-
2010-05-23
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ۋارىسى ئۇيغۇر بلوگلىرى Uyghur munberliring warisi uyghur blogliri - [باشقىلار]
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ۋارىسى ئۇيغۇر بلوگلىرى
Uyghur munberliring warisi uyghur blogliri
ئۇيغۇر تورچىلىقى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئەگرى توقاي مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىمىزدا نۇرغۇنلىغان تور بېكەتلەر قۇرۇلدى ۋە تور ۋاستىسى ئارقىلىق تەكلىماكاننىڭ باغرىدا تۇرۇپ دۇنيا بىلەن مۇنازىرىلەشتۇق. دەرۋەقە تور بىزگە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى بەردى ۋە بۇ ئارقىلىق نۇرغۇبلىغان خىرىسلارغا ئۇچرىدۇق. ئۇيغۇر بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرە ۋە چايخانا ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئۆزىنىڭ مەزمۇنىنىڭ موللىقى،شەكلىنىڭ ھەر خىللىقى،كۈچلۈك خەۋەرچانلىققا،مۇنازىرە قوزغاش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى،جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقى بىلەن خەلقىمىزنىڭ نەچچە ئەسىرلىك چاڭقاق دىلىنى ئازراق بولسىمۇ قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. دىيارىمىزدا تور چەكلەنگەن 10ئايدىن كۆپراق ۋاقىتتىن بۇيان،ئۇيغۇرلار قىززىغان مۇنازىرىلەردىن،تېمىلاردىن بەھىرلىنەلمەي كەلدى. تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقى دىيارىم،شەبنەم،سەلكىن،بلىك،ئورخۇن،ئىزدىنىش،قاشتېشى،ئۇزماكان،باس-باس،لىنىيە تورلىرى ئەسلىگە كەلمىدى ياكى بەزىلىرى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ،بۇرۇنقى مۇنبەرلەر ئېچىلمىدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ۋە قان-تەر بەدىلىدە پۈتۈپ چىققان ئۇيغۇر مۇنبەر ئامبىرى كۆز ئالدىمىزدا تېخىچە پەيدا بولمىدى. دەل مۇشۇنداق پەيىتتە ئۆزىنىڭ شەكىللەنگىنىگە ئۇزاق بولمىغان،ئەمما ئىچكىرى ئۆلكىلەردە،چەتئەللەردە ئاللا بۇرۇن باشلانغان بلوگ يېزىش بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسدا قوزغىلىشقا باشلىدى. بلوگ(تور تۇرا) دېسە ناخشا،سۈرەتلىك فىلىم يوللاپ،ئۆزىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ ئۆزىنى بازارغا سالىدىغان نەرسىمىكىن دەپ ئويلىماڭ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان بلوگ دىيارىمىزدا ئاساسەن بلوگباس بلوگ سۇپىسىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر بلوگلىرى كۆزدە تۇتىلىدى. دەسلەپ بلوگباس سۇپىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بلوگ يازغانلار تەكلىماكان بلوگى،تارىم بلوگى،ئۈگىنىش بلوگى،دۇنياقارا بلوگى، يۈكسەل بلوگى،بىرزات بلوگى...قاتارلىق بلوگلار ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگچىلىقىنىڭ شەككىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەنلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇنلىغان بلوگ ھەۋەسكارلىرى بلوگ قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بلوگگىرلىرىمىز ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر بلوگلىرى ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇيغۇر بلوگلىرىدا ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە يوللىنىلغان شۇ ۋاقىتلاردا قىززىق نوقتىغا ئايلانغان نۇرغۇنلىغان تېمىلار بلوگگىرلارنىڭ ئۆز قىزىقىشى بويىچە يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان مۇنبەر يۈزىگە چىقمىغان تېمىلىرى بىلەن ئۆز بىلوگىنىڭ خاسلىقى ئاشۇرغان ئىدى.
ئوخشاشلا ئۇيغۇر تورلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىدەك بەزەن بلوگلارمۇ ئېچىلمايدىغان قىلىنغان ئىدى. لىكىن سىز ھازىرمۇ ئۆزىڭىز ئىزدىمەكچى بولغان نۇرغۇنلىغان تېمىلارنى تاپالايسىز.
مۇنۇ ئادرىسقا كىرىپ سىز ئىزدىمەكچى بولغان ھالقىلىق سۆزنى چاپلاپ ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىزدەپ بېقىڭ. ھازىر بەزەن ئىزدەش ماتورلىرى ئىزدەپ تاپالمىغان تېمىلارنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن. ياكى بولمىسا بىرەر بلوگقا كىرىپ ‹‹ئىزدەش››دىگەن رامكىغا ھالقىلىق سۆزنى چاپلىسىڭىز شۇ بلوگ ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىغا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.
http://search.blogbus.com/تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم نادىر بلوگلارنىڭ ئادرىسى كۆرۈپ بېقىڭلار
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان بلوگى
http://ablathan.blogbus.com/
جېك بلوگ
http://jeck.blogbus.com/
ئەينەك بلوگى
http://eynek.blogbus.com/دۇنيا قارا بلوگى
http://dunyakara.blogbus.com/تارىم بلوگى
http://tarim68.blogbus.com/بىلىم كۈچ بلوگى
http://bilim-kuq.blogbus.com/
ئۇيغۇرىيە تور خاتىرىسى
http://bilim-kuq.blogbus.com/
ئىلىم-پەن بلوگى
http://bilim-kuq.blogbus.com/تۆۋەندىكىسى مېنىڭ بلوگۇم
چەۋەندازلار بلوگى
收藏到:Del.icio.us
评论