ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2010-07-05

    alimama دىن ئېلان ئالغۇچىلار دىققەت - [تور بىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/68226180.html

    ھازىر Google ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ قىيىنلىقى تۈپەيلى كۆپىنچە تور بىكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگرلار 阿里妈妈   ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىپ قۇيىۋاتىدۇ .

    alimama ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىش ئاسان، ئۇنى تور بەت ياكى بلوگقا قۇيۇشمۇ ئاسان، كود تەڭشەش ئۆزگەرتىش كەتمەيدۇ . ئەمما  كىرىم جەھەتتە Google ئېلانىغا يەتمەيدۇ، بىر چېكىلىشى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 0.11 يۈەن ، يۇقىرى بولغاندا 1.00 يۈەن  بولىۋاتىدۇ  .

    ئەمدى سىز alimama ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىپ بېكىتىڭىزگە ياكى بلوگقا قۇيىۋالسىڭىزلا بولامدۇ؟

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، چوقۇم تاپقان پۇلىڭىزنى ئالىدىغان ئورۇن ياكى تور بەت بولۇشى كېرەك .

    alimama پۇلنى alipay تور بانكىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىدۇ ، شۇڭا alipay ھېساباتىڭىز بولۇشى كېرەك . alipay ھېساباتىڭىز بولغاندىمۇ چوقۇم گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك بولمىسا پۇلنى يەنىلا ئالالمايسىز .

    شۇڭا ئالدىراپ alimama ھېساباتىڭىزنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتمىگەن alipay غا باغلاپ سالماڭ، بىكار قىلىش سەل تەسرەك .( مەن ئىلگىرى شۇنداق قىلپ قۇيۇپ ، ئۇلارغا نەچچە رەت بانكا كارتام يوقاپ كەتكەن، قايتىدىن alipay غا تىزىملاتماقچى ئىدىم دەپ يۈرۈپ ئاران بىكار قىلدۇرغان ) .

    سىز پۇلنى تېپىۋېرىڭ، alimama ھېساباتىڭىز توختاپ قالمايدۇ، alipay نى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن باغلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .

     

     

     

    分享到: