مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 671 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

1 . چېنىقىپ بېرىشى كېرەك . بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالى ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس ھالدا چېنىقىپ بەرگەندە ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . مەسىلەن ، سەھەر تۇرۇپ سەيلە قىلىش قاتارلىقلار . بولۇپمۇ ئاستا يۈگۈرۈشنىڭ بۇ خىل كېسەللىككە بولغان پايدىسى ئىنتايىن كۆپ . بۇنداق چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە ، يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . بىراق بۇ خىل ئاغرىقلار چوقۇم مۇۋاپىق چېنىقىشى ، ھەددىدىن زىيادە كۈچەپ چېنىقماسلىقى ، بەك چارچاپ كەتمەسلىكى كېرەك .


2 . تۇرۇۋاتقان مۇھىتقا دىققەت قىلىشى كېرەك . بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار چوقۇم ھاۋارايىغا قاراپ كىيىنىشى ، زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .


3 . كۈندىلىك تۇرمۇشنى رەتلىك ، پاكىز ئورۇنلاشتۇرۇشى ، ئۆينى پاكىز تۇتۇشى ، شاۋقۇن – سۈرەنلىك مۇھىتتىن خالى تۇرۇشى كېرەك .


4 . قىش كۈنلىرى ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك .


5 . كەيپىياتقا دىققەت قىلىشى كېرەك . ئادەتتە كەيپىياتنىڭ بۇ خىل كېسەللىككە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ . شۇڭا پۈتۈن كۈچى بىلەن خۇشال كەيپىياتنى ساقلىشى كېرەك .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.