• 2009-02-08

    ئامېرىكا پاكىستاندىن يادرو ئاتىسىنى قايتا كونا كەسپى بىلەن شوغوللانماسلىقىنى تەلەپ قىلدى Amérika pakistandin yadro atisini qayta kona kespi bilen shoghullanmasliqini telep qildi - [ھەربىي ئىشلار]

    ئامېرىكا پاكىستاندىن يادرو ئاتىسىنى قايتا كونا كەسپى بىلەن شوغوللانماسلىقىنى تەلەپ قىلدى
    Amérika pakistandin yadro atisini qayta kona kespi bilen shoghullanmasliqini telep qildi



    ئامېرىكا ھۆكىمىتى ۋە تەھلىلچىلىرى: پاكىستاننىڭ قويۇپ بېرىلگەن <<يادرو ئاتىسى>> قادىرخان يەنىلا يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىتىدىكى خەتەرلىك شەخىس،دىگەن. سىنگاپورنىڭ <<بىرلەشمە ئەتتىگەنلىك گېزىتى>> گە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرىزدىنتى ئوباما پاكىستان ھۆكىمىتىگە بۇنىڭدىن كېيىن قادىرخاننىڭ يادرو كېڭەيتىش پائالىيىتىگە يېقىنلاشماسلىقىغا كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. دۆلەت كاتىپى ھېلارىمۇ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

    ئاقساراي باياناتچىسى جىبۇس(吉布斯)نىڭ جۈمە كۈنى ئېيتىشىچە:<<بىز قادىرخاننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرىنى كۆردۇق، بىراق ھازىرغىچە پاكىستان ھۆكىمىتى رەسمى يوسۇندا خەۋەرلاندۈرمىدى. ئامېرىكا پىرىزدىنتى ۋە ھۆكىمىتى پاكىستان ھۆكىمىتىدىن قادىرخاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ئىلگىرى نازارەت قىلىنغان ھەركەتلەرگە يېقىنلاشماسلىقىغا ۋە قاتناشماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ>>.

    ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېلارىمۇ قادىرخاننىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن ئىنتايىن<<ئەندىشە>> قىلغان. ئامېرىكا گوۋۇيۈن باياناتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە:<<ئەگەر سوت ئۇنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغان بولسا بۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ>> دىگەن. ئۇ يەنە قادىرخان <<ئېغىر بولغان يادرو كېڭىيىپ كېتىش خەتىرى>> نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دىگەن.

    قادىرخان جۈمە كۈنى زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا قارىتا يۇقارقى سۆزلەرنى قىلغان.

    ئۇ:<< ئۇلار بىزنىڭ ئاللاھىمىزنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ئۇلار بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ئۇلار بىزنىڭ داھىيمىزنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ ئەزەلدىن ئۇنداق بولمىغان. مەن ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆڭۈل بىلمەيمەن، كۆمەن پەقەت ئۆزەمنىىڭ دۆلىتىگىلا كۆڭۈل بۈلىمەن. ئوباما پەقەت ئامىرىكىغا كۆڭۈل بىلىدۇ. پاكىستانغا،ھېندىستانغا ياكى ئافغانىستانغا كۆڭۈل بىلمەيدۇ>> دىگەن.

    قادىرخان ئۆزىنىڭ يادرو كېڭەيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئويلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



    مەنبە:http://mil.news.sina.com.cn/2009-02-08/1400541319.html


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى بېتىدە بلوگىڭىز كۆزنەك ئورۇندا ئۇلىنىش قىلىندى. مۇمكىن بولسا سىزنىڭمۇ يۈكسەل بلوگى ۋە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز!
    http://www.yukselblog.cn/bloglar/
    回复YukselBlog说:
    سىزنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويغىنىڭىزغا تەشەككۈر.
    يۈكسەل بلوگىنى قېتىپ بولغان ئىدىم. ھازىر يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. داۋاملىق كېلىپ تۇرۇڭ قېرىندىشىم.
    2009-02-12 14:52:10