زۆرۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئارخىپى
باشقىچە ئاتىلىشى: ۋىتامىن F (ئىلگىرى قوللىنىلغان نامى).
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: بۇ بىرخىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنى ئۆزى بىرىكتۈرەلەيدىغان ھەم ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق ماددىدىن ئىبارەت. بايقالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇنىڭغا ۋىتامىن F دەپ نام بېرىلگەن، بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋىتامىنغا ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەسلىكى بايقالدى، شۇنىڭ بىلەن ۋىتامىن F دېگەن نامى قوللىنىلمايدىغان بولدى.
ئاساسلىق رولى
ئارتېرىيىدە خولېستېرولنىڭ چۆكۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.
بەزلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھۈجەيرىلەرنى كالتسىيدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
تېرە، چىش، چاچلارنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، دانىخورەكنى داۋالايدۇ.
ئادەم بەدىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قاننىڭ ئۇيۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان بېسىمنىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ.
قېرىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
ئىچ سۈرۈش، تېرە قۇرغاقلىشىش، زىيادە سېزىمچانلىق، دانىخورەك چىقىش، ئۇسساش، چاچ چۈشۈش، ھۆل تەمرەتكە چىقىش، تىرناقتا كېسەل پەيدا بولۇش، ئورۇقلاش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، ۋېنا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش كېسىلى، ئۇنتۇغاقلىق، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى ۋە قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى
ئۇزۇن سېزىمچانلىق كېسىلى، يۈرەك كېسىلى بارلار، چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەر، پۇتى جاراھەتلەنگەنلەر، كانايچە مەنبەلىك زىققە كېسىلى بارلار، تەڭگە تەمرەتكە چىقىپ قالغانلار، خولېستېرول مىقدارى يۇقىرىلار، جىم تۇرالماسلىق كېسىل بارلار.
كۆپ ئورۇنلۇق قېتىش كېسىلى، ھۆل تەمرەتكە، رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى، ئۆت خالتىسى كېسەللىكلىرى، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە يېنىكلەپ كېتىش ياكى زىيادە ئېغىرلاپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار.
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى
ئۆسۈملۈك ياغلىرى (كۆممىقوناق) يېغى، زەيتۇن يېغى، ئاپتاپپەرەس يېغى، دادۇر يېغى، خاسىڭ يېغى قاتارلىق)، قاتتىق پوستلىق مېۋىلەر، يېڭى گۆش، كۆپ ساندىكى بېلىقلار، تۇخۇم سېرىقى، پىشلاق، سۈت قاتارلىقلار.
مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئادەم ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ۋىتامىن F بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى نۆۋەتتە مەلۇم بولغان تەبىئىي ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارىسىدا، خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولى ھەممىدىن گەۋدىلىك بىرخىل ماددىدۇر.
كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى
قوبۇل قىلىنغان بارلىق كالورىيە ئارىسىدا، ئاز دېگەندىمۇ %1 زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى بولۇشى لازىم، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، تېخىمۇ كۆپ زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى لازىم بولىدۇ.
تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئىككىسىنىڭ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنىش نىسبىتى 1:2.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.