك قۇرت ، ھاشارەتلەرنىڭ قۇلاق ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنى توسۇپ قالغاندەك قىلسىمۇ ، ئەمما داۋاملىق توپلىنىۋەرسە ھەمدە ۋاقتىدا تازلىۋېتىلمىسە ئاسانلا ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى ياكى قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇزۇن ۋاقىت ئاڭلاتقۇچ تاقاپ يۈرگەن كىشلەرنىڭ قۇلاق كىرى‹‹چىقىش يولى››تاپالماي تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ . شۇڭا بۇنداق كىشلەر ئەڭ ياخشىسى يىلدا بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ ، قۇلاق كىرىنى تازلىتىپ تۇرۇشى زۆرۇر .


    زۇكام تېگىپ قالسا ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك . ياشانغانلارنىڭ ئېممونىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا ئاسان سوغۇق تېگىپ زۇكام بولۇپ قالىدۇ . زۇكام بولغاندا ئوتتۇرا قۇلاقنىڭ ئىچىدە مەخپىي ئاتموسفېرا بېسىمى شەكىللىنىپ ، قۇلاق پەردىسى ئىچىگە قاراپ ئىگىلىدۇ(يەنى ئاستىنقى شەكىلگە كېلىپ قالىدۇ).ناۋادا بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغاندا قۇلاقتا سۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ . بۇ سۇ تەدىرىجىي قۇلاق پەردىسىگە ئېقىپ كىرىپ ، قۇلاق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ . بۇنىڭدا گەرچە ئادەم پۈتۈنلەي گاس بولۇپ قالمىسىمۇ ، ئەمما ئاڭلاش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . شۇڭا ياشانغانلار شامال تېگىپ زۇكام بولۇپ قالسا بىپەرۋالىق قىلماي دەرھال داۋالىتىشى كېرەك . بۇلاردىن باشقا قۇلاقتا سۇ پەيدا بولۇپ قالغان بولسا ھەرگىز ئۆز مەيلىچە سۇنى چىقىرۋېتىش ئۇسۇللىرىنى قوللانماسلىق كېرەك . 


    تۇرمۇشى تەرتىپلىك ، شاۋقۇندىن خالى تۇرۇش كېرەك . ياشانغانلار بەدىنىنى چىنىقتۇرۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك . قالايمىقان دورا ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك ، ھاراق ئىچمەسلىك ھەمدە شاۋقۇنلۇق مۇھىتلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىق لازىم .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.