-
2010-06-17
ئورخۇن شەجەرىسى Orxun shejerisi - [چەۋەندازلار كۈتۈبخانىسى]
ئورخۇن شەجەرىسى
پەرھات جىلان
مەزكۇر يوللانما <<ئورخۇن شەجەرىسى>> دېگەن ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاساسىي مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ يازمىنى ئوقۇش ئارقىلىق سىز بۇ كىتاپ بىلەن خېلى مۇكەممەل ھالدا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايسىز. مەزكۇر يوللانما ئەسەر مەزمۇنى ۋە ئۆزۈمنىڭ بەزەن قاراشلىرى ئارقىسىدا يېزىلدى.
-چەۋەندازلار بلوگى8-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرۈك خانلىقى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر،قارلۇق،باسمىل قەبىلىلىرى بىرلىشىپ بۇ خانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 744-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي باسمىل،ئۇيغۇر،قارلۇق ئىتىپاقى ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىشقا يۈزلەندى. مىلادى 745-يىلى يازدا ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى قۇتلۇغ بويلا ياغلاقار شاد بىلەن باسمىللارنىڭ يېڭىدىن تەخىتكە چىققان قاغانى ئىلتەرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلىشىپ قالدى. باسمىللار كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ قاغانى ئوزمىش قاغاننى ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ بېشىنى چاڭئەنگە ئەۋەتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىلتەرىش قاغان تاڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ئۆزىنى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمدارى دەپ ئېتراپ قىلىشىنى سورىدى. تابغاچ كاتتىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كونا دۈشمىنى بولغان كۆكتۈرۈكلەنىڭ ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن خوش بولۇپ، ئىلتەرىشنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ ئالىي ھۆكمىرانى،دەپ ئىتراپ قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. كۆكتۈرۈكلەرگە قارشى ئۇرۇشتا باشلامچى بولغان كېيىن قارلۇق،ئاندىن باسمىل قەبىلىلىرىنىڭ قوشۇلىشىشى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئۆزىدىن قاغانلىق تارتېۋېلىشىدىن خۇدىكسىرەپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغايدۇ بۇ ئۇرۇشتا قارلۇق قەبىلىسى ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن ئتتىپاق تۈزىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇر-قارلۇق ئىتىپاقى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ ئىلتەرىشنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلىرى قان تۆكۈپ،قۇربان بېرىپ بەرپا قىلغان ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆكتۈرۈكلەر يوقاتقان،بۈگۈن بولسا ئەنە شۇ خانلىقنى شەرەپ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، توققۇز ئوغۇز خەلقىنى ئاساس قىلغان،ياغلاقار ئۇرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى ئۇيغۇر خانلىقى بارلىققا كېلىدۇ. ھەمدە تۇنجى قاغانى قۇتلۇق بويلا ياغلاقار شاد ئۆزىنى ‹‹بىلىمى كۆلدەك كەڭ›› دېگەن مەنىدىكى ‹‹كۆل بىلگە قاغان›› دەپ ئاتايدۇ. بۇ بۈيۈك سەلتەنەت ئىگىسى 747-يىلى مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەخىت ئورنىغا ئوغلى بايۇنچۇر تېگىن چىقىدۇ ۋە ئۆزىنى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ دەۋىردە تەڭرى ياراتمىش ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ۋە ئەل بىلگە قاتۇن شەرىپىگە بەرپا قىلىنغان مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىمىۋولى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ،ھازىر ‹‹تېرخىن مەڭگۈ تېشى›› (تېرخىن-شۇ مەڭگۈ تاش ئورۇنتۇلغان جايغا يېقىن بولغان دەريانىڭ نامى،ھازىرقى مۇڭغىلىيىدە) دەپ ئاتالدى.
مىلادى 755-يىلى 11-ئايدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھېراۋۇلى ئەن لۇشەن تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتەردى. ئەن لۇشەننىڭ كېلىپ چىقىشى ئاتىسى سوغدى،ئانىسى تۈرك ئىدى. ئۇ باتۇر تۈركلەرنىڭ باتۇرلىقى بىلەن سودىگەر سوغدىلارنىڭ قۇۋلىقىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەنىدى. تاڭ سۇلالىسى ئۆز دەۋرىدە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ھېسابلىناتتى.تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ساپ خەنزۇ ئەمەس. ئەن لۇشەننىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشتىكى باھانىسى پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ ئالىي دەرجىلىك توقىلى گۈزەل ياڭ گۈيفېينىڭ ھېلىمىكىرلىك سىياسىي سۈيقەسىتچىلىكى ئاستىدا ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. قېرى پادىشاھ ئۇنىڭ ناز-كەرەشمىلىرىگە ئالدىنىپ كەتتى. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاكىسى ياڭ گوجۇڭنى باش ۋەزىرلىك ئورنىغا يۆلەپ چىقىرىپ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان ئەمەلدارلارنى چەتكە قاقتى(تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا تۈرك،سوغدى،ئۇيغۇر،كورىيان،قىتان قاتارلىق خەلقلەردىن چىققان ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە سانغۇنلار خىزمەت قىلاتتى).نەتىجىدە پۈتۈن سۇلالە تەۋەسىدە تابغاچ بولمىغان تائىپىلەر ئىچىدە نارازىلىق ۋە ئۆز تەقدىرىدىن خەۋىپسىرەش كەيپىياتى ئەۋجىگە چىقتى. بۇ ياڭ فامىلىلىك ئاكا-سىڭىللار ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر قىسىم تابغاچ ئەمەلدارلىرىغىمۇ زەربە بەردى. نەتىجىدە ئىچىكى بىرلىك بۇزۇلۇشقا باشلىدى. ئەمەلدارلارنىڭ ئەرىز-شاكايەتلىرىگىمۇ پىسەنىت قىلمىدى. ئەن لۇشەننىڭ پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭغا مەكتۈپ يېزىپ ‹‹ياڭ گۈيفېينى ئوردىنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرماسلىق،ئاكىسى ياڭ گوجۇڭنى باش ۋەزىرلىك ئورنىدىن ئېلىپ تاشلاش››نى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تەلىپىمۇ قاتتىق ئەيىپلەندى.
شۇنىڭ بىلەن بىرقىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشى ۋە ئاۋاز قوشىشى نەتىجىسىدە ‹‹ياڭ فامىلىلىكلەر جەمەتىنى يوقۇتۇپ،ئوردىنى قۇتۇلدۇرىمىز›› دەپ لوياڭغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئەن لۇشەننىڭ بايرىقى ئاستىغا يىغىلغان تابغاچ،تۈرك،سوغدى، ئۇيغۇر تائىپىلەردىن تەشكىل تاپقان 150مىڭ كىشلىك زور قوشۇن 755-يىلى 1-ئايدا ھۇجۇمنى باشلىدى. ھالبۇكى،ئۇ ئالدى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەخىتلىرىنى ئىگىلەپ ئۆزى خان بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرىمەن دەپ ئويلايىتتى.
تاڭ سۇلالىسى ئەن لۇشەن-شىسىمىڭنىڭ قوشۇنىغا تۈمەنلەپ،يۈز مىڭلاپ قوشۇن چىقىرىپمۇ تەڭ كېللەلمىدى. تەخىت گۇمران بولۇشقا كۆپ قالمىغان ئىدى. دەل شۇ پەيىتتە تاڭ سۇلالىسى تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ ئوغلى لى خېڭ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ تاڭ سۇزۇڭ دەپ ئاتىدى. ياڭ جەمەتىمۇ يوقىتۇلدى. تاڭ سۇزۇڭ ئۆز تەختىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ باتۇر ئەن لۇشەن قوشۇنىغا تەڭ كېلەلىگۈدەك مادارى قاملمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ ئوغلى لى چىڭسەينى ئەۋەتتى. ھەمدە ئۇيغۇر ھەمدە تۈركلەرنىڭ ئادىتى بويىچە قاغان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بۆرە باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراققا توققۇز قېتىم تازىم قىلىپ شانۇ-شاۋكەتلىك ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر قاغانى توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن پايتەخىتنى يەتتە كۈن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا قاتارلىق بىر قاتار تەلەپلەر بىلەن چوڭ ئوغلى قۇتلۇق يابغۇنى تۈمەنگە يەتمىگەن جەڭگىۋار،خىللانغان قۇدرەتلىك ئۇيغۇر قوشۇنى بىلەن تابغاچ قا ماڭدۇردى.
شۇنداق قىلىپ يېڭىلمەس ئۇيغۇر قوشۇنى تابغاچ ئېلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ دۈشمەن سانىدىن ئىنتايىن ئازلىقىغا قارىماي ئەن لۇشەن قوشۇنىنى تېرىپىرەن قىلىۋەتتى. بىر قېتىم تۇنجى قېتىملىق جەڭدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇنى ھەربىر جەڭچى ئىككىدىن ئاتنى ئېلىپ،ئالماشتۇرۇپ مىنىپ ناھايىتى تېزلىكتە مەنزىلگە بېرىپ تارماق قوشۇندا 2000 چەۋەنداز بولغان قوشۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىپ بىر دەمدىلا تېرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. ھەمدە ئەن لۇشەننىڭ ياردەمگە كەلگەن 20مىڭ ئەسكىرىنىڭ بىر تالاي قىسمى ھالاك بولىدۇ.بۇنى كۆرگەن تابغاچ سانغۇنى گوزىيى:‹‹بارىكاللا! ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ! ئاران 2000 ئادەم چىقىرىپ،شۇنچە قۇدرەتلىك قوشۇننى تارمار كەلتۈرۈپ پارچىلىۋەتكىنىگە ھەقىيقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.يارايسىلەر! ئۇيغۇر قوشۇنى ھەقىيقەتەن تەڭداشسىز قۇدرەتلىك قوشۇن ئىكەن ›› دېگەن.
شۇنداق قىلىپ ئەنلۇشەننىڭ كۆزىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قېلىشى ۋە كۈتۈلمىگەن زەربىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ھەمدە ئۆز ئادەملىرىنىڭ قەسىت قىلىپ ئۆلتۈرىشى بىلەن 757-يىلى 1-ئايدا بۇ قەيسەر ھەم ئىقتىدارلىق سەركەردە تەقدىرنىڭ كارامىتى بىلەن ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
بىر ھۇجۇم بىلەنلا پايتەخىت چاڭئەننى ئېلىپ داڭىق چىقارغان ئۇيغۇر قوشۇنى قىسقىغىنە بىر قانچە ئاي ئىچىدە زەپەر قۇچۇپ يېڭىلمەي كېلىۋاتاتتى ۋە ئەن لۇشەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا چىققان ئوغلى ئەن چىڭشۈينىڭ قوشۇنىدا ئاللابۇرۇن ‹‹ئۇيغۇرلارنى يەڭگىلى بولمايدۇ›› دەيدىغان ئەقىدە شەكىللىنىپ بولغانىدى. بۇ قېتىممۇ ئەن چىڭشۈينىڭ 150مىڭ كىشلىك زور قۇشۇنى ئۇيغۇر ۋە تابغاچ قوشۇنى بىلەن كەڭ كۆلەملىك جەڭ ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ قوشۇنى تابغاچ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ سەپنى بۇزۇپ تاشلىدى. دەل مۇشۇ پەيىتتە ئۇيغۇر قوشۇنى باستۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن جەڭنىڭ ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگىرىپ ئەن چىڭشۈي قوشۇنى ئۇرۇشمايلا قاچىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ھەمدە ھېچنىمىگە قارىماي جېنىنى ئېلىپ قاچتى.
مانا شۇنداق جەڭلەر ئارقىلىق ئورخۇنلۇقلار ئۆز دۆلىتىگە غەلبە بىلەن قايىتتى. ھەمدە تاڭ سۇزۇڭنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسى نىڭگونى بايۇنچۇر قاغانغا قاتۇن بولۇشقا ئېلىپ كېلىشتى.
مىلادى 759-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنجى قاغانى بايۇنچۇر قاغان مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىدىگەن قۇتلۇغ تارقان قاغان بولۇپ ‹‹ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش بۆگۈ قاغان›› دەپ ئاتالدى.
مىلادى 761-يىلى غۇزلار ئورخۇنغا يېتىپ كەلدى.ئۇلار ئەن لۇشەن تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان يەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شى سىمىننىڭ ئوغلى شى چاۋيىنىڭ ‹‹ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان كونا ئاداۋەتنى تاشلاپ ئىتتىپاقلىشىش ھەمدە تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ خانلىقنى تارتىۋېلىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ تەخىت ۋە ئوردا خەزىنىسىگە ئىگە بولسا، باتۇر بۆگە قاغانغا تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىر قىسىم زېمىن ۋە ئاھالىسىنى بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى›› توغرىسىدا ئەلچى ئەۋەتىدۇ. لېكىن بۇ تەكلىپكە بۆگۈ قاغاننىڭ نېمە دەپ جاۋاپ قايتۇرغانلىقى تارىختا خاتىرىلەنمىگەن.
مىلادى 762-يىلى يازدا تاڭ سۇلالىسىدىن شى چىياۋيىنى يوقۇتۇش ئۇچۈن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەلچىلەر كېلىدۇ. شۇ يىلى كۈزدە ئۇيغۇر-تابغاچ قوشۇنى شى چاۋيىغا زەربە بېرىپ غەلبە قازىنىدۇ. توپىلاڭچىلاردىن 60مىڭ ئادەم ئۆلۈپ،20مىڭ ئادەم ئەسىرگە چۈشىدۇ. شى چىياۋيى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئېسىلىپ ئۆلىۋالىدۇ.
دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر بولغان ئەن لۇشەن-شى سىمىن قوزغىلىڭى(ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى) 762-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈل-كېسىل باستۇرىلىدۇ.
شۇ يىلى بۆگۈ قاغان چاڭئەندە مانى دىنىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن خاندانلىقىدا مانى ۋە ئەسلىدە ئەجدادلار ئىشىنىپ كېلىۋاتقان شامان دىنى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. خانلىقتا ئاستا-ئاستا ئىككى خىل دىندىكىلەر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. مانى دىنىدا گۆش يىگىلى،شاراپ ئىچىشكە بولمايدۇ ۋە يايلاق خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە چوڭ دەرىجىدە ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقلەر ئىچىدە مانى دىنىغا ۋە مانى دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارتا ئۆچمەنلىك ئىددىيىسى تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن خانلىقىدا ئاستا-ئاستا ئىدىلوگىيە جەھەتتىكى پارچىلىنىش باشلىنىدۇ. بۆگۈ قاغان ھەر قايسى بۇيرۇق(ۋەزىر) ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ مانى دىنىنى چەكلەش،ئەجدادلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان مۇنازىرە ۋە تەكلىپلەرنى قويغان بولسىمۇ بۆگۈ قاغان يەنىلا مانى دىنىنىڭ ياخشى تەرىپىنى سۆزلەپ باشقىلارنىڭ سۆزىگە پىسەنىت قىلمايدۇ.
مىلادى 780-يىلى ئۇلۇغ بۇيرۇق ئىنانچى تون باغا تارقان ئۆزىنىڭ نۆكەرلىرىنى ۋە ياردەمگە كەلگەن تۆلىس لەشكەرلىرىنى باشلاپ بۆگۈ قاغاننىڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىردى. نەتىجىدە بۆگۈ قاغان،ئۇنىڭ يېقىنلىرى ۋە سوغدى روھانىيلىرىدىن بولۇپ 2000دەك ئادەم قىرىپ تاشلاندى. شۇ يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى ئۇلۇغ بۇيرۇقى بولغان ئىنانچى تون باغا تارقان خانلىقنىڭ تۇنجى ئۇلۇغ بۇيرۇقى بولغان ئىنانچى تون باغا تارقان خانلىقنىڭ ئالتۇن تەختىگە ئولتۇردى ۋە قات قۇتلۇغ بىلگە قاغان دېگەن نام بىلەن ئۇلۇغلاندى. شۇنىڭ بىلەن ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ سەلتەنىتى ئاياغلىشىپ، يېڭى قاغاننىڭ ئەدىز ئۇرۇقى ھۆكىمىرانلىق ئورنىنى ئىگىلىدى.
مىلادى 839-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىغا ئۇلۇغ مۇنمىش بىلگە قاغان قاغانلىق قىلىۋاتقان يىللار ئىدى. ئۇدا ئۈچ يىل يازدا يامغۇر، قىشتا قار ياغمىغانلىقتىن يايلاقلاردا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى. تۈرلۈك كېسەللىكلەر تارقالدى. قاغاننىڭ پاراسەتسىزلىكى تۈپەيلى بۇ ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىنلەشتى. قاغاننىڭ كۈچى ئاجىزلاشتى. ئىتىپاقسىزلىق ئۇرۇقى چېچىلىپ دۆلەتنى مالىمانچىلىق قاپلىدى. تۈرلۈك ئىسيانلار كۆپەيدى. ئۇلۇغ مۇنمىش بىلگە قاغان ئىقتىدارسىزلىقتىن ئىچكى مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ بۇيرۇق كۈلۈگ باغا تارقان قاغان ئۆلگەندىن كېيىن ئازغىنە ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا غەلبە قىلغان كۈلۈگ بەگ ئۆزىنى ئۇلۇغ بۇيرۇق دەپ جاكارلاپ ئون ئىككى-ئۈن ئۈچ ياشلاردىكى قوزا تېگىننى قاغان دەپ جاكارلىدى.
ئۆسمۈر قاغان قوزا تېگىن قاغان بولغاندىن كېيىن ئىشلار ئاساسەن ئۇلۇغ بۇيرۇق كۈلۈگ بەگنىڭ دېگەنلىرى بويىچە بولدى. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىلگىرىكى ئۇلۇغ بۇيرۇق كۈلۈگ باغا تارقان قىرغىزلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇلۇغ بۇيرۇقلۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىپ ئورخۇن خانلىقىغا ئورخۇن خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ خانلىق بولغان قىرغىز قاغانى ئاجۇنى ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرىتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاپەتنىڭ ئۈستىگە ئاپەت كېلىۋاتقان مەزگىللەردە يۈز مىڭ كىشلىك قىرغىز قوشۇنىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئورخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مىلادى 840-يىلى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈلدى.
ئورخۇننىڭ تارىخى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ھەم شانلىق ھەم ئاچچىق تارىخنى قالدۇرۇپ كەتتى. مەڭگۈ تاشلار ۋە مانا مۇشۇنداق ئاچچىق ساۋاقلار بىزنى كەلگۈسىگە قانداق قارىشىمىزدا يولباشلىغۇچى بولغۇسى!
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئورخۇن ۋادىسىدىن پان تېگىننىڭ رەھبەرلىكىدە تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىغا چېكىنىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. يەنە زور قىسىمى تارىم ۋادىسى، ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى جايلار ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىغا تارقاقلىشىپ شۇ جايلاردىكى تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە قەشقەر ۋە بالاساغۇننى پايتەخىت قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار گەنسۇ ئۆلكىسىگە تەۋە جايلارغا بېرىپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. يەنە بىر قىسمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(تابغاچ) رايونىغا كۆچۈپ كەتتى. مانا بۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى.
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى 11-ئاي نەشرى
2008-يىلى 5-ئاي بېسىلىشى
收藏到:Del.icio.us