مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1513 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ۋىتامىن B13 نىڭ ئارخىپى

تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن. 

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ۋىتامىن B13 كىشىلەر نۆۋەتتە ئانچە كۆپ بىلمەيدىغان ۋىتامىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسپىرتتا ئېرىمەيدۇ، سۇدا ئازراق ئېرىيدۇ.


ئاساسلىق رولى

يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B12 نىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىگەر كېسىلى ۋە ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆپ خىل قېتىشىش ئالامەتلىرىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.


يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

بۇنىڭغا ئالاقىدار يېتىشمەسلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخى بايقالمىدى.


تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

جىگەر كېسىل بىمارلىرى.


يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

تەركىبىدە ۋىتامىن B13 مول يېمەكلىكلەردىن يىلتىز غوللۇق كۆكتاتلار، قويۇق سۈت، قېتىق ياكى سۈت كونسېرۋاسىنىڭ سۇيۇق قىسمى قاتارلىقلار بار.


مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

ھازىرغا قەدەر چەكتىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىشنىڭ ناچار تەسىرى بايقالمىدى.


ئىستېمال قىلىش مىقدارى

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى توغرىسىدا ئارتۇق ئېتىراپ قىلىنغان تەۋسىيە يوق. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.