• 2008-11-06

    ئۇيغۇر مىراسى-خوتەن قەغىزى Uyghur mirasi-xoten qeghizi - [تارىخ]

    ئۇيغۇر مىراسى-خوتەن قەغىزى

    Uyghur mirasi-xoten qeghizi

    خوتەن قەغىزى پىشۋاسى توختى باقى ھاجىم

    alt

     

    alt

     

       خوتەن قەغىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق دەۋىرلىك مەدەنىيەت ھاياتىدا ياراتقان ئۆزگىچە مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەمگىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
      
             
              20-ئەسىرنىڭ 30-،40-،50-يىللىرى خوتەن قەغىزىنىڭ جۇش ئۇرۇپ،جانلانغان دەۋرى بولدى. ئەينى چاغدا رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلاردا ئاساسەن مۇشۇ قەغەز ئىشلىتىلەتتى. بۈگۈنگە كەلگەندە بولسا، خوتەن قەغىزى سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ئىستىمال دائىرسى بارا-بارا تارىيىپ بارماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىستىمالچىلىرىمۇ ئازلاپ كېتىپ بېرىۋاتىدۇ.
              11ئەۋلاد قەغەزچىلىك بىلەن شوغۇللانغان ھەمدە خوتەن قەغىزىنى ياساش پىشۋاسى توختى باقى ھاجىم 2002-يىلى 6-ئايدا ئامىرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرىدە ئۆتۈزۈلگەن خەلىقئارا 36-نۆۋەتلىك مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت،سەنئەت فىستىۋالىدا <<يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمىي قول- ھۆنەرۋەنچىلىكنى ساقلاپ قالغان كىشى>>دىگەن شەرەپكە مۇيەسسەر بولدى. بۇ فىستىۋال خوتەن قەغىزىنىڭ يوقاپ كىتەي دىگەن شۆھرىتىنى قايتا نامايەن قىلىپ،خوتەن قەغىزىنى خەلىقئارا سەھنىدە جۇلالاندۇردى. توىتى باقى ھاجىمنىڭ قەغەز ياساش ھۆنىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمىي قەغەز ياساش ھۆنىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خوتەن قەغىزىنىڭ شۆھرىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتەرگەن.
              نۆۋەتتە خوتەن قەشىزى قايتىدىن ئەزىزلىنىشكە ئېرىشتى.2008-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى  قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ قەشقەر ھېيىتگاھ ئالدىدا ئۆتۈزگەن خوتەن قەغىزىگە ھۆسۈن خەت يېزىش پائالىيىتى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئاڭلىساق قەشقەردىكى بۇ پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.ھەمدە خوتەن قەغىزىنىڭ قىممىتىنى تونۇتقان.ھۆسۈن خەت يازدۇرىدىغانلار ئۆچرەت بولۇپ يازدۇرغان. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر بىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسىمىزنى قوغدىشىمىزغا ھەمدە ساقلاپ قېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوتەن قەغىزى ياساش پىشۋاسى توختى باقى ھاجىمغا ئالىي ئىھتىرام يوللايمىز ۋە ئۇيغۇر مىراسىلا ئەمەس،دۇنيا مىراسى بولغان خوتەن قەغىزى ياساش ھۆنىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا تىلەكداشمىز.

                               

      رىشات نائىلنىڭ « خوتەن قەغىزى» گە يازغان ھۆسۈن خەتلىرى
    alt
    alt
     تۆۋەندىكىسى خوتەن قەغىزىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، گۈزەل سەنئەت بويۇملىرى ۋە ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر خوتەن قەغىزى توغرىسىدا خەۋەر بىرىلگەن. بۇ 2007-يىلدىكى خەۋەر ئىكەن. تورداشلار پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
            ئۇلىنىشى:http://www.yashlar.com/uy/read.php?tid=449

              رىشات نائىلنىڭ « خوتەن قەغىزى» گە يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىن
              ئۇلىنىشى:http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=7830

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ھەي ئىسىت رەسىملەر يوق بۇلۇپ كىتىپتۇ،شۇنداقتىمۇ مۇھىم بىر بىلىمدىن خەۋەردار بۇلىۋالدىم.
    回复ھونزادە 说:
    شۇنى دېمەمسىز. رەسىملەرنىڭ ساقلىۋېلىش قىممىتى ئىنتايىنيۇقىرى ئىدى. بۇ رەسىملەر شۇ ئۇيغۇرچە بېكەتلەر ئېچىلغاندا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ رەسىمنى مەن باشقا ئۇيغۇر تورىدىن ئىزدەپ تاپقان ئىدىم.
    2010-07-03 17:14:59