-
2009-01-06
بالىلارنى خەنزۇچە ئۇقۇتۇشتىن تۇغۇلغان ئويلار Balilarni xenzuche oqutushtin tughulghan oylar - [ئۇيغۇرلار]
بالىلارنى خەنزۇچە ئۇقۇتۇشتىن تۇغۇلغان ئويلار
Balilarni xenzuche oqutushtin tughulghan oylar
ئۇيغۇر بولسىڭىز كۆرۈڭ،ئۇيغۇر بولسىڭىز ئويلىنىڭ!
بۇتىمىنى تور بەتلەرنى ئارلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالدىم. ئوقۇپ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم.ئۇلۇغ ئاللا تېمىنى يازغۇچىغا،تەھرىرلىگۈچىگە ئىنئاملارنى ئاتاقىلغاي.
بۇ تېما توغىرسىدا تىلشۇناسلىرىمىز, ئالىملىرىمىز تىرەن پىكىرلىك كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. مىنىڭ بىلىمىم چولتا بولسىمۇ, ئەتراپىمدىكى يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ بۇ تېما توغۇرلۇق تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
مەن تۇرۋاتقان يېزىدا ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا 12 باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى. ئۈچ يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولماسلىق سەۋەبىدىن قوشىۋىتىش، تاقاش ئارقىلىق ھازىر بولسا ئاران ئالتە باشلانغۇچ مەكتەپ قالدى. نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى پىلانلىق تۇغۇت بولسا، يەنە بىرى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار باشقا يېزا-مەيدانلاردىكى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. يەنە كىلىپ «زىيالى» ھىساپلىندىغان ئوقۇتقۇچى، كادىر-ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. شۇڭىمۇ قايسى بىر دانا «دېھقىنى بار مىللەت يۇقالمايدۇ» دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن.
ئۆزىڭىز ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ، پەرزەنتىڭىزنى باشقا تىل مۇھىتىدىكى مەكتەپتە ئوقۇتسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلغانلىق, ئۆزىڭىزنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقانلىق بولماي نىمە؟ ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازايسا مىللى تىلدىكى مەكتەپلەر تاقىلدۇ. مەكتەپلەر تاقالسا ئوقۇتقۇچى بولغان سىز نىمە ئىش قىلىسىز!
مەن بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردىن نىمە ئۈچۈن بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇدىغانلقىنى سورىسام ھەممىسى «بالىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتساق كىيىن چوڭ بولسا خىزمەت تېپىشى ئاسان بولىدۇ, ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئىرىشەلەيدۇ» دەپ جاۋاپ بىرىشتى. خەنزۇ تىلنى بىلگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىدىغان ئىش بولسا ھەر يىلى نەچچە ۋاگون ئىشلەمچىلەر شىنجاڭغا ئىش ئىزلەپ كىلەرمىدى؟
نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك ئالىملار ماقالىسىدىن سىتاتا ئېلىپ پايدىلانغان پەخىرلىك فىزىكا ئالىمىمىز ساھىپجامال دۆلەت خانىم، ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانى بولغان ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم ۋە باشقا كۆپلىگەن ئالىم مۇتەخەسسىلىرىمىز تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگىچە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنداقتا ئاشۇ سەبى پەرزەنتلەر يات تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ باردىغان مەكتەپتە ئوقۇپ زادى نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟ نېمىلەردىن مەھرۇم قالىدۇ ئۇلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە, خەنزۇ مەدەنىيتىنى, خەنزۇلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى ئۆگىنىدۇ.
بىر كۈنى ئىنىسى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئاغىينەمنىڭ ئۆيىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق ئاغىينەمنىڭ ئىنىسى يۈگۈرۈپ كىرىپلا «ئاكا, ئاكا بىز مەكتەپتىن كېلىۋېتىپ بىرنەچچە ئۇيغۇرنى ئۇرۋەتتۇق» دىدى. بىز نىمە دىيىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدۇق. شۇنىڭدىن كىيىن ئاتا-ئانىسنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئاغىينەم ئىنىسنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە ئەكىرىپ بەردى.
كاككۇك تۇخۇمىنى ئۆزىدىن كىچىك قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇغۇپ قويىدىكەن. باشقا قۇش ئۇقماي كاككۇكنىڭ تۇخۇمىنى ئۆزىنىڭ تۇخۇمى بىلەن بىللە باسىدىكەن. كاككۇك چۈجىسى ھېلىقى قۇشنىڭ چۈجىسىدىن بۇرۇنراق تۇخۇمدىن چىقىدىكەن ۋە تېز چوڭ بولىدىكەن. باشقا چۈجىلەر تۇخۇمدىن چىققاندىن كىيىن ئانا قۇشنىڭ تېپىپ كەلگەن ئۇزۇقى يىتىشمەيدىكەن. بۇنىڭ بىلەن كاككۇك چۈجىسى باشقا چۈجىلەرنى ئۇۋىدىن ئىتتىرۋېتىپ ئۆلتۈرۋېتىدىكەن. بىچارە ئانا قۇش ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ كاككۇك بالىسىنىڭ قۇرسقىنى بېقىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەيدىكەن. كاككۇك بالىسىنىڭ قانات-قۇيرۇقى يىتىلگەندىن كىيىن بىچارە «ئانىسى» نى داغدا قۇيۇپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن. بىز ھازىر پەرزەنتلىرىمىزنى كاككۇكقا ئوخشاش باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاشلاپ بەرگەن بىلەن, ئۇلار ھەرگىز كاككۇك چۈجىسىنى دورىيالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بېسىمى بىچارە پەرزەنتلىرىمىز كاتەكچىسىمان چەكسىز خەتلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈنىگە نەچچە دەپتەرنى توشقۇزۇشى كېرەك. ئەگەر تاپشۇرۇقنى ئۇرۇنلاپ بولالمىسا ئاتا-ئانىسنىڭ تايىقى, ئوقۇتقۇچىسنىڭ دەشناملىرى تەييار. شۇڭا 5-6 ياشلىق بالىلارنىڭ تارام-تارام يېغلاپ تۇرۇپ خەت يېزىۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆردۈم. (ئەلۋەتتە تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىمۇ بار. بىراق ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس.
ئاشۇنداق خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ دادىسىغا «دادا، مەن بارىمەن مەكتەپكە» دېگىننى ئاڭلىدىم. مەن «نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟ مەن مەكتەپتە بارىمەن دەڭ» دىسەم، ئۇ «ۋو چۈ شۆ شاۋ دىگەننى ئاشۇنداق دەيدىغۇ» دىدى. قاراڭ ئۇنىڭ يالغۇز تىلىلا ئەمەس، تەپەككۇرىمۇ خەنزۇچىلشىپ كېتىپتۇ. مەكتەپتە خەنزۇچە مۇھىت, ئۆيىگە كەلسە ئۇيغۇرچە مۇھىت. كىچىككنە سەبى بالا ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدا گاڭگىراپ ئېغىر دەرىجىدە پىسخكىلىق توسالغۇغا ئۇچىرىماي قالمايدۇ. ئۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇلار سادىر پەلۋان قوشاقلىرنى ئېيتالمايدۇ. ئۇلار چىڭتۈمۈر باتۇرنىڭ كاپ-كاپ كۈچىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئىپارخاننى تېلۋىزۇردىن كۈرۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان تارىخنى بىلمەيدۇ (ئاپپاق خوجىنىڭ ئىپارخاننى مانجۇ خانىغا سوۋغا قىلىش بەدىلىگە، جۇڭغارلارنى باشلاپ كېلىپ ئەجدادلىرىمىزنى قىرغىن قىلغىنىنى بىلمەيدۇ) نۇزۇگۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار مىللى ئارمىيىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئازات قىلىپ بولايلا دەپ قالغاندا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز توختاپ قالغانلىقىنى ئويلاشنى خالىمايدۇ. ئۇلار 12 مۇقامنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تۇيۇنغان مىسرالىرىدىن, ئىنساننى روھىيەت ئالىمىغا باشلىغۇچى سېھىرلىك كۈيلىرىدىن ھۇزۇرۇلىنىش ئەمەس, ھەتتا ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدۇ. ئالىپ ئەرتوڭاخان دىسە بەلكىم ئۇلار بۇ خەنزۇچە نېمە دىگەن گەپتۇ، دىيشى مۇمكىن. «ئوغۇزخان» ماركىلىق ھاراقنى ئىچىپ، «سەن شامال، مەن رومال» دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە توۋلاپ يۈرىشى مۇمكىن. ھازىر دۇنيا بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى.
Windows Wistaنى قاچىلاش باسقۇچىدىلا ئۇيغۇر تىلى دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.
چىڭغىز ئايتىماتوۋ «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دىگەن ئىكەن. توغرا ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەتنىڭ جىنايىتى. ئانا تىل بىزنىڭ ۋەتىنىمىز. ئانا تىلنى بىلمەسلىك ۋەتىنىنى ساتقانلىق بىلەن باراۋەر. ئاشۇ بالىڭىز چوڭ بۇلۇپ، ئاتا (ئانا) ماڭا نېمىشقا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەن؟ دىسە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىز؟
بەلكىم سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆيدە ئۆگىتىۋالىمەن دىيىشىڭىز مۇمكىن. ساۋادىنى ئانا تىلدا چىقىرىش بىلەن يات تىلدا چىقىرشنىڭ ئاسمان-زىمىن پەرقى بار. بالىڭىزغا 32 ھەرىپنى ئۆگىتىپ قويغىنىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتكەنلىك ئەمەس.
ئورتاق تىل(شىمال تەلەپپۇزى ئاساس قىلىنغان، بېيجىڭ تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىنغان خەنزۇتىلى ) دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى. شۇنداقلا دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئالتىدىن بىرى بۇ تىلنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا خەنزۇ تىلىنىمۇ چۇقۇم ئۆگىنىش كېرەك. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆز ئانا تىلىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولسا بولمايدۇ!
قايسى بىر نۇپۇزلۇق ماتىرىيالدىن «ھازىر شەرقى شىمالدا مانجۇ تىلىنى بىلدىغان توقسان نەچچە قېرى مانجۇ قېلىپ قالدى. ئەگەر ئۇلار ئۈلۈپ كەتسە، مانجۇ تىلى يەر شارىدىن يوقايدۇ» دىگەن خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. قاراڭ ئەينى ۋاقىتتا شۇنچە چوڭ جۇڭگونى نەچچە يۈز يىل سورىغان بىر مىللەتنىڭ ھازىرقى كۈنى ئەنە ئەشۇ!
خەلقئارا مۇھىت ئاسىراش جەمىيتى، كىت قۇتقۇزۇش جەمىيتى . . . . بولغان بىلەن مىللەت قۇتقۇزۇش جەمىيتى, تىل قۇتقۇزۇش جەمىيتى يوق. مەلۇم بىر خىل ئۈسۈملۈكنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى, قۇتقۇزايلى دەپ خەلقئارا جەمىيەت نۇرغۇن پۇل, ئادەم كۈچى ئاجىراتقان بىلەن, قىرغىن بۇلىۋاتقان ئىرقلار, يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. بىزنىڭ قولىمىزدىن باشقا چوڭ ئىش كەلمىسىمۇ, ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان بۇ بۈيۈك تىلنى ئەۋلادلىرىمىزغا ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە بولسىمۇ تىرىشايلى!!!
شۇتوربەتنىڭ تەھرىر ئىزاھاتى: ماقالىدا ئانا تىلنىڭ رولى ۋە قىممىتى ئەمەلىي مىساللار بىلەن شەرھلەنگەن. لېكىن، ئاپتور بەز بىر كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا شەخسىي ھېسسىياتىنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشتىنمۇ ساقلىنالمىغان. قانداقلا بولمىسۇن، ماقالىنىڭ ئانا تىل خىرسىقا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بەلگىلىك رولى بار دەپ قارايمىز.
مەنبە:جەسۇر تورى
خۇلاسە:سەن ئۇقۇتقۇچى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسسەن.سەن ھۆرمەتلىنىشكە مۇناسىپ ئەمەسسەن؛چۈنكى سەن بىزنى ئاتا-ئانىمىزنى،ۋە بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىمىزنى ئوقۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزەڭنىڭ بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرەلمەي تۇرۇپ يەنە كىمگە توغرا يول كۆرسەتكۈچى.ۋىجدانىڭ قېنى!!!(بۇسۆز ئۆزى مىللەتنىڭ يىتەكچىلىرى تۇرۇپ ئاناتىلىغا خائىنلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيتىلدى.لىكىن قەلبىمىزدىكى ھەقىقى يىتەكچىلەر مەڭگۈ قەلبىمىزدە ياتلانغۇسى! ).بۇسۆزنى ئاڭلاپ مەن ئوقۇتقۇچى بولمىغاندىكىن بولىۋىرىدۇ دەپ قالما چۈنكى سەن ئۇيغۇر! ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.
收藏到:Del.icio.us
评论