• 2008-11-06

    تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كەلدى! Tilimiz xirisqa duch keldi! - [خىرىس،خىرىس!]

    تىلىمىز خىرىسقا دۇچ كەلدى!

    Tilimiz xirisqa duch keldi!

    تىل ئۆلگەن جايدا مىللەتنىڭ ھاياتى خازان بولغان بولىدۇ.
                                                    -بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت شىنجاڭ رايونىدا خەنزۇتىلىدا ئوقۇتۇشنى رەسمى يوسۇندايولغا قويۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇتىلى ساپاسىنى ئومومى يۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان.بۇ بۇرۇنقى<<تەجىربە سىنىپ>>ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىياتتىن باشقا ھەممە پەنلەرنى خەنزۇتىلىدا ئۆتىشىگە ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ،باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ساۋادىنى خەنزۇتىلىدا چىقىرىش،ئۇيغۇرتىلىنى بولسا باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا ئۆتۈش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن.    
     
    ئۇيغۇرتىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركىمى،شەرىقىي تۈرك تىلى تارمىقىغا كىرىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.ئۇيغۇرتىلى تۈركىي تىللار ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى باي تىللارنىڭ بىرى بۇلۇپ شەكىللەنگەن.
      قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى مىلادىنىڭ باشلىرىدىن 10-ئەسىرگىچە ھەممە تۈركىي قەبىلىلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغان؛ئوتتورا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى 10-ئەسىردىن13-ئەسىرگىچە ئوتتورا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلىقلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغان.مانا بۈگۈن بولسا قەدىمدىن تارتىپ باشقا مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان مىللەتنىڭ تىلى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خىرىسقا دۇچ كىلىش خەۋىپىگە يۇلۇقماقتا.
      بۇنداق داۋاملىشىش قەدىمدە باشقا مىللەتلەر يېزىق تاپالماي سەرسان،سەرگەردان بۇلۇپ تىنەپ يۈرگەندە ئاللابۇرۇن ئون نەچچە قېتىم يېزىق ئىجاد قىلغان، ئىشلەتكەن مىللەتنىڭ تىلىنى،يېزىقىنى خىرىسقا دۇچار قىلىدۇ.
      مۇڭغۇللار ئەينى دەۋىردە <<يەتتە ئۇلۇس>>رايونىغا بېسىپ كىرگەندىن كىيىن ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلغان.كىيىن مۇڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقى،مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبە يېزىقى بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئەزەلدىن باشقامىللەتلەرگە ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ كىلىۋاتقان مىللەتنىڭ يېزىقى خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇنداق تاق تىللىق .ئوقۇتۇش ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش تۈگۈل تېخىمۇ ئازايتىۋىتىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ نەشىرىياتىمىز،ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە ئۇيغۇر يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىگەنسىرى ئۇيغۇر ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئىھتىياجىمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا تۆۋەنلىسە تۆۋەنلەيدۇكى،ئۆرلىمەيدۇ!!!
      بۇ تارىخنىڭ بىز مەدەنىيەت ياراتقۇچىلارغا بەرگەن جاۋابىمۇ؟باشقا خەلىقلەر ھەرقانچە ئىزىلگەن بولسىمۇ ئۆز يېزىقى، تىلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانمىغان بولغىيتتى؟
      تىل يېزىقنىڭ ئاساسى.تىلىمىز دىلىمىزغا تۇتاش.تىلىمىز بۇلغانسا تەبىئىيكى دىلمىزمۇ بۇلغىنىپ كىتىدۇ.ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالايلى ئۇيغۇرۇم~~~!!

         
    ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى،بۈيۈك مۇتەپەككۇر،ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ تىل توغرىسىدىكى بايانى:

        تىلىنى بۈلمەي تۇرۇپ ئىلىنى بۈلىمەن دىيىشنى،تىلىنى سۆيمەي تۇرۇپ ئېلىنى سۆيۈشنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
        ئۆز ئانا تىلىغا مۇھەببىتى قانچە كۈچلۈك بولسا،ئۆزخەلىقى ۋە ۋەتىنىگىمۇ سۆيگۈسى كۈچلۈك بولىدۇ.
      تىل ئەسىرلەر داۋامىدا تىرىك پائالىيەت ئېلىپ بىرىۋاتقان مىللەتنىڭ يۈرىكى، قېنى ۋە جېنى.
      تىل مىللەتنىڭ ئۆتمۈش ئەجداتلىرى ياراتقان مەدەنىيىتى،ھازىرقى كىشىلەر يارىتىۋاتقان مەدنىيەتنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بىرىدىغان ئۇلۇغ ئۇچۇر قانىلى. 


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەزكۇر ماقالە ياخشى باشلىنىپتىكەن.داۋامى باردەك قىلىدۇ...
    回复ئۇيغۇربەگ说:
    بۇ تېمىنى ئىلگىرى شەبنەمدە ئېلان قىلدۇرغان ئىدىم. كېيىنچە باشقا توربەتلەردىمۇ ئېلان قىلىندى. سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى ئويلۇشۇپ بېقىپ كېيىنچە تولۇقلاپ يازسام بولغىدەك. رەھمەت قېرىندىشىم.
    2010-05-14 17:19:33
  • نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن. ئاللاھ ئىگەم مۇبارەك تېنىڭىزنى ئامان، ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلغۇسى!
    回复ئاناتىلىم说:
    بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى يوللانمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن. سىزنىڭ ھەر بىر ئىشلىرىڭىزغا ياخشى تىلەكلەرنى تېلەيمەن.
    2009-02-18 14:10:40