-
2011-05-05
موڭغۇلىيەدە تۈركلەر دەۋىرىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمىي قەۋرىسىدىن چىققان يادىكارلىقلار كۆرگەزمە قىلىندى Mong'ghuliyede Türkler Dewiridiki Uyghur Aqsöngeklirining Qedimiy Qewrisidin Chiqqan Yadikarliqlar Korgezme Qilindi - [ئۇيغۇرلار]
سۇمرۇغ تورى خەۋىرى: موڭغۇلىيەدە تۈركلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمكى قەۋرىسى تېپىلغان بولۇپ، يېقىندا قەدىمكى قەۋرىدىن تېپىلغان بۇيۇملار رەسمىي ھالدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇ ھەم موڭغۇلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركلەرنىڭ دەۋرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كۆرگەزمىگە قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەدىمىي قەۋرىنى موڭغۇلىيە بىلەن روسىيە بىرلەشمە ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ جامار ناھىيىسىدىن بايقىغان بولۇپ،قەۋرە 6 مىتىر چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈلگەن ئىكەن. كۆرگەزمە خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر قەۋرىنىڭ تۆت ئەتراپى 90 مىتىر ئېگىزلىكتىكى توپا تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، جەنۇب تەرىپىدە بىر چىقىش ئېغىزى بار ئىكەن. ھەمدە قەۋرىنى بايقاشتىن بۇرۇن تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىر كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەۋرىسى دەپ بېكىتكەن.
...
-
2009-04-01
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت Uyghurlar uchun eng qimmetlik medeniyet - [ئۇيغۇرلار]
قەشقەر دىيارىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرسى. قەشقەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۈرىكى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ زىمىن ھېلىمۇ-ھەم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە رام قىلماقتا.قەشقەر ئۆزىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، مول مەدەنىيەتكە تويۇنغانلىقى بىلەن دۇنيا تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان قەدىمىي شەھەر. دۇنيادىكى ئۈستى ئوچۇق مۇزىي مۇشۇنداقلا خانەۋەيران بولامدۇ؟ خەلقنىڭ رايىغا باقماسلىق ھەقىيقەتەنمۇ نادانلىق. بۇ ئەزىز دىيارنى يەنە بىر قېتىم بولسىمۇ تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنمەكچىمەن.
قەشقەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىكى كۆرىنىشىقەشقەر ھېيىتگاھ جامىئەسى
قەشقەر ئۆيلىرى(1914- 1935يلىغىچە)
-
2009-01-06
بالىلارنى خەنزۇچە ئۇقۇتۇشتىن تۇغۇلغان ئويلار Balilarni xenzuche oqutushtin tughulghan oylar - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇر بولسىڭىز كۆرۈڭ،ئۇيغۇر بولسىڭىز ئويلىنىڭ!
بۇتىمىنى تور بەتلەرنى ئارلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالدىم. ئوقۇپ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم.ئۇلۇغ ئاللا تېمىنى يازغۇچىغا،تەھرىرلى... -
2008-12-18
فىرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرغان تور بېكىتى Firansiyidiki uyghurlarning qurghan tor békiti - [ئۇيغۇرلار]
توربېكەت ئۇلىنىشى:http://www.uyghurclub.com/
(ئەسلى ئۇلىنىشى:http://www.ouigour.fr/ )
-
2008-11-29
<ئويغان> شېئىرىنىڭ بىرقانچە تىللردىكى تەرجىمىسى -2
shéirining bir qanche tillardiki terjimisi-2 - [مەشھۇر شەخسلەر]
ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ <<ئويغان>> ناملىق شېئىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 12 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ،مەزمۇنىنىڭ ۋە .تىپىك ئويغۇتۇش خاراكتىرىنىڭ كۈچل... -
2008-11-29
ئويغان شېئىرىنىڭ بىرقانچە تىللردىكى تەرجىمىسى-<1>
shéirining bir qanche tillardiki terjimisi-1 - [مەشھۇر شەخسلەر]
ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ <<ئويغان>> ناملىق شېئىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 12 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ،مەزمۇنىنىڭ ۋە .تىپىك ئويغۇتۇش خاراكتىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىق... -
تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كەلدى!
تىل ئۆلگەن جايدا مىللەتنىڭ ھاياتى خازان بولغان بولىدۇ.
-بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىندەسلىپىدە بۇ تېمىنى شەبنەم تورىدا ئېلان قىلىنغاندا ياخشى تەسىرلەرنى قوزغاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا بەس مۇنازىرە بولغان ئىدى. مانا بۇ تېما يوللىنىلغىلىمۇ 1 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە يوللىنىپ ياخشى پىكىرلەر ئوتتورىغا قويۇلغان ئىدى. لىكىن بەزى كىشىلەر كۆچۈرۈپ تارقىتىش جەريانىدا مەنبەسىنى ئۆزگەرتىۋېتىلىپ ئۆزگەرگەن مەنبە پېتى ئېقىپ يۈردى. مەن بۇ يەردە شۇنى دېمەكچىكى بۇتېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى شەبنەم مۇنبىرىدۇر!
بۇ يۇقارقى تېمىنىڭ باشقا توربەتلەردىكى تارقىلىش ئەھۋالى
<<تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كەلدى!>>شەبنەمدە
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-28410-toread-1-skinco-movie.html<< تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كەلدى!>>دىيارىمدا
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=2544&keyword=<< تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كەلدى!>>رېتىمدا
http://bbs.retim.cn/read.php?tid-10121.html<< تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كەلدى!>>باس-باسدا
http://www.basbas.cn/bbs/read.php?tid-1299.html<< تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كەلدى!>>ئىنتىلىشتا
http://bbs.intilix.cn/ShowPost.asp?ThreadID=931<< تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كەلدى!>>توقسۇن مائارىپىدا
http://bbs.tmaarip.cn/thread-203-1-1.html
بۇ تېما سەلكى تورىدا <<سەلكىن سە رخىل تېمىلار بىلگۈ توپلىمى>>دە بىر توردىشىمىز ئىنكاس ئارقىلىق تەۋسىيە قىلدى.
شەبنەم تورىدا يوللىنىلغان << ئۇيغۇر تور بەتلىردىكى نادىر تىملار(توپلام)>> دا نادىر تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. -
2008-11-06
بىز ئۇيغۇر Biz uyghur - [ئۇيغۇرلار]
بىز ئۇيغۇرBiz uyghur
بىز ئۇيغۇر،تومىرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى! بىز ئۇيغۇر، ھۇجۇدىمىزدا قايناۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ ھەسرىتى! بىز ئۇيغۇر، قەلبىمىزدە ئۆرتەۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ پۇشايمىنى! بىز ئۇيغۇر، يۈرىكىمىزدە قوزغىلىۋاتقىنى... -
2008-11-06
خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىش مەدەنىيەتلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ Xenzu tilida sözlishish medeniyetlikning ipadisimu - [ئۇيغۇرلار]
ئۆزتىلىمىز بىلەن دېيىلگەن سۆز سەپسەتە باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن دىيىلگەن ھېكمەتتىن ئۇلۇغ.-رابىندىرات تاگور
يولدا:
-ئاداش،دىيەنخۇا خاۋماسىڭنى ئېيتىپ بېرە.(ئاداش، تېلېفون نۇمۇرۇڭنى ئېيتىپ بىرە)
-.....
ئائىلىدە:
-بابا، با زويې زوۋەنلې!(دادا، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇم)
-.....
مەكتەپتە:
ئادا،باچىيەنبى جيې يىشا.(ئاداش، قېرىندىشىڭنى بېرىپ تۇرە)
-.....
خۇۋا فېيسى قانچە پۇلبوپتۇ!(سۆزلۈشۈش ھەققى قانچە پۇل بوپتۇ)
-.....
تورخانىدا:
-ۋاڭ گۈەن، كوڭ جىزا باما؟(ۋاڭ گۈەننى نىمە دىيىشنى مەنمۇ بۈلمىدىم ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنى بويىچە دەي . تەرجىمىسى:تور بېشى،بىكار كومپىيوتېر بارما؟)
-.....
***** دا:
-جېنىم، مىڭزى جىياۋسا؟(ئىسمىڭىز نىمە؟)
-.....
.
.
. -
2008-11-06
ئۇيغۇر مىراسى-خوتەن قەغىزى Uyghur mirasi-xoten qeghizi - [تارىخ]
خوتەن قەغىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق دەۋىرلىك مەدەنىيەت ھاياتىدا ياراتقان ئۆزگىچە مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەمگىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
20-ئەسىرنىڭ 30-،40-،50-يىللىرى خوتەن قەغىزىنىڭ جۇش ئۇرۇپ،جانلانغان دەۋرى بولدى. ئەينى چاغدا رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلاردا ئاساسەن مۇشۇ قەغەز ئىشلىتىلەتتى. بۈگۈنگە كەلگەندە بولسا، خوتەن قەغىزى سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ئىستىمال دائىرسى بارا-بارا تارىيىپ بارماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىستىمالچىلىرىمۇ ئازلاپ كېتىپ بېرىۋاتىدۇ.
خوتەن قەغىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق دەۋىرلىك مەدەنىيەت ھاياتىدا ياراتقان ئۆزگىچە مەدەنىيەت...