مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 731 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دىمىق ئىسسىقتا ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. يازدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن بەدەندىكى ماددا مىتابولىزمى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ، قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە بەدەننىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەش مېخانىزمىنىڭ تەسىرىدە، تېرە ئاستى قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، تېرىنىڭ قان ئايلىنىش مىقدارى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن ئۈچ ~ بەش ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ. بۇ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئازايتىپ، ئوكسىگېننىڭ خورىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى، بەدەندىكى سۇ تەركىبى تەر ئارقىلىق كۆپ مىقداردا پارلىنىپ چىقىپ كېتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈرەك قان تومۇرلىرىدا ئاسانلا قان نوكچىسى پەيدا بولىدۇ. ياشانغانلار يازدا چېنىققاندا سۇ ۋە ئېلېكتىرۇلىتلارنى تولوقلاشقا دىققەت قىلمىغاندا، ئاسانلا سۇسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يازدا ھاۋا دىمىق بولغاچقا، ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ. يۇقىرىقى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ياشانغانلاردىكى يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ياشانغانلار يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغان ۋاقىتلاردا سىرتقا ئاز چىقىشى، چېنىقىشتىن كېيىن مۇۋاپىق ئۇسسۇلۇق ئىچىشى، چۈشتە 40 – 30 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇخلىشى، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىشنىڭ ئۈنۈملۇك ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.