-
2009-06-05
ئۈمىد - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40531922.html
ۋاپا ئىزدەپ جاپا چەكتىم جۇدالىق توستى بەختىمنى ،
كۆڭۈل بەرسەم نادانلەرگە چۈشەنمەي كەتتى قەلبىمنى .
تاپارمەن قايسى شادلىقنى ئۆزۈمنى بۇنچىلا خارلاپ ،
پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئىش ئەمدى نە قىلاي زارلاپ .
ھاياتقا ئىشەنچىم باردۇر ، ياشاشنىڭ يوللىرى بىرلا ،
كۈرەش قىلماقنى ئىستەيمەن ،ماڭاكى باش پاناھ _ ئاللاھ .
ئۆمۈرنىڭ كۆكىدە نۇرلۇق ئۈمىدنىڭ يۇلتۇزى ئۆچمەس،
بۇ جېنىم بولسىلا تەندە ، ئىرادەم توزۇماس_ تۈگىمەس .
كەلمىدى
تەلمۈرۈپ كۈتتۈم نىگارنى ، بۇ يەرگە نىگار كەلمىدى ،
كۆڭلى ئاق ، تېنى ئىپار ، قەلبى باھار كەلمىدى .
ئىزدىسەم كۆككە بېقىپ زوھرە يۇلتۇزۇم قېنى ،
مامۇق بۇلۇت ئىچرە پەرى، شاد روزىغار كەلمىدى .
كارۋىنىم قىلسا سەپەر غەرب تامان قوقانىگە ،
كۆزلىرىم ئارقىدا قالدى ، خۇش ئىنتىزار كەلمىدى .
تاپمىدىم ئالەم كېزىپ كۆڭلۈمگە ھەمراھ بىر پەرى ،
ھۆر گۈلىدىن گۈل تىزىپ ،قاشىمغا ئۇز يار كەلمىدى .
بۇ زېمىننىڭ تۇپرىقى شور ، سۇلىرى كەتتى سېسىپ ،
بار قەلبىمدە دەرد _ئەلەم ، كۆڭۈلگە ئەسرار كەلمىدى .
مەن يۈرۈپ چۆللەر ئارا يارىمنى ھەر يان ئىستىدىم ،
ۋە لېكىن قالدىم پىراقتا ، روخسى گۈلنار كەلمىدى.
1933-يىل
سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن ، ئويلىساڭچۇ ؟
سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن ، ئويلىساڭچۇ ،
ئىززىتىڭ ، ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ ؟
كۆكرىكىڭدىن يېنىپ تۇرمىسا ئوتلىرىڭ ،
ئەللىرىڭ ، يۇرتلىرىڭ نۇر بولارمۇ ؟
سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن ، ئويلىساڭچۇ ،
ئىززىتىڭ ، ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ ؟
تىغ ئېلىپ ، ئاتلىنىپ جەڭ قىلمىساڭ ،
يۇرتلىرىڭ ، خەلقلىرىڭ ھۆر بولارمۇ ؟
1933-يىل ، فېۋرال
سايرام كۆلى
سايرام كۆلى ئۆزۈڭ كىچىك ، دەردىڭ تولا ،
داۋالغۇيسەن ، ساھىللاردىن تاشالمايسەن .
ئەتراپىڭنى قورشىۋالغاچ ئېگىز تاغلار ،
ئۈمتۈلىسەن ، داۋانلاردىن ئاشالمايسەن .
1921-يىل ، بورتالا
پارچە
سۆيسە سۆيىمەن ،
يەر بىلەن يەكسان بولسا .
سۆيمىسە سۆيمەيمەن ،
مىسىرغا سۇلتان بولسا .
1935-يىلى ماي ، ئاتۇش
مەنبە ئارمىنىم تورى <مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى > دىن
收藏到:Del.icio.us