• 2009-06-10

    دۇنيادا ياخشى كۆرسىتىلگەن نەرسىلەر - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40798492.html

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «دۇنيالىقلىرىڭلاردىن ماڭا ئۈچ نەرسە ياخشى كۆرسىتىلدى، ئۇ بولسىمۇ خوشبۇي پۇراق، (سالىھ) ئايال، كۆزۈمنىڭ نۇرى بولغان ناماز، دۇر».
    بۇلارنى ئاڭلىغان ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : ”راست دەيسەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭىمۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسە ياخشى كۆرسىتىلدى. ئۇلار بولسىمۇ؛ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يۈزىگە قاراش، مال – مۈلكۈمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىراجەت قىلىش، قىزىمنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نىكاھىدا بولۇشى، دېدى.
    بۇلارنى ئاڭلىغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئەبا بەكرى! راست دەيسەن، ماڭىمۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسە ياخشى كۆرسىتىلدى، ئۇلار بولسىمۇ؛ ئەمرمەرۇف ، نەھىي مۇنكەر (يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇش) ۋە كونا كىيىم كىيىش.
    بۇلارنى ئاڭلىغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئۆمەر! راست دەيسەن، ماڭىمۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسە ياخشى كۆرسىتىلدى، ئۇلار بولسىمۇ؛ قورسىقى ئاچلارنى تويغۇزۇش، يالىڭاچلارنى كىيىندۈرۈش، قۇرئان ئوقۇش.
    بۇلارنى ئاڭلىغان ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئوسمان! راست دەيسەن، ماڭىمۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسە ياخشى كۆرسىتىلدى، ئۇلار بولسىمۇ؛ مېھمانغا خىزمەت قىلىش، يازنىڭ ئۇزۇن ئىسسىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش، قىلىچ بىلەن ئۇرۇشقا چىقىش.
    بۇ ئارىدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھۇ تەبارەكە تائالا سىلەرنىڭ دېگەنلىرىڭلارنى ئاڭلاپ، ناۋادا مېنىڭمۇ دۇنيا ئەھلىدىن بولغىنىمدا نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى مەندىن سورۇشىڭ ئۈچۈن مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتتى» دېدى.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ناۋادا سەن دۇنيا ئەھلىدىن بولغىنىڭدا نېمىلەرنى ياخشى كۆرگەن بولاتتىڭ؟» دەپ سورىدى.
    جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: «ئازغۇنلۇق يولىغا كىرىپ قالغانلارنى توغرا يولغا باشلاش، (يولدىن چىقانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش)، دۇئا ۋە ئىلتىجا ئەھلىلىرى بولغان غېرىپ- مىسكىنلەر بىلەن دوست بولۇش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تارتىدىغان ئائىلىلەرگە ياردەمدە بولۇشنى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى:
    «ئاللاھ تائالا قۇللىرىنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل خۇلقىنى ياخشى كۆرىدۇ: ئۇ خۇلۇقلار؛ بىرەر ئىش قىلسا ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچ ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىشى، قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ يىغلىشى، پېقىر بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭغا سەۋر قىلىشى، قاتارلىقلاردۇر.»
    غېرىپلار
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتە نەرسە ئالتە ئورۇندا غېرىپتۇر.»
    ناماز ئوقۇمايدىغانلار ئارىسىدا مەسچىت غېرىپتۇر.
    تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ئۆيدە قۇرئان غېرىپتۇر.
    فاسىق ئادەمنىڭ دىلىدا قۇرئان ئايەتلىرى غېرىپتۇر.
    مۇسۇلمان سالىھ ئايال يامان خۇيلۇق زالىم ئادەمنىڭ قولىدا غېرىپتۇر.
    سالىھ مۇسۇلمان ئەر يامان خۇيلۇق، ناچار خوتۇننىڭ قولىدا غېرىپتۇر.
    سۆزىگە قۇلاق سالمايدىغانلار ئارىسىدا ئالىم كىشى غېرىپتۇر.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بۇ ئالتە نەرسىنى غېرىپ قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ.»
    مەنبە:http://www.islamnuri.netتۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇنەۋۋەر نىياز ئۇيغۇرى


    收藏到:Del.icio.us




* M4 E. T1 J* ^7 R5 a