ساداقەتمەن بلوگى
-
2010-07-05
Google ئېلانى ئالاي دىگەنمۇ - [Googleبىلىملرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/68158099.html
تور ئېچىلغاندىن بۇيان ناھايىتى كۆپ تور بىكەت باشلىقلىرى ۋە ھەۋەسكارلار ئۆزىنىڭ تور بېكىتىگە Google AdSense ئېلانى ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلىقىنى قانداق ئىلتىماس قىلىشنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقىنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى، تور بېكىتىىڭ تىل تۈرىگە قايسى تىلنى تاللايدىغانلىقنى مەندىن سورىدى، شۇڭا تۆەندە Google AdSense ئېلانى ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارغا ئازراق پايدىسى تېگىپ قېلىشى ئۈچۈن ئىلگىرى تور نورمال ۋاقىتتا Google AdSense ھەققىدە مەخسۇس يازما ئېلان قىلىدىغان بىر تور بىكەتتىن ساقلىۋالغان تۆۋەندىكى يازمىنى يوللاپ قويدۇم، پايدىلىنارسىلەر.
Google AdSense ئېلان ئىلتىماس قىلغاندا تىل تۈرىنى ئەرەپچىگە توغۇرلاپ ئىلتىماس قىلغىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوق. چپقۇم خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىسچە بەت سىستېمىسىنى بوشلۇقىڭىزغا چىقىرىپ شۇنىڭغا تۆۋەندىكى يازمىدا دېيىلگىنىدەك ئازراق ئەجىر قىلىپ بېقىڭ.
Google AdSense ئىلتىماس قىلىشقا بۇلىدۇ. ئۇنىڭ چەكلىمىسى يوق. ئەمما 2008-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ Google AdSense تۈزىمىنى قاتتىق چىڭىتتى ۋە بارلىق يۇچۇقلارنى بىكار قىلدى. تەستىقلاشتىكى تەلەپنى تېخىمۇ چىڭىتىپ تەستىقلىنىش نىسبىتىنى يېرىم ھەسسە ئازلاتتى. شۇنىڭلىق بىلەن ھازىر 100قېتىم ئىلتىماس قىلسىڭىز 99 قېتىم رەت قىلىدىغان ھالەتكە كىلىپ قالدى. بۇ ئەمەلىيەتتە Google AdSense نىڭ ھەقىقىي ئۈنىمىنى قوغداش ۋە تور بىكەتلەرنىڭ ھەقىقىي سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش خالاس، ئەگەر سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز:تور بىكەت بوشلىقى،
6 ئايدىن ئاشقان تور نامى
تەييار تور بىكەت كودى بولماسلىقى، ئۈزىڭىز قول سېلىپ ئىشلىگەن تور بىكەت سىستىمىسى بۇلىشى،
150پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يوللانغان بۇلىشى يوللانغان چىسلا ھەرگىز بىر ياكى ئىككى كۈن ئىچىدە بولماسلىقى، تەخمىنەن 2 ئاي ئۆپ-چۆرىسىدە، ھەركۈنى 2~3 پارچىدىن يوللانغان بۇلىشى كىرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم نوقتا).
18ياشتىن ئاشقان بۇلىشىڭىز
كىملىكىڭىز بولغان بۇلىشىبۇرۇن Google AdSense ئېلان ھىساباتىڭىز بولمىغان ، ھەم توختاپ كەتمىگەن بۇلىشى ( بىر ئادەم بىرنىلا. توختاپ كەتكەندىن كيىن مەڭگۈ ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.)
پوچتىدىن خەت تاپشۇرۋېلىش ئىمكانىيىتىڭىز بۇلىشى
تور بىكىتىڭىزگە ھەر كۈنى ئەڭ تۈۋەن دىگەندە 100 IP كىرەلىشى
ئېلاننىڭ چىكىلىشىگە قارىتا ھەرگىز ساختىلىق ئىشلەتمىگەن بۇلىشىڭىز كىرەك.
يۇقارقى شەرتلەرنى ئادا قىلالايمەن دەپ قارىسىڭىز ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ. تەستىقلىنىش نىسبىتى %30، ئەمما ئۈمۈد كۈتۈپ كەتمەڭ. ئەگەر سىزدە تور نامى كۆپرەك بولسا ئۇ ھالدا بىر تور بىكتكە بىر نەچچە تور نامنى باغلاپ ھەممىسىدىن ئىلتىماس قىلىپ سىناپ بېقىڭ. ئەلۋەتتە كىملىكتىكى ئىسىمدىن باشقا ھەممە ئۇچۇرلارنى ئوخشىمايدىغان قىلىپ تولدۇرسىڭىز بۇلىدۇ. ئۆزگەرتكىلى بۇلىدۇ كىيىن.
بىراق، بۇ ئۇسۇلدىمۇ تەستىق ئېلىش ئىنتايىن تەس.