سائادەت
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
ئېرىمەسمەن،زارلاشلىرىڭغا! - [شېئىرلىرىم]
2009-05-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39979777.html
ئېرىمەسمەن،زارلاشلىرىڭغا!
ئۈنسىز سۇكۇتتە يۇرسەم تىپ-تىنچ،
ھىچنىمىنى بىلمەس بۇ دىمە!
گۇلخان ئىدىم سەن ئۆزۇڭ ياققان،
ئاخىرقى ئۇچقۇننى قىلدىڭغۇ دەپنە.
گۆدەك ،سەبى بىر قىز چېغىمدا،
بۆسۇپ كىردىڭ قەلىب خانەمگە.
نىمانچىلا شىرىن مۇھەببەت،
جار سالغۇزدۇڭ پۇتۇن ئالەمگە.
سۆيگۈ شەربىتىگە سۇنغان لەۋلىرىم،
قېتىپ قالدى مۇدھىشلىرىڭدىن.
ئاھ جۇغۇلداپ پۇتۇن ۋۇجۇدۇم،
سەسكەندى ھەم سۇيۇشلىرىڭدىن.
شەھۋىتىڭگە قۇربانلىق قىلىپ،
تاللىغانكەن سەن مىنى ئەسلى.
شۇنچە تىزلا چەيلەندى گۈلۇم،
غازان بۇلۇپ نەۋ-باھار پەسلى.
تۇنۇپ يىتىپ سىنى قايتىدىن،
خاتىمە بەردىم ئالداشلىرىڭغا.
ئۆز خىلىڭنى تاپقىن!تىز يوقال!
ئېرىمەسمەن زارلاشلىرىڭغا!
2008.1.6历史上的今天:
كىچىككىنە تەكلىپ 2009-05-26شېئىر__ئوغلۇم 2009-05-26يارىتىشىنى مەن ياراتتىم 2009-05-26جاۋاپ بېرىسەن 2009-05-26دوست بولغىن بىلگەنلەر بىلەن<سائادەت> 2009-05-26
收藏到:Del.icio.us