ئىنوزىتولنىڭ ئارخىپى
باشقىچە ئاتىلىشى: تالا ئاكتوھولى
تۈرى: ياغقا مايىل سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ئىنوزىتول B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ بىرخىلى، ئۇ بەدەندە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى، كاربون 4 ئوكسىدنىڭ مۇقىملىشىشى ۋە ئامىنو كىسلاتانىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىق جەريانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ياغ ۋە خولېستېولنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا مەسئۇل بولىدۇ.
ئاساسلىق رولى
ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرولنىڭ سانلىق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، جىەەر ۋە باشقا توقۇلمىلاردىكى ياغنىڭ مادا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياغنىڭ جىگەرگە جۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
چاچننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھكل تەمرەتكىنى داۋالايدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
نېرۋىدا كېسەللىك ئكزگىرىشى يۈز بېرىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت يېتىشمىسە، ئاسانلا ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى
دائىم تەركىبىدە كوففېئىن بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغانلار: زىيادە ككپ كوففېئىن قوبۇل قىلغانلىقتىن، بەدەندە ئىنوزىتول يېتىشمەسلىككە سەۋەپچى بولۇپ، ئىنوزىتول كەملىك كېسىلى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن تەركىبىدە كوففېئىن بار يېمەك-ئىچمەكلەرنى، مەسىلەن، قەھۋە، چاي قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئىنوزىتولنى كۆپرەك تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش لازىم.
ھۆل تەمرەتكە چىققان بىمارلار: يېتەرلىك ئىنوزىتول ئىستېمال قىلغاندا، ھۆل تەمرەتكە چىقىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
خولېستېرول، قاندىكى ياغ مىقدارى يۇقىرىراق بولغانلار ياكى ئارتېرىيە قېتىشىشقا مۇپتىلا بولغانلار: مۇۋاپىق مىقداردا ئىنوزىتول ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاشقا نىسبەتەن بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.
ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلار: مۇۋاپىق مىقداردا ئىنوزىتول ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى
جىگەر، ئېچىتقۇ، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، كالا يۈرىكى، كۆك پۇرچاق، لىگا ئاق تۇرۇچ (چوڭ ئاپېلسىن)، كىشمىش ئۈزۈم، خاسىڭ كاللەكبەسەي قاتارلىقلار.
مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
تەتقىقاتلاردا ككپ مىقداردا ئىنوزىتول ئىستېمال قىلىسا قوشۇمچە تەسىر پەيا قىلىدىغانلىقى تېخى كۆرسىتىپ بېرىلمىدى. لېكىن ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ككپ مىقداردا ئىستېمال قىلماقچى بولغاندا، چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش لازىم.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
فوسفاتىدىل خولىن ئىستېمال قىلغاندا، ئىنوزىتول ۋە خولىنلار بەدەندىكى فوسفور مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقتىن، بىرلا ۋاقىتتا يەنە كالتسىي ئىستېمال قىلىپ، بەدەندىكى فوسفور ۋە كالتسىينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىنوزىتول ئىستېمال قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى خولىن ۋە باشقا ۋىتامىنلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش لازىم.
كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى
چوڭلارنىڭ كۈنلۈك ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىش مىقدارى 1000 مىللىگرام.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.