مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2066 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ۋىتامىن C نىڭ ئارخىپى

باشقىچە ئاتىلىشى: قان بۇزۇلۇشقا قارشى ۋىتامىن.

تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ۋىتامىن C ھەممىگە تونۇشلۇق ئوزۇقلۇق بولۇپ، ئۇ كۆكتات، مېۋە-چېچىلەرنىڭ تەركىبىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئۇ بىر مەھەل خاتا ھالدا ھەممىگە شىپالىق ئاجايىپ دورا دەپ قارالغانىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.


ئاساسلىق رولى

راك كېسىلىگە قارشى تۇرىدۇ. 

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردا ئاھالىلارنىڭ ۋىتامىن C نى ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن ئىكەن. ئامېرىكا ئالىملىرى نيۇيورك، ئىسلاندىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلارنىڭ ۋىتامىن C نى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى تەھلىل قىلغان، نەتىجىدە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۈنىگە ئىستېمال قىلىدىغان ۋىتامىن C مىقدارى ھەممىدىن يۇقىرى، ئۇلارنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ئىكەنلىكى، ئىسلاندىيىلىكلەرنىڭ كۈنىگە ئىستېمال قىلىدىغان ۋىتامىن C مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئىسلاندىيىنىڭ ئاشقازان راكى كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.


20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئامېرىكىدا ئاشقازان راكى ئۆلۈش سەۋەپلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشقازان راكى ئۆلۈش سەۋەپلىرى ئىچىدە يەتتىنچى ئورۇنغا چۈشتى. تەتقىقاتچىلار، بۇ خىل ياخشى ساغلاملىق يۈزلىنىشى ھەرقانداق داۋالاش تەدبىرلىرىگە مەنسۇپ ئەمەس، ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ يېڭى كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلالىغانلىقىدىن بولغان دەپ قاراشماقتا. ھالبۇكى يېڭى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن C بولىدۇ. 

ۋىتامىن C بەدەندە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا-نىتروزامىننىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 


ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. 

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس شۆبىسىدىكى دوكتور ئېنستورم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنى كۈنىگە 300 مىللىگىرام ۋىتامىن C غا ئېرىشەلىسە، ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى ئالتە يىل، ئاياللارنىڭ ئۆمرىنى ئىككى يىل ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. 


تېرىنى ئاسرايدۇ. 

ۋىتامىن C ئاساسلىقى كوللاگېننىڭ بېرىكتۈرۈلۈشىگە قاتنىشىدۇ، قان تومۇر ئۈستۈنكى تېرىسىنى شەكللەندۈرىدىغان مۇھىم ئاساسىي ماددا، قارا پېگمېنت (مەسىلەن، سەپكۈن، ئالىچىپار تەمرەتكە ۋە قارا داغ) نىڭ شەكىللىنىشىنى تورمۇزلايدۇ. 


ئاياللار ئۆتىدە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

1998-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى ئامېرىكا ‹‹ مېدىتسىنا مۇنبىرى گېزىتى›› دە خەۋەر قىلىنىشىچە، كالىفورنىيىدىكى مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرى، ۋىتامىن C ئىستېمال قىلغاندا ئاياللارنىڭ ئۆتىدە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دېگەن. 

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى پروفېسسورى، دوكتور سىموننىڭ قارىشىچە، ۋىتامىن C خولېستېرول  (ككپ ساندىكى ئكت تېشىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى) نىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىغا ئۆزگىرىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. 

ياللۇغنى تورمۇزلايدۇ.

ۋىتامىن C نىڭ ياللۇغنى تورمۇزلاش جەھەتتىكى رولى ئاساسلىق جىنسىي يولى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋە داۋالاشتا ئىپادىلىنىدۇ.

گېرمانىيىنىڭ فرېيئورگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ئېد پاس مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: ۋىتامىن C جىنسىي يولىدىكى نورمال باكتېرىيە توپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئېدپاس دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ياللۇغىنى داۋالاشتا ئانتىبىئوتىك دورا ۋە خىمىيىلىك داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانماي، ۋىتامىن C جىنسىي يول شامچىسىنى ئىشلىتىپ داۋالاش لازىم. 

بۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىن C يەنە چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

پارازىت قۇرت، باكتېرىيە، ۋىرۇسلار ئادەم بەدىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، شارائىت مۇۋاپىق بولسىلا، ئۇلار كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ. ئەگەر بەدەندىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ‹‹چاتاق چىققان يەر›› گە تېز سۈرئەتتە يېتىپ بارالمىسا، بۇ تاجاۋۇزچىلار زور مىقدردا كۆپىيىپ، يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. 

ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى بىر مۇھىم رولچى-ئىنتېرفېرون (توسالغۇ ماددا) دىن ئىبارەت، ئۇ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئاكتىپلىقىغا ئىگە ئاقسىلدۇر. ۋىتامىن C نىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرغاندا، ئىنتېرفېرون بەدەندە كۆپلەپ پەيدا بولىدۇ-دە، بۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتدارى كۈچىيىپ، ھەرخىل يۇقۇملىنىشلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

ھەريىلى تارقىلىشچان زۇكام پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، ۋىتامىن C نى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىدۇر. 


قان تومۇرلارنى ئاسراپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

ۋىتامىن C ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاساسلىق قاندىكى ترىگلىتسېرىد ۋە خولېستېرول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە جىگەر، بۆرەكنى ماينىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ كېڭىيىش ئىقتىدارى توسالغۇسىنى يەڭگىللىتىدۇ. 

تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ تار بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن C بەئەينى قان تومۇر دىۋارىنى ‹‹تازىلىغۇچى ئىشچى›› نىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇ ماي دۇغلىرىنىڭ چۆكۈشىدىن ھاسىل بولغان جاراھەت ئىزلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى سىلىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلايدۇ. 


چارچاشنى تۈگىتىپ، بەدەن كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. 

جىسمانىي جەھەتتىكى چارچاش ئاساسلىقى ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان ماددا خوراپ تۈگەپ، بۇنىڭ ئورنىغا بەدەندە چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا جۇغلىنىپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، ۋىتامىن C بۇ چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى تېز سۈرئەتتە پارچىلاپ تاشلايدۇ. 

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: ۋىتامىن C بارلىق ۋىتامىنلارنىڭ ئارىسىدىكى چارچاشنى ھەممىدىن بەك تۈگىتەلەيدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈ دورا، ئەگەر ئۇ ۋىتامىن B1 بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، چارچاشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى ئازايتىدۇ.

تاماكا چېكىدىغانلار ئەگەر مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن C تولۇقلاپ تۇرسا، ھېچبولمىغاندا ئۆپكە راكى، يۈرەك كېسىلى ۋە تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدىغان باشقا كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، دېمەك ۋىتامىن C  بەدەنگە نىسپەتەن مۇئەييەن قوغداش رولىغا ئىگە. 

بۇنىڭدىن  باشقا، ۋىتامىن C نىڭ تاماكا تاشلاشقا نىسبەتەنمۇ ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، نىكوتىنغا بېقىنغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىش ئارزۇسىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تورمۇزلايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تاماكا خۇمارىنى پەيدىنپەي تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.


بېسىمنى تۈگىتىپ، روھىي كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.

مېدىتسىنا مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: روھىي بېسىم چوڭ بولغان چاغدا، بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ خىزمىتىنىڭ تېزلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ، بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋىتامىن C نىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ چاغدا ئەگەر ۋىتامىن C قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، بۆرەك ئۈستى بېزى يېتەرلىك مىقداردا بېسىمغا قارشى ھورمۇن ھاسىل قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ-دە، ئادەم ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ماغدۇرسىز، تىت-تىت بولىدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.


قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. 

قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا، ھەمىشە زەھەرلىك ماددىلار چوڭ ئۈچەيگە يىغىلىپ قالىدۇ، ئەگەر پەرۋا قىلىنمىسا، چوڭ ئۈچەي راكى پەيدا بولۇش خەۋپى بولىدۇ. ئەگەر تەركىبىدە ۋىتامىن C مول كۆكتات ياكى مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، قەۋزىيەتنى داۋالىغىلى، چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.


كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

مېدىتسىنا مۇتەخەسىسلىرى، كۆز گۆھىرىنىڭ دۇغلىشىشىدىكى سەۋەب، ئاقسىلنىڭ ئوكسىدلىنىشتىن ئىبارەت. ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بۇ خىل ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىسىنى تورمۇزلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. 

مۇتەخەسىسلەر مۇنداق تەكىتلەيدۇ: دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ۋىتامىن C دىن پايدىلىنىپ داۋالىسا، ئوپېراتسىيە قىلمايمۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.


جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. 

ۋىتامىن C جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى بىۋاسىتە ياخشىلاپ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىستېمال جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، قايتا ھاسىل بولۇشى ۋە جىگەر گلىكوگېننىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق زەھەرنى قايتۇرۇش، سېرىقلىقنى ياندۇرۇش، جىگەر ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ترانسئامىنازانى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. 

بۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىن C نىڭ يەنە باكتېرىيە ئىچكى زەھىرى بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارى بولۇپ، باكتېرىيە ئىچكى زەھىرىنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى دائىم ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىپ بېرىشى زۆرۈر.


يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

ئەتراپ ئارتېرىيە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ۋىتامىن C سۇدا ئېرىيدىغان بىرخىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ، ئەگەر ئۇ ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمىسە، ئۇ ھالدا ئادەم بەدىنىدىكى ئوكسىدلىنىپ زىيانغا ئۇچراشنى تىزگىنلەيدىغان ‹‹ بىرىنچى مۇداپىئە سېپى›› مەۋجۇت بولماي قالىدۇ-دە، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار (ئەركىن رادىكاللار) كۆپىيىپ چۆكمە ھاسىل قىلىپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى باشقا رېئاكتىپلارنى كۆپلەپ خورىتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا بەدەندە قېپقالغان ۋىتامىن C نىڭ ئۆزىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. 

ئەتراپ ئارتېرىيە كېسىلى ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ بىرخىل تىپى بولۇپ، ماي ئارتېرىيە دىۋارىغا چۆكۈپ، ئاساسلىق تۆۋەنكى مۈچىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئاقساپ مېڭىشتىن ئىبارەت، ئادەتتە پەي تارتىشىش ياكى چارچاش، ئاغرىش، تۆۋەنكى مۈچە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.


قان بۇزۇلۇش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

قان بوزۇلۇش كېسىلى 18-ئەسىردە كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغان، ئاشۇ يىللاردا، كىشىلەرنىڭ دېڭىز سەپىرى ئىنتايىن ئەۋج ئالغان، لېكىن كېمىدە يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، كېمە خادىملىرى ناھايىتى ئاسانلا قان مەنبەلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، كىشىلەر ئۇنى قان بۇزۇلۇش كېسىلى دەپ ئاتىغان. 

قەدىمكى مىسىرنىڭ ‹‹پاپىرۇس›› ناملىق كىتابىدا ‹‹قان بۇزۇلۇش كېسىلى›› دېگەن بۇ ئاتالغۇ خاتىرىلەنگەن. قان بۇزۇلۇش كېسىلىدە قان تومۇرلار چۈرۈكلىشىپ، چىش مىلىكى، ئىچكى ئەزالار قاتارلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى قانايدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىپ كېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىرخىل كېسەل ھېسابلىناتتى.



تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى 

ئورۇقلاۋاتقانلار: ئورۇقلاۋاتقان مەزگىلدە ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم چىقىرىندىلىرى كۆپىيىدۇ، ۋىتامىن C نى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغاندا ئەركىن رادىكاللارنى تۈگەتكىلى ھەمدە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇقلىغاندىن كېيىن تېرە بىرقەدەر بوشاپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ۋىتامىن C تولۇقلىسا، كوللاگېننىڭ ھاسىل بولۇشىنى كۆپەيتىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 

كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار: كۈنىگە 350 مىللىگرام ۋىتامىن C ئىستېمال قىلغاندا، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلىنىدۇ. 

ئاسپېرىن، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، زۇكام دورىسى ياكى ستېوئىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىچىۋاتقانلار:  يۇقىرىقى دورىلار ۋىتامىن C نىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇڭا بۇ دورىلارنى ئىچىۋاتقانلار ۋىتامىن C نى تېخىمۇ ككپ ئىستېمال قىلىشى لازىم. 

تاماك چېكىدىغانلار:

يېڭىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغان ياكى جاراھىتى بارلار:

ھەردائىم بۇلغانغان مۇھىتتا تۇرىدىغانلار: 

چىش مىلىكى ئاسان قانايدىغانلار، ئاسانلا قان قېيىپ قالىدىغانلار:

ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدىغانلار:

زۇكامدىن قىزىپ قالغانلار:

ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر: 

ھامىلىدار ئاياللار : 

بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار: 

تەنھەرىكەت ماھىرلىرى:


يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

ۋىتامىن C ئاساسلىقى كىشىلەر ئادەتتە ككرۈپ تۇرىدىغان كككتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ تەركىبىدە مەۋجۇت بولۇپ، بۇلاردىن چېچەكسەي، كۆكمۇچ، ئاپېلسىن، ئۈزۈم شىرنىسى، شوخلا، كاللەكبەسەي، ئارپىبەدىيان قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول. 

بۇلاردىن باشقا يەنە خاسىڭ، كۆممىقوناق، تاۋۇز قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن مول، لېكىن تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارىمۇ چوڭ پەرقلەر مەۋجۇت.


مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يېقىمسىزلىنىشى، قان ئۇيۇشقا قارشى دورىلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. 

ئۆسۈش مەزگىلىدىكى بالىلار كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ئىستېمال قىلغاندا، كېيىنكى مەزگىللەردە ئاسانلا سۆڭەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ.

 قان رەڭ ماددىسى ئولتۇرۇشۇپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تېنىدە ئەسلىدىلا زىيادە كۆپ تۆمۈر ساقلانغان بولىدۇ، بۇ چاغدا ۋىتامىن C دىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ككپ تۆمۈر قوبۇل قىلىنسا، قان ئايلىنىشقا بېسىم پەيدا بولۇپ، يۈرەك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋىتامىن C ئادەم بەدىنىدە پەقەتلا 4 سائەتلا ساقلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم تولۇقلاش لازىم. 

ئادەم بەدىنى ۋىتامىن C نى بىرىكتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنى يېمەك ئىچمەكتىن قوبۇل قىلىش زۆرۈر. ئادەتتە كىشىلەر يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلسا، ۋىتامىن C ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ھاجەتسىز، ئەگەر ئىستېمال قىلىش زۆرۈر بولسا، جەزمەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.