• 2009-06-07

    <<لېيىغان بۇلاق>> - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40646787.html

    يېڭى چېچەك ئېچىلغاندا يالتىراپ،
    بىز دۇنياغا ئۇمىد بىلەن تۆرەلگەن.
    ئۇزاق كارۋان يوللىرىغا ئىز سالغان،
    بوۋىلارنىڭ پاك روھىغا يۆلەنگەن.

    سۇزۇك بۇلاق سۇلىرىغا ئىنتىلدۇق،
    ئىچكىنىمىز بولدى لىكىن لاي - لاتقا،
    سەپەر مۇشكۇل،يوللار قىستاڭ تىكەنلىك،
    بولۇپ كەلدى قەدەم ئالساق قاياققا.

    ئۆمرىمىزنى زەھەرلىدى،خۇن قىلدى،
    ئىتبېلىقى ئۇچراپ ھەربىر بۇلاققا.
    مانا شۇنداق ئۆتتى ئۆمۇر مەنزىلى،
    ياشلىقىمىز قالدى ئەمدى يىراقتا.

    چەيلىۋەتسە باش كۆتەرگەن كوكاتتەك،
    جان تالىشىپ تۇردۇق يەنە ئاياغقا.
    كەچمىشلەرنى يېزىپ قويدۇق بىر - بىر لەپ،
    سۈزۈكلۈكنى تىلەپ يېڭى ئەۋلادقا.


    يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ كۆپ قىسىملىق رومانى <<لېيىغان بۇلاق>> نىڭ يەتتىنجى قىسمى << ۋىسال دەقىقىللىرى>> دىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




* M4 E. T1 J* ^7 R5 a