مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1792 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تۆمۈر ماددىسى ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنت. نورمال ئادەم بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى5g~3g غىچە بولىدۇ(ئاياللاردا سەل ئازراق بولىدۇ). تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارغا ئىگە. تۆمۈر ماددىسى قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىپلا قالماستىن، يەنە ئورگانىزىمدا ئېنېرگىيە ئالمىشىش، فېرمېنتلارنىڭ بىركىشى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى، يادرو كىسلاتاسىنىڭ ياسىلىشى قاتارلىق كۆپ خىل ھاياتلىق فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتى جەريانىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

قان ئازلىق: ئادەم بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا ئادەتتە باش قېيىش، پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىش، ئالاقزادە بولۇش، چىرايى قاتىراش، كالپۇكى ۋە كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى ئاقىرىپ قېلىش، ئېغىر بولغاندا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارمۇ تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

يۇتۇش قىيىنلىشىش: بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە يېشى 40 تىن ئاشقان ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا قىزىلئۆڭگەچنىڭ يۇقىرى قىسمىدا تارتىشىپ قېلىش پەيدا بولۇپ، يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە شىللىق پەردە توقۇلما ھۈجەيرىلىرىدىكى ئوكسىدلىغۇچى فېرمېنت، ھىدروگېنسىزلاندۇرۇچى فېرمېنتلارنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، تىل يۈزى ياللۇغلىنىش، كالپۇك يېرىلىش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنى تۆمۈر ماددىسى ۋە ۋىتامىنB تولۇقلاش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ.

بوۋاقلاردا كۈلۈمسىرەشنىڭ ئاز بولۇشى: بوۋاقلارنىڭ كۈلۈشنى خالىماسلىقى تۆمۈر ماددسىنىڭ كەملىكىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بوۋاقلاردا روھسىزلىق، ئىشتىيى تۇتۇلۇش، جىمغۇرلۇق، كۈلۈشنى خالىماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئىسسىقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش: خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا نورمال كىشىلەر ئازادىلىك ھېس قىلىدىغان مۇھىت ئىچىدە، بەزىلەر تىترەش ھېس قىلىدىكەن. تەتقىقات ئارقىلىق بۇ خىل كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەملىكى بايقالغان.

«ئائىلە ئاياللىرىدىكى يىغىندى كېسەللىك» ئالامەتلىرى: بۇنىڭدا، ئاساسەن پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش، ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇشنى خالىماسلىق، كېچىسى ئۇيقۇسى كەلمەسلىك، چىرايى تاتىرىپ كېتىش، ئوڭاي ئاچچىقلىنىش، ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مېدىتسىنا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ بىر خىل تۆمۈر ماددىسى كەم بولۇش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلى ئىكەن. بۇ خىل قان ئازلىق كېسىلىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى قاننى تەكشۈرگەندە تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەملىكى روشەن بولمايدىكەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە مۇسكۇل توقۇلمىلىرىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىقدارى ئاز بولىدىكەن.

غەلىتە نەرسىلەرنى يېيىشكە خۇمار بولۇش: بەدەندە تۆمۈر ماددىسى كەم بولغان ئاز ساندىكى بىمارلار مۇز، لاي-توپا، بور…. قاتارلىق نەرسىلەرنى يېيىشكە خۇمار بولىدۇ. 

تۆمۈر  ماددىسىنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا، تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى كۆپرەك بولغان ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.