ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • ئەمدى مەن يالغۇز ئەمەس. - [پىروزا ئەسەرلىرىم]

      2009-05-26

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/39979724.html

       ئەمدى مەن يالغۇز ئەمەس.

      ئاپتۇۋۇزدىن چۇشۇشىم بىلەن تەڭ كېچىچە تارتقان ئۇيقۇئازاپلىرىنى بىراقلا ئۇنتۇپ،ئۇھ دەپ يىنىك تىنىپ ھاردۇقۇم چىقىپلا قالدى.پاكىز،گۇزەللىكى بىلەن دىللارغا ھوزۇر بېغىشلىغۇچى بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىن كىسىپ ئۇتىدىغان ئاشۇ سۇيى ئەلۋەك دەريا بۇ شەھەرگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشقان ھالدا تىنىم تاپماي شەرققە قاراپ ئاقاتتى...
      بۈگۈن نەۋرە ھەدەمنىڭ تويى بولماقچى،شۇ سەۋەپلىك ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ بۇ شەھەرگە يەنە قايتا قەدەم تاشلىدىم.
      -ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!دەپ ئۆيگە كىرىشىم بىلەن تەڭلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ سالام قايتۇرغان تۇنۇش چىرايلاردىن دىلىم سۇيۇنۇپ يۇرەكلىرىم تىپچەكلەپ كەتتى،ھەر-قايسى يىراق-يېقىنلاردىن كەلگەن ئۇرۇق-تۇققانلار شۇنچە قىزغىن كۆرۇشۇپ ،قۇچاقلىشىپ ھەتتا كۆز-يېشى قىلىشىپ كەتتۇق،نەۋرە ھەدەمنىڭ ھوسىن تۇزەش ئورنىغا ياسىنىشقا كەتكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم كۇتۇپ تۇرۇشنى لايىق كۆرمەي ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ ئورنىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇدۇل شۇ يەرگە باردىم،ئازادە،ياسىداق بېزەلگەن ھۆسىن تۇزەش مەركىزىدىن ھەدەمنى تىزلا تاپتىم .
      قىزغىن ،خوشاللىق ئىچىدە سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنى ياساش بىلەن بىر مەھەل ئالدىراش بۇلۇپ كەتتۇق،
      [مەن پەقەت چېچىمنىلا ئاددىلا تۇگدۇرۇپ ياساتقاندىن كىيىن يۇمشاق ئورۇندۇققا چۇكۆۇپ ھەدەمنىڭ ئەتتىگەندىكى ھەشقىپىچەكتەك ئېچىلىپ،نۇرلىنىپ كەتكەن چىرايىغا تويماي قارىغانچە ئاغزى-ئاغزىمغا تەگمەي نەچچە يىل يىغىلىپ قالغان سۆزلىرىمنى ئېيتىپ ،مۇڭدىشىپ ئولتۇراتتىم،بۇ دۇكاننىڭ ئىچىدە بىر-بىرىدىن چىرايلىق قىزلاردىن ئوننەچچىسى بار بۇلۇپ ھەممىسى ئۆزكەسپىنى ئالدىراش ئورۇنداۋاتاتتى...بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىز تۇيۇقسىز دىققىتىمنى تارتتى،16-17ياشلار چامىسىدىكى ئاددى،پاكىز كىيىنگەن ،ئوماققىنە بۇ قىزغا ھەر-بىر قارىغىنىمدا يۇرەكلىرىم ئىختىيارسىز تىترەپ كەتكىنىدىن تولىمۇ ھەيرانلىق ھىس قىلدىم،(توۋا نىمە ئىشتۇر بۇ؟بۇ قىز ماڭا نىمانچە تۇنۇش،يېقىملىق كۆرۇنىدىغاندۇ؟نىمىشقا ئۇنىڭغا قارىساملا باشقىچە بىر خىل بۇلۇپ كىتىدىغاندىمەن؟بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەن بولغىيمىدىم يە؟ياق،ياق،كۆرگەن بولساممۇ بۇنداق يۇرىكىم سېلىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدىغۇ؟)ئۆزۇمدىكى بۇ روھى ھالەتتىن بەكلا ئەجەپلىنىش ئىلكىدە كۆڭلۇمگە لەپپىدە كەلگەن بىر گۇمان مىنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى(راست شۇمىدۇ؟)دىگەنلەرنى ئويلىدىمدە يۇرىكىم تېخىمۇ ئەنسىز تىپچەكلەپ كەتتى.
      ********************************************************************************
      بۇنىڭدىن 15يىل بۇرۇن مىنىڭمۇ شۇنداق قاملاشقان،بويلىرى ئىگىز،قاڭشارلىق،مىھرىبان بىر ئاكام بولغان،گەرچە ئۇنىڭغا تىك بېقىپ قاراپ باقمىغان بىرەر قېتىم(سەن)لەپ سۆزلەپ باقمىغان بولساممۇ ،بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئاكىلاردىن ئارتۇق كۆرەتتىم،ھۆرمەتلەيتىم،پەخىرلىنەتتىم،دادا مىھرىنىڭ قانداق بۇلىدىغىنىنى كۆرۇشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن مەن ئۇچۇن ئۇ ھەم دادا ھەم ئاكا ئىدى.شۇنداق بىر ئاكامنىڭ بولغىنىدىن ئۆزۇمنى شۇنچە بەخىتلىك ھىساپلاپ سۆيۇنەتتىم.
      مەكتەپتىن قايتىپ ئۇدۇللا ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر جۈپ پەرىشتىلىرىمنى كۆرۇشكە ئالدىراپ يۇگرەيتىم ،ئۇنىڭ مىھرىبان ئايالى بېشىمنى سىلاپ كىيىملىرىمنى سالدۇرۇپ بولغۇچە بىر جۈپ قىزى ماڭا ئېسىلىشىپ قۇچىقىمغا چىقىپ بۇلاتتى،ئۇلارنىڭ تاتلىق-چۇچۇك تىللىرى ،ئەركىلەشلىرى ...ماڭا چەكسىز خوشاللىق خوشاللىق،سۇيۇنۇش ئاتا قىلاتتى.
      ئەپسۇس بۇ بەختىيار گۇزەل كۈنلەر خۇددى تۇيۇقسىز چىققان شىۋېرغان ئۆرۇك چېچەكلرىنى بىر كېچىدىلا توزىتىۋەتكىنىگە ئوخشاش،بىر كېچە ئىچىدىلا ھەممە خوشاللىقلىرىمنى ئاكام بىلەن قۇشۇپ رەھىمسىز رىئاللىق قوينىغا دەپنە قىلىۋەتتى.
      شۇنداق بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار قاتارىدا ئاكاممۇ بىز بىلەن مەڭگۈلۇك خوشلاشتى.ئادەم تولىمۇ ئاجىز بولغىنى بىلەن ھەممىگە كۆنىدىكەن،باش ئىگىدىكەن.
      بۇ رەھىمسىز تەغدىردىن پۇچۇلىنىپ ،بۇ ئايرىلىش ھىجرانلىرىغا بەردەشلىق بېرىشكە تولىمۇ ئاجىزلىق قىلدىم،ئاكامنىڭ مەن ئۇچۇن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ،ئۆزۇمنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تۇۋرۇكۇم،يولباشچىم،قانىتىم....ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ھىس قىلغىنىمدا ئۇ ئاللىقاچان سوغۇق تۇپراق ئاستىغا مەڭگۈلۇككە كۆمۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
      ++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
      ئاكامنىڭ يىل نەزىرىدىن كىيىن يەڭگەم ئاكامنىڭ دوستلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى ۋە تۇرتكىسىدە قايتا ياتلىق بولماقچى بولدى.ئاكام قازا قىلغاندا چوڭ قىزى ئايگۇزەل 3ياشقا كىچىگى گۈزەلنۇر 6ئايلىق ئىدى كېڭىشىش ئارقىلىق ئايگۈزەل يەڭگەم بىلەن بىللە كىتىدىغان گۇزەلنۇرنى بىز باقىدىغان بۇلۇشۇپ يەڭگەم باشقا ناھىيەگە ياتلىق بۇلۇپ كەتتى،بىر مەزگىل ئالاقىلىشىپ،بېرىپ-كىلىپ تۇرغان بولساقمۇ كىيىن ئۇيولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ باشقا شەھەرگە كەتكەندىن كىيىن ئالاقىمىز ئۇزۇلۇپلا قالدى ،ئاپام ئىككىمىز گۇزەلنۇرنى ئېلىپ نەچچە قېتىم ئىزدەپ بېرىپمۇ ئۇلارنىڭ دېرىكىنى ئالالماي قايتىپ كەلدۇق ھەم يەڭگەمنىڭ ياتلىق بۇلۇپ ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ مەلۈم يېرىگە كەتكەنلىكىنى بىلدۇق.گۈزەلنۇر تولىمۇ ئوماق،ئەقىللىق چوڭ بولدى ،كۆز-قاڭشارلىرى ئاكامغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى.ئۇ 6ياشقا كىرىپ مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغىنىغا تېخى 5 ئاي بۇلىۋېىدى مەكتەپ ئالدىدا يۇز بەرگەن چوڭ قاتناش ۋەقەسىدە ھەممىمزنى ئاچچىق ھەسرەت،ھىجران ئازابىغا تاشلاپ دادىسىنىڭ يېنىغا ۋاقىتسىزلا كەتتى،بىر مەزگىل ئېسىمنى يوقىتىپلا قويدۇم،شۇنچە ئادەم پاتقان ،ياشاۋاتقان...دۇنيادىن نىمە ئۇچۇن مىنىڭ ئاكام ھەم تېخى ئون گۇلىنىڭ بىرسى ئېچىلمىغان سەبى قىزى مەھرۇم بۇلىدۇ؟ ئاھ رەھىمسىز قىسمەت،رەھىمسىز رىئاللىق...مىنىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق تەسەللى،خوشاللىق ،ئەرمەكلىرىمدىن مەھرۇم قىلدىڭ!
      -جۈرە سىڭلىم قايتىمىز دىگەن سۆزدىن ئەندىكىپ خىياللىرىمنىڭ يىپى ئۇزۇلۇپ بېشىمنى كۆتۇردۇم.ھەدەم ياسىنىپ تەييار بۇلۇپ بولغان ئىدى ،مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئىشىك تۇۋىگە باردىمدە،كەينىمگە ئۆرۇلۇپ ئۇ قىزغا يەنە بىر قارىدىم،(گەپ قىلايمۇ؟ئەگەر ئەمەس بۇلۇپ قالسا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىنىپ قالارمەنمۇ؟)دىگەنلەرنى ئويلىغاچ توي بۇلىدىغان رېستۇراننىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.
      توي باشلاندى ،ھەممە چېھىردە خوشاللىق ،توي شاتلىقى ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە مەن تولىمۇ بىئاراملىق ئىچىدە مەيۇس ئولتۇراتتىم ،بايىقى خىياللىرىمنىڭ ئىچىدىن پۇتۇنلەي چىقىپ كىتەلمىگەن جىسمىم تىترەيتى(ئۇ چۇقۇم ئايگۈزەل!)،كۆزلىرىمدىن تۇيۇقسىز،ئۆزۇممۇ سەزمىگەن ھالدا نەچچە تامچە ياش فونتاندەك ئېتىلىپ چىقتى،ئورنۇمدىن قانداق تۇرغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن زالدىن قانداق ئۈتۇپ،چوڭ يولغا قانداق چىققىنىمنىمۇ ھەتتا ئاشۇ ھۆسىن تۇزەش دۇكىنىنىڭ ئىشىكىنى قانداق ئېچىپ كىرگىنىمنىمۇ بىلمەيلا قالدىم.
      ـئايگۈزەل!!!!!!!!ئاۋازىم شۇنچە يۇقىرى ھەم تىترەڭگۈ چىقىپ كەتتى.
      ئۇ ئۆرۈلۇپ ماڭا قارىدى ،توۋا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ياش مىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى،
      ـمەن سىزنى كۆرگەندىلا يۇرىكىم سىزنىڭ ماڭا يات بىرسى ئەمەسلىكىڭىزنى تۇيغان،ماڭا شۇنچە ئۇزۇن قاراپ كەتكىنىڭىز گۇمانىمنى تېخىمۇ ئۈمىدلەندۈردى ،سىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەن ئارقىڭىزدىن رېستۇرانغا بېرىپ باشقىلاردىن توي ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى،سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى بىلگەندىن كىيىن مۇلازىمغا سىزگە مىنىڭ ئايگۈزەل ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ قۇيۇشىنى ھاۋالە قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم!
      ئۇنى مەھكەم باغرىمغا باستىم!ئاھ خۇدا مەن ئايگۈزەلنى تېپىۋالدىم!ئاكا مەن ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدۈمنى تېپىۋالدىم،بۇ دۇنيادىكى بىردىن بىر قېرىندىشىمنى تېپىۋالدىم!پۇتۇن جاھان ئاڭلا مەن يوقاتقان ،ئىزدەۋاتقان،بۇ دۇنيادا بار بولغان ھەممە نەرسەمنى تېپىۋالدىم!ئەمدى مەن يالغۇز ئەمەس!

      2008.1.6

      收藏到:Del.icio.us