ساداقەتمەن بلوگى
-
2010-07-05
Google نىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟ - [Googleبىلىملرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/68158022.html
Google دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇچۇر ئىزدەش تور بېكىتىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئىسىم ھازىر Internet دېگەندەك داڭلىق سۆزگە ئايلاندى.
بۇنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
Google (گۇگېل) ئىنگلىزچە سۆز Googol (گۇگول)نىڭ ئىملاسىغا سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قوللىنىغان ئىسىم بولۇپ، زىيادە چوڭ ساننى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ 10 نىڭ 100-دەرىجىسى (يەنى بىرنىڭ كەينىگە 100 دانە نۆل كەلگەن سان) دىن ئىبارەت.
ئۇ بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق زەرىچىلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق مەزمۇندىكى سۆزنى تور بېكەت نامىغا ئىشلىتىشى ھەيران قالارلىق ئىش بولماستىن، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان كىشى داڭلىق كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا دوكتۇرى ئىدى.
Googol دېگەن سۆزنى ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكىلىق ماتېماتىكا ئالىمى Edward Kasner (ئېدۋارد كەسنېر)نىڭ 9 ياشلىق جىيەنى Milton Sirotta (مىلتون سىروتتا) ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭ بۇ ئىسىمنى شىركەت نامىغا ۋە تور بېكەت نامىغا قوللىنىشى Internet دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم ئىرادىسىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ئەمما، Google شىركىتى، Googol دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتمىگەن، چۈنكى، Googol.com ئاللىبۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىۋېلىنغان بولۇپ، ئىملاسى خاتا بولغان Google نى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
Googol زىيادە چوڭ ساننى بىلدۈرىدۇ، ئەمما، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ سان بار. كومپيۇتېر ئالىمى Frank Pilhofer (فرانك) ئوتتۇرىغا قويغان Googolplex دېگەن سان تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇ 10 نىڭ Googol -چى دەرىجىسىگە تەڭ. ناۋادا، ئۇنى قەغەزگە بېسىپ چىقارماقچى بولسىڭىز، 3.125*10^85 يىل ساقلايسىز.