• مىللىيچە - خەنزۇچە ئىككى خىل تىل - يېزىقنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش - [تىل-يېزىق]

    2011-09-21 | خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/162831868.html

    مىللىيچە - خەنزۇچە ئىككى خىل تىل - يېزىقنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

    ش ھ ب [2011] 57-نومۇرلۇق

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ، ئوبلاستلىق ، شەھەرلىك ، ناھىيەلىك ( شەھەرلىك ) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، مەمۇرىي مەھكىمىلەر ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى :   

     ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەتلىك ، كۆپ تىللىق ، كۆپ يېزىقلىق رايون . پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تىل - يېزىق سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ، مىللىيچە ، خەنزۇچە ئىككى خىل تىل - يېزىقنى توغرا قوللىنىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا بەزى جايلار ۋە ئورۇنلاردا جەمئىيەتتە قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىق قېلىپلاشماسلىق ، مەسىلەن ، مىللىيچە - خەنزۇچە يېزىقنى بەلگىلىمە بويىچە قوللانماسلىق ، مىللىيچە - خەنزۇچە يېزىقنى تەڭ قوللانغاندا نىسبىتى تەڭشەلمەسلىك ، تەرجىمىسى توغرا بولماسلىق ، تىزىلىشى قائىدىسىز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەمىشە يۈز بېرىپ ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى .

      << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورتاق تىل - يېزىق قانۇنى >> ۋە << شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى >>دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى قائىدىلىك ، توغرا قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۆۋەندىكىدەك تەكىتلەيمىز :

     1. دۆلەت پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ ، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يۈرگۈزىدۇ ؛ ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە ؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىشتا << ئاساسىي قانۇن >> ، << مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى >> ۋە باشقا قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىدۇ . دۆلەت ئورگانلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ھۆكۈمەت تىل - يېزىقى قىلىدۇ . قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .

     2. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ، ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ئىككى خىل - يېزىقنى تەڭ قوللىنىدۇ . ئېھتىياجغا قاراپ باشقا مىللەت تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ ؛ ئاپتونوم ئوبلاست ، ئاپتونوم ناھىيەلەردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ، ئاپتونوم رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر ، خەنزۇ تىل - يېزىقلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ ، ئېھتىياجىغا قاراپ شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان باشقا مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ ؛ بىر قانچە خىل تىل - يېزىقنى تەڭ قوللىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ .

     3. ئورگان ، تەشكىلات ، كارخانا ، كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق ۋە يەرلىك يىغىن ئاچقاندا ، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ، بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنى قوللىنىشى ، بولۇپمۇ يىغىندا تارقىتىدىغان ھۆججەت ، ماتېرىياللارنى مىللىيچە ، خەنزۇچە يېزىقتا تەييارلىشى لازىم . مۇھىم يىغىنلارنىڭ پىلاكاتىدا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشى كېرەك .  

     4. ئورگان ، تەشكىلات ، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوقۇغۇچى ، ئىشچى ، كادىر قوبۇل قىلغاندا ۋە تېخنىكا سىنىغان ، ئۇنۋان باھالىغان ، دەرىجە ئۆستۈرگەن چاغدا ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشى ياكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قوللىنىشى كېرەك . دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئايرىم بەلگىلىمە چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا . 

     5. جەمئىيەتتە يېزىق قوللىنىشتا قېلىپلاشقان ، نىسبىتى ماسلاشقان ، كۆركەم ئىشلەنگەن ، تەرجىمىسى ۋە ئىملاسى توغرا بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشى كېرەك . 

     جەمئىيەتتە قوللىنىلىدىغان يېزىق ئاساسلىقى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ : ئورگان ، تەشكىلات ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى ، ۋىۋىسكىسى ، كىنىشكىسى ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتى ، ئالاقە قەغىزى ، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يۇقىرىغا يوللىنىلىدىغان ، تۆۋەنگە تارقىتىلىدىغان تۈرلۈك ھۆججەت ، خەت - ئالاقە ، تارقىتىلىدىغان ئۆگىنىش ماتېرىيالى ۋە تەشۋىقات بۇيۇمى ( ئېھتىياجىغا قاراپ شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىق قوللىنىلسا بولىدۇ ) ؛ ئاممىۋى سورۇنلار ، جامائەت ئەسلىھەلىرى ھەمدە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ نام تاختىسى ، جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانى ، چېگرا تاختىسى ، يول بەلگىسى ، قاتناش بەلگىسى ۋە ئاپتوموبىللارغا يېزىلغا ئورۇن نامى ، بىخەتەرلىك شوئارى ، ئاپتونوم رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەمدە ئاپتونوم رايوندا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ نامى ، چۈشەندۈرۈشى قاتارلىقلار .

    ئاممىۋى سورۇن دېگەنلىك ئاممىنى ئوبيېكت قىلىپ ، سودا خاراكتېرلىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان سورۇنلارنىڭ ، يەنى ئاممىنىڭ خىزمەت قىلىش ، ئۆگىنىش قىلىش ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تەنھەرىكەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ، كۆڭۈل ئېچىش ، ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ، داۋالىنىش ، ساقلىق ساقلاش ، دەم ئېلىش ، ساياھەت قىلىش ۋە بىر قىسىم تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئاممىۋى ئىمارەت ، سورۇن ھەمدە ئۇنىڭ ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتوبۇس ( ئايروپىلان ، پاراخوت ) كۈتۈش ئۆيى ، بېلەت سېتىش زالى ؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز كۈتۈمخانىسى ، داۋالىنىش رايونى ، كېسەلخانا رايونى ، كىنو - تىياتىرخانا ، تانسىخانىلار ، سىن قويۇش زالى ، ئويۇنخانىلار ؛ تۈرلۈك تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرى ، ؛ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ؛ مەكتەپ ، كۇتۇپخانا ، قىرائەتخانا ، مۇزېي ، كۆرگەزمىخانا ، پەن - تېخنىكا سارىيى ، گۈزەل - سەنئەت يۇرتى ، ئارخىپخانا ، ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيى ؛ خەلق مەيدانى ، باغچا ؛ سودا سارىيى ، تاللا بازىرى ، مېھمانخانا ، مېھمانساراي ، رېستورانلار ؛ تۈرلۈك تىجارەت زاللىرى ؛ دىنىي پائالىيەت سورۇنى قاتارلىقلار .

     6. ۋىۋىسكا ، تامغىلاردا قوللىنىلىدىغان يېزىقلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۆلچىمى .   

    1) خەت رەڭگى ۋە ئۆلچىمى . ئادەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئورگانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى يېزىقنىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ، ھۆكۈمەت ، سىياسىي كېڭەش ، ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات ، كەسپىي ئورۇن ۋىۋىسكىلىرىدىكى يېزىقنىڭ رەڭگى قارا بولىدۇ . مىللىيچە يېزىقنىڭ خەت شەكلى تېكست باسما شەكلىدە بولىدۇ ، خەنزۇچە يېزىقنىڭ خەت شەكلى سۇڭ ئۇسلۇبىدىكى خەت شەكلىدە بولىدۇ . ۋىۋىسكىدىكى يېزىق تامغىدىكى يېزىق بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك ، ۋىۋىسكىنىڭ ماتېرىيالى ، چوڭ - كىچىكلىكى ئىمارەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىشى كېرەك .

    2) يېزىقنىڭ تىزىلىش تەرتىپى . يۇقىرى - تۆۋەن شەكىلدە تىزغاندا : مىللىيچە يېزىق ئۈستىگە ، خەنزۇچە يېزىق ئاستىغا تىزىلىدۇ . چەت ئەل يېزىقى بارلىرىدا ، چەت ئەل يېزىقى خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئاستىغا تىزىلىدۇ .

     ئوڭ - سول شەكىلدە تىزغاندا : ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز يېزىقلىرى ئوڭ تەرەپكە ، خەنزۇ يېزىقى سول تەرەپكە تىزىلىدۇ ؛ چەت ئەل يېزىقى بارلىرىدا ، چەت ئەل يېزىقى خەنزۇ يېزىقىنىڭ سول تەرىپىگە تىزىلىدۇ . موڭغۇل ، شىبە يېزىقلىرى سول تەرەپكە ، خەنزۇ يېزىقى ئوڭ تەرەپكە تىزىلىدۇ ، چەت ئەل يېزىقى بارلىرىدا ، چەت ئەل يېزىقى خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تىزىلىدۇ .

     دۈگىلەك تامغىلاردا مىللىيچە يېزىق سول تەرەپكە ، خەنزۇچە يېزىق ئوڭ تەرەپكە تىزىلىدۇ .

    7. يېزىق تەرجىمە قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش . ئورگان ، تەشكىلات ۋە كارخانا ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغا ، ۋىۋىسكا ، كىنىشكە ، كونۋېرت ، ئالاقە قەغىزى ۋە ئاممىۋى سورۇن ، جامائەت ئەسلىھەسى ، شۇنداقلا ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى جەھەتتە شۇ جايدىكى تىل - يېزىق مەسئۇل تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سوراش ، تەرجىمىسىنىڭ توغرىلىقىغا ، قېلىپلاشقان خەت ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم . 

     جايلار ۋە تارماقلار مىللىيچە ، خەنزۇچە تىل - يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇپ قوللىنىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ، ئۆگىنىش ۋە تەشۋىقاتنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ، قائىدە - تۈزۈمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئۆز جايى ، ئۆز تارمىقى ( ئورنى )نىڭ تىل - يېزىقنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تىل - يېزىق مۇھىتى يارىتىشى لازىم . 

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى

     2011-يىل 3-ماي

    ماتېرىيال مەنبەسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخباراتى ( 15-نومۇرلۇق )  

          توردىكى مەنبەسى:  ئىزدىنىش مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us