بەزى ياشانغانلاردا شۆلگىيى ئېقىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، كىشىلەر بۇنى قېرىغانلىقنىڭ ئالامىتى، دەپ ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەلنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
ياشانغانلار شلگىيىنىڭ كۆپ بولۇشى، كۆپ ھاللاردا تال ۋە بۆرەك قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن، شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ نورمال بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلارنىڭ يالغان چىش سېلىشىدىن كېلىپ چىققان ئېغىز بوشلۇقى يەللىكى، يۇتقۇنچاق يەللىكى، تىل يەللىكى، چىش مىلىكى يەللىكى ھەم شامالدارىپ قېلىش، مېڭە قان نۆكچىسى كېسىلى سەۋەبىدىنمۇ شۆلگەي ئېقىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇخلىغاندا شۆلگەينىڭ ئېقىپ قېلىشى، ئۇخلاش ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمما، كۆپ ھاللاردا، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن، چىش مىلىكىنىڭ دېفورماتسىيەلىنىشىدىن، نېرۋىلارنىڭ تەڭشىلىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن، بەزى تۇتقاقلىق كېسىلىگە قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشتىنمۇ شۆلگەي ئېقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش كېرەك.
بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە داۋالىنىش كېرەك. تال ۋە بۆرىكى ئاجىزلاشقان ياشانغانلار قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا ھەم ئۇۋۇلىتىپ داۋالانسا كېسەل ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى يەللىكى بار ياشانغانلار، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك؛ شامالدارىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان شۆلگىيى ئېقىپ قېلىش ھەم مېڭە قان نۆكچىسى كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان ياشانغانلار يۈز گىمناستىكىسى ئويناپ بەرسە ياكى يىڭنە ئارقىلىق داۋالانسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.