مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 764 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ياشانغانلار ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا ، يەنە ئۈچ ۋاخ قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىكەن . ئادەتتە ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن، يەنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 لاردا تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان ئالما ، بانان ، ئاپلېسىن ، شاپتۇل ، تاۋۇز قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك ؛ چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن ، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا گازىر ، كاۋا ئۇرۇقى ، يەر ياڭىقى (خاسىڭ) ، ياڭاق قاتارلىقيېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك ؛ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۈت بىلەن ئىككى تال پېچىنە يېيىش كېرەك . بۇ خىل ئىستېمال ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە ، ياشانغانلاردىكى دەم سىقىلىش ، ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماي ، يەنە ئۇيقۇنىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدىكەن .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.