-
ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق Uyhugr heqqide qoshaq - [ئۇيغۇرلار]
2008-11-06
ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق
Uyhugr heqqide qoshaq
مۇختار بۇغرابىزنى تۇغدى بۇ زىمىن،
يۇتار يەنە ھاپ قىلىپ.
كىيىنكىلەر چالىدۇ،
تېرىمىزنى داپ قىلىپ.
ئۆتىشىمىز جاھاندىن،
ھېجىلىشىپ، پېتىشماي.
ئۇ يۇرتلۇق ھەم بۇ يۇرۇتلۇق،
بىر-بىرىنى قېتىشماي.
<<ئۇيغۇر دىگەن ئۇيۇشقاق>>،
دېيىشىپ لاپ ئۇرىمىز.
ماجرا تېرىپ ئۆز-ئارا،
ئويۇن كۆرۈپ تۇرىمىز.
نە كويلارغا سالمىغان،
بىزدىكى بۇ كەمچىلىك.
بۇ ئازابنىڭ ئالدىدا،
دوزاخ ئوتى قانچىلىك.
ئېگىز ئۆسكەن تېرەكمۇ،
خالىي بولماس پۇتاقتىن.
تۇغىلسىكەن مىللىتىم،
پەقەت بىرلا قوساقتىن.
<<مۇختار بۇغرا ئەسەرلىرى>>(2) <<تىكەن پەسلى>>历史上的今天:
随机文章:
بالىلارنى خەنزۇچە ئۇقۇتۇشتىن تۇغۇلغان ئويلار Balilarni xenzuche oqutushtin tughulghan oylar 2009-01-06فىرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرغان تور بېكىتى Firansiyidiki uyghurlarning qurghan tor békiti 2008-12-18بىز ئۇيغۇر Biz uyghur 2008-11-06
收藏到:Del.icio.us
<< ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى:كۆچ-كۆچ قوشىقى Uyghurlarning tarixi:köch-köch qoshiqi | ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ | «لۇشۈن» دىگەن تەخەللۇسنىڭ مەنىسى <> digen texellusning menisi >>