مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1377 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ۋىتامىن F نىڭ ئارخىپى

باشقىچە ئاتىلىشى: لىنولېئىك كىسلاتا، خاسىڭ مېيى كىسلاتاسى.

قىسقىچە تونۇشۇرۇش: ۋىتامىن F ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق بىرخىل ياغ كىسلاتاسىدىن ئىبارەت، بۇرۇن كىشىلەر ئۇنى ياغدا ئېرىيدىغان بىرخىل ۋىتامىن دەپ قارىغانىدى. ۋىتامىن F يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىدىن چەككىلەپ ئېلىنىدۇ، ئىسسىققا چىدامسىز، ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن F يېتىشمىسە، تېرىگە ئاسانلا ھۆل تەمرەتكە ، دانخورەك چىقىدۇ.


ئاساسلىق رولى

ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، تېرە ۋە چاچنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. 

بەزلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ھۈجەيرىلەرنىڭ كالتسىيدىن پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئارتېرىيىگە خولېستېرولنىڭ چۆكۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

يۈرەك كېسىلىنى داۋالايدۇ، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنى ئۆزگەرتىپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.


يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

ۋىتامىن F ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك مايلىرى، مەسىلەن، زىغىر، ئاپتاپپەرەس، زاراڭزا، دادۇر، خاسىڭ قاتارلىقلارنىڭ مېيى تەركىبىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ياڭاق تەركىبىدىمۇ مول ۋىتامىن F بار. 


كۈندىلىك ئىستىمال قىلىش مىقدارى

كۈندىلىك F ياسالمىلىرىنى چەكتىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا، قانداق ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى نۆۋەتتە تېخى بايقالمىدى. ئەمما ئوزۇقلۇقشۇناسلار ۋىتامىن F چەكتىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىنسا، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ كۆرسىتىدۇ، كۈنىگە 12 چاي قوشۇقى گازىر چاققاندا ياكى يېرىم دانە ياڭاق مېغىزىنى يېگەندە، ئادەم بەدىنىنى بىر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق ۋىتامىن F بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.