تاماكا چېكىدىغانلارغا: تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ قېنى تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، تاماكا چېكىدىغانلار ھەر كۈنى 1000mg ۋىتامىنC قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەركۈنى بىر قاپتىن ئارتۇق تاماكا چېكىدىغانلار قوبۇل قىلىدىغان ۋىتامىنC نىڭ مىقدارىنى 2000mg غا يەتكۈزۈشى كېرەك.
ھاراق ئىچىدىغانلار: ئىسپىرت ئادەم بەدىنىدىكى B تۈرىدىكى ۋىتامىنلارنى كۆپ مىقداردا خورىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ھاراق ئىچىدىغانلار ھەر كۈنى 75mg ۋىتامىنB2 ۋە 20mg~15mg ۋىتامىنB6 قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ياشانغانلار: 65 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر 1600 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنA، 300 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنD، B تۈردىكى ۋىتامىنلارغا كۆپرەك ئېھتىياجلىق. بىراق يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ۋىتامىنE تابلېتكىسىنى ئىستېمال قىلغاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار: بۇ خىل كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، مېڭىگە ئوكسىگېن يەتكۈزۈشكە ياردەم بېرىدىغان ۋىتامىنE تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بۇ كىشىلەر 30~40 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنE، 2000mg ۋىتامىنC، 400 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنD ۋە 5000 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنA غا ئېھتىياجلىق.
شۇنى تەكىتلەر كېرەككى، ۋىتامىن تولۇقلاشتا دورىغا تايىنىۋالماسلىتىن، بەلكى كۈندىلىك يېمەكلىك ئارقىلىق ۋىتامىن تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.