<<  ئۇيغۇر مىراسى-خوتەن قەغىزى Uyghur mirasi-xoten qeghizi | ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ | بىز ئۇيغۇر Biz uyghur  >>
  • تىلىدا سۆزلىشىش مەدەنىيەتلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ Xenzu tilida sözlishish medeniyetlikning ipadisimu - [ئۇيغۇرلار]

    خەتكۈچ:

    2008-11-06

     خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىش مەدەنىيەتلىكنىڭ ئىپادىسىمۇ  

    Xenzu tilida sözlishish medeniyetlikning ipadisimu

       

    ئۆزتىلىمىز بىلەن دېيىلگەن سۆز سەپسەتە باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن دىيىلگەن ھېكمەتتىن ئۇلۇغ.


     

    -رابىندىرات تاگور



            يولدا:
            -ئاداش،دىيەنخۇا خاۋماسىڭنى ئېيتىپ بېرە.(ئاداش، تېلېفون نۇمۇرۇڭنى ئېيتىپ بىرە)
            -.....

            ئائىلىدە:
            -بابا، با زويې زوۋەنلې!(دادا، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇم)
            -.....

            مەكتەپتە:
            ئادا،باچىيەنبى جيې يىشا.(ئاداش، قېرىندىشىڭنى بېرىپ تۇرە)
            -.....

            خۇۋا فېيسى قانچە پۇلبوپتۇ!(سۆزلۈشۈش ھەققى قانچە پۇل بوپتۇ)
            -.....

            تورخانىدا:
            -ۋاڭ گۈەن، كوڭ جىزا باما؟(ۋاڭ گۈەننى نىمە دىيىشنى مەنمۇ بۈلمىدىم ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنى بويىچە دەي . تەرجىمىسى:تور بېشى،بىكار كومپىيوتېر بارما؟)
            -.....

            ***** دا:
            -جېنىم، مىڭزى جىياۋسا؟(ئىسمىڭىز نىمە؟)
            -.....
            .
            .       
            .

            بۇ دىئالوگلارنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم. بۇ تۇرمۇشىمىزدىكى <<بۇزۇلغان سۆزلەر>>نىڭ بىر بىرقىسمى خالاس. ئويلۇنۇپ قالدىم. باشقىلار تىل،يېزىق تاپالماي تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرگەندە ئاللا بۇرۇن ئكزىنىڭ نەپىس تىلىنى بەرپا قىلغان، ئون نەچچە قېتىم يېزىقنى ئىجاد قىلغان ۋە ئىشلەتكەن مىللەتنىڭ بۈگۈنكى ھالىنى كۆرۈپ قەلبىمنى ئاجايىپ بىر تۇيغۇ چىرمىۋالدى. نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەپەككۇر قىلدىم. ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز گەپنىڭ ئۆزىمىزدە ئىكەنلىكى، ئۆزىمىزنىڭ ئاسانلا باشقىلارغا ئىشىنىپ كېتىدىغانلىقىمىزدا ۋە بوشاڭلىقىمىزدا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم(بەلكىم بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولىشى مۇمكىن).
           
            ئەنە ئىككى ئۇيغۇر قىزى كېتىپ بارىدۇ.ئۇلارنىڭ يا خەنزۇچە، يا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقا تىللارنى بۈلىدىغانلىقىنى بىزگە كۆز-كۆز قىلماقچىمىدۇ؟ ياكى ئۆزىنىڭ خەنزۇتىلى بۈلىدىغانلىقىدىن ناھايتى پەخىرلىنىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ تىلىنى چۆرۈپ، يات تىللاردا سۆزلىشىشنى توغرا تاپقاندىمۇ؟ بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ يۈرەكنى ئاچچىق كۈلكە قاپلىدى. شۇئاچچىق كۈلكە بىلەن تەڭ يۈرەككە ھەم ئاچچىق سۇئال چۈشتى.ئەجىبا بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھېسياتىمىزنى،ھاياجانىمىزنى،ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى راۋان،جانلىق،ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرەلمەمدىغاندۇ؟!

            بەلكىم بۇنداق <<ئارلاشما تىل>>دا سۆزلىشىشتەك ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا تىلىمىزنىڭ باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى ئۆز تىلىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈش خىزمىتىدە يېتەرسىزلىكلەرنىڭ كۆرىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە بىزنىڭ تىلشۇناس،ئالىملىرىمىز بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىۋاتقانلىقى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. كىشىلىرىمىز شۇنى تونۇپ يەتتىكى، ئۆز ئانا تىلىنى قوغدىمىغاندا ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن سۆز ئېچىشنىڭ تولىمۇ تەسلىكىنى ھېس قىلدى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ  نۆۋەتتىكى خىزمىتى ئىنتايىن ئېغىر ھەم بۈيۈك خىزمەت. بىز ئۆز ئانا تىلىنى قۇتقۇزۇش،تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە سالامەتلىك تىلەيمىز ۋە ھەر بىر قەدىمىگە ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى تىلەيمىز.

            خۇلاسىلىغاندا،ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزنى سۆيسەك، ھۆرمەتلىسەك،ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىزدەنسەك، باشقىلار بىلەن دوست بولىدىغان ۋاقىتتا شۇ باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن سىرداش بولساق،دۇقۇرۇشۇپ قالغاندا بولسا، باشقىلارنىڭ ئالدىدا كېكەچلىمەي جاڭ-جاڭ قىلىپ ئىككى ئېغىز توغرا سۆز بىلەن رەدىيە بېرەلىسەك تىل ئۆگەنگەننىڭ ئۈنىمى بولىشى مۇمكىن. تىل ئۈگۈنۈشنىڭ ماھىيتى ھەرگىزمۇ ئۆزتىلىدىن باشقا سۆزلەيدىغان باشقا بىرتىل تېپىش ئەمەس، بەلكى دۇنيانى چۈشۈنۈش ۋە دۇنياغا ئۆزىمىزنى چۈشەندۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ئالاقە قىلىۋاتقان  مىللەتلەرنىڭ قەلبىدە<<20مىلىيوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۈرىكىدىن چىقىدىغان سۆزكەن.شۇ تىلنى ئۆگىنىۋالغان بولسام ياخشى بولاتتى>>دىگىدەك بىر تەسىر قوزغىيالىساق مىللىتىمىز ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى سوۋغات بارمۇ؟ شۇنى ئېيتىش كېرەككى،ئۆزىنىڭ تىلىنى چۈشىنىدىغان قېرىندىشى بىلەن ھەمىشە يات تىلدا سۆزلىشىش بۇ ھەرگىزمۇ مەدەنىيەتلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. بەلكى ئۆزتىلىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ،ئۆز تىلىغا،چوڭ جەھەتتىن ئۆزمىللىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى!


    收藏到:Del.icio.us




چەۋەندازلار بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!