<<  روسىيە ھەربىي قوشونىغا نەزەر Rosiye herbiy qoshunigha nezer | ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ | ئۇيغۇر ياشنىڭ ئاجايىپ ماھارىتى Uyghur yashning ajayip mahariti  >>
  • ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى دېڭىز ئارمىيە بازىلىرى Amérikining chetellerdiki déngiz armiye baziliri - [ھەربىي ئىشلار]

    خەتكۈچ:

    2009-05-31

    ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى دېڭىز ئارمىيە بازىلىرى
    Amérikining chetellerdiki déngiz armiye baziliri



    ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردە نۇرغۇن دېڭىز ئارمىيە بازىسى بار. ياپونىيىنىڭ كاناگاۋا ناھىيسىدىكى يوكوسۇكا ھەربىي پورتى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ غەرىبىي تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ چوڭ بازىسى،شۇنداقلا غەرىبىي تىنچ ئوكياندىكى ئاۋىئاماتكىلارنى رېمونىت قىلىلالايدىغان بىردىنبىر چوڭ بازا. ئامېرىكىنىڭ كورىيىدىكى چىنخائې دېڭىز ئارمىيە بازىسى كورىيىنىڭ شەرىقىي جەنۇبىدا،كۆلىمى 34 گىكتار.

    ئامېرىكا ئارمىيىسى 1992-يىلى فىلپىننىڭ سۇبىك دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن سىنگاپۇرنىڭ  چانگى بازىسىنى دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلغان.

    ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى بىردىنبىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى چاگوس تاقىم ئارىلىدىكى دىگوگارتىسىيىدە.

    ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شىتابى ناپلىستا. گائېتادا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى 6-فىلوتىنىڭ قوماندانلىق شىتابى بار. ئىسپانىيىنىڭ روتا دېڭىز ئارمىيە بازىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ياۋروپادىكى يەنە بىر مۇھىم ھەربىي بازىسىدۇر.

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك 5- فىلوتنىڭ قوماندانلىق شىتابى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتورا شەرىقتە تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شىتابى بەھرەيىن پايتەختى مەنامەھ شەھىرىدە. ئۇنىڭدىن باشقا،ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىردىمۇ دېڭىز ئارمىيە بازىسى تەسىس قىلغان. ئامېرىكا ئافىرىقىدا دېڭىز ئارمىيىسىنى قوغدايدىغان بازا قۇرىۋاتىدۇ.

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا رايونىدىكى بازىسى ئاساسلىقى كارىب دېڭىزى رايونىغا مەركەزلەشكەن.

    ياپونىيىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى  

     

     كورىيە-ئامېرىكا ھەربىي مانېۋېرىدىكى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى


    مەنبە:پايدىلىنىش گېزىتى


    收藏到:Del.icio.us




چەۋەندازلار بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ!