• 2009-06-05

    ھەرەم جۈمە خۇتبىسى - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40531448.html

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتەرەم  قېرىنداشلار دىققىتىڭلارغا مەسجىدىلھەرام  بەيتۇللادا ئوقۇلغان جۈمە خۇتبىسى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تەقدىم قىلىمىز.

    جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان  مەسجىدۇلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ ئابدۇرەھمان ئەسسۇدەيس جانابلىرى...

      ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

    "ھازىرقى زامان ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققىي قىلغان دەۋرىدىكى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ قايسى بۇلۇڭىدا بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئاۋازلىق، رەسىملىك، نەخ مەيدان ئۇچرىشىش ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىلىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

      ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

    ئى مۇسۇلمانلار ھازىرقى زامان كەشپىياتلىرى،بىلىم-مائارىپ ساھەلىرىدە ئىنسان بۆسۈش خاراكتېرلىك زامانىۋى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ،ئۇچۇر-ئالاقە تورلىرى خالىغان ۋاقىتتا خالىغان ئادەم بىلەن ئاۋازلىق ۋە رەسىملىك، نەخ مەيدان ئۇچرىشالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزدى. بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى،سۈرەتكە كىرگۈزگۈچى قۇدرەتلىك ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا شۇنداق مۇدھىش ئەقىلنى بەردى، سانائەتتە تەرەققىي قىلىپ يىڭى نەرسىلەرنى ئىجات قىلدى. كەرىمدا تۈنجى نازىل بولغان ئىقرە سۈرىسىدە ئاللاھ  تائالا "ئىنسانغا بىلمىگەننى ئۆگەتتى" دېگەن ئايەت ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىجادىيەت،كەشپىياتلىرى ئاللاھ  بىلدۈرگەن بىلىم دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

    ھازىرقى زاماندا ئىنسانىيەت ئىجات قىلغان ياكى كەشىپ قىلغان تەرەققىياتلار، ئاپراتلار ئىنسانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكىدە شەك يوق. زامانىۋى ئاپراتلارنىڭ بەرىكىتىدىن ئىنسانلارغا دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولسۇن يۈزبەرگەن ۋەقەلەر چاقماق تېزلىكىدە يېتىپ كېلىدۇ. يىراقنى يېقىن قىلالايدۇ. لېكىن بۇ تېخنىكىلارنى سۈيئىستىمال قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، زامانىۋى تېخنىكىلارنى سۈيئىستىمال قىلغان ئادەم گۇنا-مەسىيەت سادىر قىلغان بولىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرشۇ زامانىۋى تېخنىكىلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. قول تېلفونلىرى، كومپىيوتىرلەر،ئىنتېرنېت تورلىرىنىڭ قۇربانى بولدى. ئىنسانلار بۇ زامانىۋى تېخنىكلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ پايدىلانغان بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر پايدىلىنىشتا ياخشى پايدىلانماستىن تېخنىكىلار، ئاپراتلارنى سۈيئىستىمال قىلغان، مەنىۋى قورغاقلىق، ئەخلاقىي ئاجىزلىق، ئەقىدە، تەپەككۇر،مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئېغىر تاللاشلارغا دۇچ كەلدى.مەزكۇر تېخنىكىلارنى قوللىنىشتا ئىنساندا مۇئەييەن ئەدەپ-ئەخلاق قارىشى، مەيدان-پرىنسىپ بولۇشى كېرەك، بۇ ئەدەپ- ئەخلاقلار ئىنسانلارنىڭ بەسىرەت نۇرىنى ئاچىدۇ، ئىخلاسىنى كۈچەيتىدۇ.

    1-   بىز قوللىنىۋاتقان بارلىق زامانىۋى تېخنىكىلار، قول تېلفۇنلىرى،كومپىيۇتىر، ئىنتېرنېت تورلىرى ئىنسانلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىجات قىلىنغان ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى بولۇپ، قوللانغۇچىلار ئۆز لايىقىدا پايدىلىنىپ،ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىشى كېرەككى سۈيئىستىمال قىلىش نېمەتكە تۇز كورلۇق قىلغانلىقتۇر.

    2-   كۆپلىگەن ئىنسانلار يانفۇنلارنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئىنسانلارغا ئازار بېرىش، بىئارام قىلىش، ئەدەپ-ئەخلاققا زىت،بولمىغۇر سۆزلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئازار بېرىدۇ.

    3-   تېلفون سۆزلەشكەنلەر قارشى تەرەپ بىلەن سالاملاشقاندا ئاللاھنىڭ سالامى بولغان:"ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" بىلەن باشلاش كېرەك.

    4-   سۆزلەشكەندە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قىسقا سۆز قىلىش،بىھۇدە سۆزلەرنى قىلماسلىق كېرەك.چۈنكى ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە ھېساباتى باردۇر.

    5-    ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ رەسىمىنى تارتىش، ئاۋازىنى لېنتىغا ئېلىش، تېلفون ئارقىلىق سۆزلەرنى باشقىلارغا توشۇش ئارقىلىق سۇخەنچىلىك قىلىش، جاسۇسلۇق قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كولاش شەرىئەت ئۆلچىمى بويىچە خاتا، چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردۇر.

    6-  يەنەبىر ئاگاھلاندۇرۇشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە قول تېلفونلارنىڭ مۇزىكىلىرى بولۇپ، مەسچىتلەردە، ئاممىۋى سورۇنلاردا مۇزىكىلارنىڭ ھەرتەرەپتىن ياڭرىشى ئىنسانلارغا ئازار بېرىدىغان،ئىبادەتلەرگە دەخلى يەتكۈزىدىغان، بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن سىردىشىدىغان مۇھىم ھالقىلىق پەيتىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ئامىللاردۇر.

    7-    تېلفوننى ناماز ۋاقتىدا ئۇچۇق قويۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ خۇشۇ-خۇزۇلىرىنى بۇزۇش ئېغىر خاتالىقلاردىندۇر.

    8-   ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتلاردا تېلفون سۆزلىشىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر. نۇرغۇن ئىنسانلارغا تۈگىمەس بالا -مۇسىبەتلەرنى كەلتۈرگەن قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئېلىنغان سىتاتستىكىلاردا كۆپۈنچە قاتناش ۋەقەسى شوپۇر ماشىنا ھەيدەۋېتىپ تېلفون سۆزلەشكەنلىكى سەۋەپتىن بولغانلىقى ئىسپاتلاندى.

    9-    ئاتا-ئانىلار ئەۋلادلىرىنى تېلفون، كومپىيوتېر قوللىنىشتا ئەدەپ-ئەخلاق، قائىدە تۈئزۈملەرگە رىئايە قىلىش ھەققىدە تەربىيە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىدۇ.ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ بارلىق ياخشى-يامان ئىشلىرىدىن مەسئۇلدۇر.

    10-  مەزكۇر تېخنىكا ئاپراتلىرىنى سۈيئىستىمال قىلىش ئەخلاقى چىرىكلىك بولۇپ، ۋىجداننى يوقاتقانلىقتۇر.
    زامانىۋى تېخنىكا ئاپراتلىرى، ئۇچۇر ئالاقە ئاپراتلىرى 2بىسلىق نەرسىلەر بولۇپ ئۇلارنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىگە ئىشلەتكەنلەر پايدا ئالىدۇ. سۈيئىستىمال قىلغانلار زىيان تارتىدۇ، دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ.
    ئاللاھ بارچىمىزنى ياخشىلىققا نېسىپ قىلسۇن، يامانلىقتىن يىراق قىلسۇن ئامىن !.


    收藏到:Del.icio.us




* M4 E. T1 J* ^7 R5 a