مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1203 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ۋىتامىن  B2 نىڭ ئارخىپى

باشقىچە ئاتىلىشى: رىبوفلاۋىن

تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ۋىتامىن B2 قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كىرىستال بولۇپ، سۇدا ئېرىيدۇ، ئەمما ئېرىش دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن، ئىشقارلىق ئېرىتمىدە ئاسان ئېرىيدۇ. ئىسسىققا، كىسلاتاغا چىداملىق بولۇپ، تاماق ئېتىش داۋامىدا ئاسانلىقچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ، لېكىن يورۇقلۇقتىن، بولۇپمۇ ئولترا بىنەپشە نۇردىن قورقىدۇ.


ئاساسلىق رولى

تېرىنىڭ ۋىتامىنى دېگەن نامى بار. ۋىتامىن B2 تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش جەھەتتە خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. ئۇ ئورگفنىزمنىڭ يېتىلىشىنى ۋە ھۈجگيرىلەرنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى تېرە، تىرناق، چاچنىڭ ساغلام ئۆسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

ۋىتامىن B2 ئاقسىل، شېكەر ھەمدە ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشى ۋە پايدىلىنىشىدىمۇ خېلى مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ، ئۇ بەدەن ئۈچۈن ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇپ بەرگەندىن باشقا، ئۇنىڭ ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى كۈچەيتىش رولى ياغنىڭ قان ۋە جىگەردە جۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرگە قارىتا ئوكسدلاش-ئوكسىدسىزلاش رولى بولۇپ، پېروكسىدلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا ئارتېرىيىنىڭ قېتىشىشى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

ئېغىز بوشلۇقى، كالپۇك، تىلىنىڭ ياللۇغلىرىنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدۇ. 

ۋىتامىن B2 ئورگانىزمدىكى ھەرخىل فلاۋىن ئېنزىملىرىنىڭ كوئېنزىم قىسمى بولۇپ، بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش جەريانىدا كەڭ دائىرىدە ھىدروگېن توشۇش رولىنى ئوينايدۇ.


يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

ۋىتامىن B2 كەمچىل بولغاندا ئاسانلا جاۋىغاي ياللۇغلىنىش، كىچىك سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىش، يىرىڭداش، تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىپ ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى پەيدا بولىدۇ.


تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

ھامىلىدار ئاياللار: ئەگەر ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە پېيى تارتىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ھەركۈنى 10 مىللىگرام ۋىتامىن B2 ئىستېمال قىلىپ بەرسە كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. 

گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار: تەركىبىدە ۋىتامىن B2 مول يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەر بولغانلىقتىن، گۆشسىز تاماق تەركىبىدە ۋىتامىن B2  بىر قەدەر ئاز بولىدۇ، ئەگەر دىققەت قىلىنمىسا، ناھايىتى ئاسانلا ۋىتامىن B2 يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ۋىتامىن B2 نى ئىستېمال قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر. 

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىستېمال قىلىۋاتقان ئاياللار: ئۇزۇن مۇددەت ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەندە بەدەننىڭ ۋىتامىن B2 گە بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، ئەگەر مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاپ تۇرمىسا، ئاسانلا ۋىتامىن B2 يېتىشمەسلىك كېسىلى پەيدا بولىدۇ. 

ياشانغانلار: ھەركۈنى 20-30 مىللىگرام ۋىتامىن B2 ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، سەكتە ۋە ئارتېرىيە قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

ئارتېرىيە قېتىشىشقا گىرىپتار بولغانلار، ئورۇقلىماقچى بولغانلار، تېرە ياللۇغى بارلار ياكى تېرىسى ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىشىپ كېتىدىغانلار.


يېمەكلىكتىن كېلىش مەنبەسى

كۆكتات تۈرىدىكىلەر: مەسىلەن، كۆك پۇرچاق، قېتىق، يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلار، سەي پۇرچاق قاتارلىقلار. 

دانلىق زىرائەتلەر ۋە قارا ئاشلىق تۈرىدىكىلەر: مەسىلەن، ئۆرۈك مېغىزى، قارا پۇرچاقك، قىزىل پۇرچاق، ماش، كۈنجۈت قاتارلىقلار.

باشقىلار: مەسىلەن، ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، كالا سۈتى ۋە سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر.


مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

قىچىشىش، پالەچلىنىش، ئوتتەك قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

سۈيدۈكنىڭ رەڭگى سارغۇچراق بولىدۇ. 

زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا سۈيدۈك بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ ۋە زەھەرلىنىش پەيدا قىلمايدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.