-
يۇرت پىسخىكىسى ۋە باھا Yurt pisxikisi we baha - [ئۇيغۇرلار]
2008-11-06
يۇرت پىسخىكىسى ۋە باھا
Yurt pisxikisi we baha
بىز ئۈچۈن ئىنساننىڭ يۇرتى،نەسەبى،مەنسىپى ئەمەس،بەلكى ئىنسانلىقى،بولۇپمۇ ئىنسانلىق قەدرىنى بۈلۈش پەللىسىگە يەتكەن ئىنسانلىقى قىممەتلىك.
-بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن
ئۇيغۇرلىرىمىزدا تۆت كىشى بىريەرگە كېلىپ بىر كىشى ئۈستىدە سۆھبەت قۇرغان بولسا چۇقۇم تەكرارلىنىدىغان سۆز نىمە بۈلەمسىلەر؟ <<نەلىككەن>>دىگەن مۇشۇ سۆزسىز سۆھبەت قۇرۇلمايدۇ.خۇددى پاسمورىتسىز چەتكە چىقالمىغاندەك بۇسۆزنىڭ چىگراسىغا قەدەم باسماي تۇرۇپ سۆھبەت داۋام ئەتمەس بەلكىم. كىشىلىرىمىزدە <<نەلىككەن>> دىگەن بۇ سۆز سورىۋالمىسا قەتئىي بولمايدىغان،سورىيالمىسا كۆڭلى بىرقىسما بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.ئەجىبا بىر كىشىگە باھا بېرىشتە شۇ كىشنىڭ يۇرتى ئىنتايىن مۇھىممۇ؟شۇكىشىنىڭ يۇرتى باھا بېرىسنىڭ ئالدىنقى شەرتىمۇ؟
بىرەر يازغۇچىغا، سەنئەتكارغا ئاددىسى دۇست-بۇرادەرلەر، يېقىنلىرىمىزغا باھا بەرگەندە ئۇلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا،ئاۋال شۇ كىشىنىڭ يۇرتىنى سورايمىز ياكى يۇرتىنى ئېسىمىزگە ئالىمىزدە <<زادى شۇ xxلىكتىن ياخشى ئادەم چىقمايدۇ دەيمە>> دەپلا ھەممىنى يوق قىلىۋىتىمىز. ئۇ كىشىنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكى كۆزىمىزگە تاغدەك كۆرۈنۈپ كېتىپ، ئۇ كىشىنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرىنى يوقنىڭ ئورنىغا چىقىرىۋېتىمىز.
<<يۇرت پىسخىكىسى>> بۇ بىزنىڭ جەمىيتىمىزگە ئۇزۇندىن بېرى ھەريەر-ھەريەرلەرگە ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ،جەمىيتىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارىتتى. بولۇپمۇ كىشىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ئارىمىزدىن چىققان داڭلىق كىشىلىرىمىز توغرىسىدىمۇ ھەر قىسىم گەپلەر تارقىلىپ، شۇ كىشىنىڭ جەمىيەتتىكى نوپوزىغا، ئورنىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىغا ۋە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئارىمىزدىن چىققان شۇ ئالىملىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز، ئەربابلىرىمىز ۋە ئۆلىمالىرىمىز بىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىمىزغا ۋە ياكى دۇنيانى كۆزىتىشىمىز،چۈشىنىشىمىزگە،كەلگۈسىگە قەدەم ئېلىشىمىزدا ۋە مىللىتىمىزنى دۇنياغا ،ھېچ بولمىغاندا باشقا مىللەت ئەل-خەلىقلىرىگە تونۇتۇپ كېلىۋاتقان كىشىلىرىمىز ئەمەسمۇ؟ بۇ كىشىلىرىمىزنى سىرىتقا چىقسا باش كۆتۈرەلمەس، خىزمەتكە بارسا غەيۋەتتىن قۇتىلالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويساق بۇنىڭ بىزگە نېمە ئەھمىيىتى؟
بىر كىشىگە باھا بەرگەندە باشقىلار نېمە دېسە شۇنىڭ بىر ئۇچىغا ئېسىلىۋېلىپ ئەسلى مانداقكەن ئەمەسمۇ دەپلا قىززىق قانلىق بىلەن باھا بەرسەك بۇ تولىمۇ ئەخمىقانىلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىگە باھا بەرگەندە مەيلى ئۇ كىشى سىزنىڭ يۇرتدېشىڭىز بولسۇن،بولمىسۇن باھا بەرمەكچى بولغان كىشىنىڭ پەزىلىتى ۋە خىزمەتتىكى ئەمەلىيتىگە قاراپ سوغوققانلىق بىلەن باھا بېرىلسە دىگەن ئۈمۈدتىمەن.
بۇ دېگەنلىك كىشىگە باھا بەرگەندە ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى دەپ ،يامان تەرەپلىرىنى دېمەسلىك كېرەك دىگەنلىك ئەمەس . بولسا شۇ كىشىلىرىمىزنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلماي شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە چىرايلىقچە سىزنىڭ مانداق دىگىنىڭىز تازا دۇرۇس بولمىدى.ئەسلى مۇنداق دىگەن بولسىڭىز ياكى ئاشۇ سۆزنى دىمىگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن دەپ ئيتالىغىنىمىز ئەۋزەل.ئۆزىگە دېيىشكە قۇربىمىز يەتمىسە ياكى پۇرسەت بولمىسا مانا مۇشۇنداق سورۇنلاردا شۇكىشىگە بولغان سەمىمىي تىلىكىمىز ۋە ئارزۇ-ئۈمۈد،ياخشى يوللارنى كۆرسەتسەك بىزنىڭ بۇ يەردە قىلىنغان سۆزلىرىمىز شۇ كىشىنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىنى تۈزىتىشىگە ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىشىگە پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. يەنە ئەگەردە بەك يۇرتۋازلىقىڭىز قوزغۇلۇپ كېتىپ قالسا، يۇرت پىسخىكىڭىزنى يەلكىڭىزگە ئارتىپ سەكرەپلا باشقا يوللانمىلارنى زىيارەت قىلىشقا ئاتلىنىپ كەتسىڭىزمۇ بىر نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق،ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن. شۇنداقلا خەلقىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە سالام يوللايمەن.历史上的今天:
随机文章:
بالىلارنى خەنزۇچە ئۇقۇتۇشتىن تۇغۇلغان ئويلار Balilarni xenzuche oqutushtin tughulghan oylar 2009-01-06تىلىدا سۆزلىشىش مەدەنىيەتلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ Xenzu tilida sözlishish medeniyetlikning ipadisimu 2008-11-06ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق Uyhugr heqqide qoshaq 2008-11-06ئۇيغۇرنىڭ چۈشى!!! Uyghurning chushi!!! 2008-11-06
收藏到:Del.icio.us