تۇزلۇق يېمەكلىكلەر: ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا ، بەدەندىكى نايرىي ئىئونى ۋە سۇنى چىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ . ئەگەر ياشانغانلار ئۇزاق مەزگىل تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم ، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىشىشى قاتارلىق ھەرخىل يۈرەك قان تۆمۈر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تاتلىق يېمەكلىكلەر : ياشانغانلار دىئابىت كېسىلى ، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ . بولوپمۇ دىئابىت كېسىلى بولغان ياشانغانلار چوقۇم تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى ، مىقدارىنى كونترول قىلىشى لازىم . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاز بولغاچقا ، بەدەندە ئىشلىتىلمەي ئېشىپ قالغان قەنت تۈرىدىكى ماددىلار ئاسانلا ياغقا ئايلىنىپ ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
خام يېمەكلىكلەر : بەزى ياشانغانلار يېمەكلىكلەرنى يېرىم پىشۇرۇپ ، ھەتتا خام يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم خام يېمەكلىك تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ . بۇ خاتا قاراش بولۇپ ، خام يېمەكلىكلەر تەركىبىدە باكتېرىيە ، ۋىرۇس قاتارلىق ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىق ماددىلار بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلايدىغان بولغاچقا ، ئەگەر ياشانغانلار خام يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ، ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ .
سوغۇق ئىچىملىكلەر: ياشانغانلار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلسا ، سوغۇق ئىچىملىكلەر ھەزىم قىلىش يوللىرىغا تارالغان قان – تومۇرلارنى تارايتىپ ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ –دە ، ئاشقازان ياللۇغى ، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق ھەر خىل ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
پارچە – پۇرات يېمەكلىكلەر : ياشانغانلار پارچە – پۇرات يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ، كۈندىلىك تاماق يېيىش رېتىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازلىتىۋېتىدۇ . ئادەتتە پارچە – پۇرات يېمەكلىكلەر تەكىبىدە ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك پايدىلىق تەركىبلەر ئاز بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا ، ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ماددىلار كۈندىلىك تاماق مىقدارى ئازلاپ كەتكەنلىك سەۋەبلىك ۋاقتىدا تولۇقلانماي قېلىپ ، بەدەندە ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ .
ياغلىق يېمەكلىكلەر : ياشانغانلار ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ، ئاسانلا قاندىكى ماي ماددىسىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر قاندىكى ماي ماددىلىرى ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بولسا ، ئاسانلا يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى ،يۇقىرى قان بېسىم ، قان تومۇرلار قېتىشىش ، جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق ھەر خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .
ئاچچىق يېمەكلىكلەر : مۇچ تەركىبى كۆپ يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ شىللىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ . ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا ياشانغانلار ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .
قېنىق چاي : قېنىق چاينىڭ تەركىبىدە كۇففىئىن بولۇپ ، كوففىئىن يۈرەكنىڭ قىسقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، يۈرەك رېتىمىنى تېزلەشتۇرۇپ ، يۈرەكنىڭ ئوكسېگىن سەرپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.