• ئانا تىلىمنى ئەسلەپ ..... - [تىل-يېزىق]

    2010-09-19 | خەتكۈچ: ئانا تىلىمنى ئەسلەپ

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75276223.html

     

    ئانا تىلىمنى ئەسلەپ …

     

    بۇ يىل ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن ئۇيغۇر يۇرتىمىزنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچىدە كۆرۈشتۇق. ئۈرۈمچىدە تۇرغان ئاشۇ كۈنلەردە مەن ئۇچراتقان ئەتراپتىكى مۇھىتلاردا ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى چىن دىلىدىن بۈيۈك بىلىپ، ئۇنى ھۆرمەتلەپ، گۈزەل سۈپەتلەپ جۇشقۇن سۆزلەش ئەمەس، بەلكى چالا «ئەبجەش تىل» دا چوكۇلداپ سۆزلەش، ئاشۇنداق سۆزلەۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى چۈشىنىش-چۈشەنمەسلىكى بىلەن قىلچە ئويلىنىپ كۆرمەيدىغانلىقى مېنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇردى.

    نېمە ئۈچۈن … ؟!!

    بۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ۋە ياكى شۇ كىشىلەرنىڭ بىرمۇ-بىر توغرا سۆزلىشىگە چۈشەنچە بېرىش ئاشۇ «ئەبجەش تىل» غا كۆنۈپ كەتكەنلەرگە ئارتۇقچە بىلىنىشى، قۇلىقىغا ياقماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ مەن ئويلايمەن، ئالدى بىلەن ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ قايسى توپقا، قايسى ئۇلۇسقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياشىشى ئۆزگەرمەس چىن ھەقىقەتتۇر. ئاندىن قالسا ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئالاقە جەريانىدىكى تىل قورالىدىن توغرا پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي پائالىيىتىنى بىجىرىم داۋاملاشتۇرالىشى كېرەك. ئەلۋەتتە زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ياردەم بولۇشىنى مەقسەت قىلىپ قوش تىلدا، ياكى كۆپ تىلدا ئۇچۇر ئالاقە قىلالىسا تېخىمۇ ياخشى دەپ ھەممە توپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمىز. بۇ يەردىكى شەرت ئاشۇ كۆپ تىلنىمۇ چوقۇم ساپ ئۆز تىلدا ئىپادىلەش، قوللىنىش كېرەك.

    شۇڭا، ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئوچۇق، ئۇرغۇلۇق، ساپ قوللىنىپ، ئاندىن كۆپ تىلدا ئالاقە قىلىشقا ماسلاشساق ھەرگىز پەقەت كېچىكمەيمىز.

    ئانا تىلىمىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ بارچە جايلىرىدا كىشىنى سېغىنىشلىق ئەسلىتىپ قويىدىغان ھالەتتە ئەمەس، روھىمىزدىن خۇشاللىق ئىپادىلەيدىغان مەۋجۇتلۇقتا ساپ قوللىنىلىشىنى تەۋسىيە قىلايلى.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئاغزىڭىزغا ناۋات سالغۇدەك گەپنى دەپسىز قېرىندىشىم.
  • توغرا دەيسىز بىر مىللەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى تىلى،تىلىنى يوقاتقان مىللەتنى نىمە دىيىش مۇمكىن.