ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2010-07-05

    تور بانكىسىدا مەشخۇلات قىلغاندا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك ؟ - [تور بىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/68229033.html

    تور بانكىسىدا مەشخۇلات قىلغاندا تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئادەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
      (1) تورخانا ۋە ئورتاقئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرلاردا تور سودىسى قىلماسلىق .
      (2) ئادىرېسنى تور كۆرگۈچكە بىۋاستە كىرگۈزۈش ، ھەقىقى ئادىرېسنى ساقلاپ (收藏)  قويۇپ ، كىيىن زىيارەت قىلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش .
      (3) تور بانكىسىغا كىرگەندىن كىيىىن HTTPS نىڭ ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىنى ، تور كۆرگۈچنىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدە ئالتۇن رەڭلىك كىچىك قۇلۇپنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ، ئاشۇ قۇلۇپنى ئوڭ چېكىپ ئىسپاتنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش . ئەڭ ياخشىسى ئىسپاتتىكى ئادىرېسى بىلەن تور كۆرگۈچنڭ ئادىرېس كىرگۈزۈش ستونىدىكى ئادىرېسىنىڭ ماس يەكى ئەمەسلىكىنىمۇ تەكشبۈرۈش . ئەگەر مۇشۇلاردىن بىرى نامۇۋاپىق بولسا شۇئان تور بانكىسى مەشخۇلاتىنى توختىتىپ سەۋەبىنى ئېنىقلاش .
      (4) تور بانكىسىدىن چىكىنگەندا بىخەتەر چىكىنىش (安全退出) كونۇپكىسىنى بېسىپ چېكىنىش .
      (5) تور بانكىسىنىڭ تىزىملىتىش پارولى بىلەن سودا قىلىش پارولىنى ئوخشاش قىلماسلىق ۋە تۇغۇلغان كۈن ، تېلفۇن نۇمۇرى ، كىملىك قاتارلىق تەرتىپلىك سانلاردىن تۈزۈلگەن پاروللارنى ئىشلەتمەسلىك . يەنە پات - پات پارولىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش .
      (6) سودا خاتىرسىنى قەرەرلىك تەكشۈرۈپ تالون بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇش .
      (7) ھەر قانداق ۋاقىتتا ھىسابات نۇمۇرى ۋە پارولىنى ئۆزى ساقلاش ، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەسلىك كېرەك .  ھەر قانداق ئېلخەت ، قىسقا ئۇچۇر . تېلفۇن قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھىسابات ۋە پارول سۈرۈشتە قىلىش ھەركەتلىرىگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىك .  ئەگەر ناتونۇشلارنىڭ پارولنى بايقاپ قالغانلىقىنى سەزگەن ھامان پارولنى ئۆزگەرتىش كېرەك

    分享到: