• ئانا تىلىم - [تارىخ]

    2010-07-19 | خەتكۈچ: ئانا تىلىم

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/69749435.html

    ئانا تىلىم

    ـــ ئىبراھىم ئالىپ تېكىن

     

    مەيلى، قايسى تىلدا زوق ئالسا ھەركىم،

    مېنىڭ ئـۆز تىلىمـغا جېـنىم مىـڭ پىـدا.

    ئـەگـەر ئانا تىـلىـم يـوقالسـا ئـەتـە،

    مـەن بولاي بۈگـۈنـلا جېنىمـدىن جـۇدا.

     

    رەسۇل ھەمزەتوف

     مەن تۇغۇلدۇم، دادام مېنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىدى، مەن تۇغۇلدۇم، دادام مېنى «ئون غۇز» دەپ ئاتىدى.

    مەن دادامنىڭ مۇقەددەس يېرىدە،ئانامنىڭ مېھرىبان قۇچىقىدا بۇ ھاياتلىقنىڭ قاينام تاشقىنلىق بازىرىغا ئاپىرىدە بولدۇم. مەن بۇ بازاردا مىليۇن خەلقنىڭ مۇھەببەتلىك قەلبىگە سىڭىپ كەتتىم، ئۇلار مېنى قايناق،گۈزەل سۆيگۈسى بىلەن پەپىلەپ، بۈيۈك غورورى بىلەن قاتارغا قوشتى. مەن چوڭ بۇلىۋاتىمەن. شۇنداق،ھايات ۋە ماماتلىق ئىچىدە ئۆسىۋاتىمەن. ئۇلار ماڭا: «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا، كۆزۈڭنى ئاچ» دەپ گەپ قىلغاندا، مەن ئۈگىدەك باسقان روھىمغا سوغاق سۇ چاچىمەن، روھىم مېنى مەڭگۈ ئەركىنلىكنىڭ يېشىل باغچىسىغا باشلاپ بارىدۇ.

    كېتىۋاتىمەن. يولدا ئۇچرىغان بۇ كىشىلەر مېنى چۈشىنىدۇ، بىز ئۆز ئارا سۆزلىشەلەيمىز، مەن ئۇلارنى چۈشىنىمەن، گەرچە ئۆيىمىز باشقا-باشقا بولسىمۇ. بىز كۆرىشەلەيمىز، بىزنى سۆزلەشتۈرگەن، بىزنى كۆرۈشتۈرگەن پەقەت بىزنىڭ ئانا تىلىمىز!  

        مەن قۇمساڭغۇ تۇپراقنىڭ چىملىق ساھىلىدا «چىم-چىم» ئويناۋاتقان سەبىي بالىلارنى ھەر قېتىم ئۇچراتقىنىمدا چەكسىز سۆيۈنۈپ كېتىمەن. مەن ئۇلار بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق سۆزلىشىمەن، ئۇلار بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغان ئەپسانىۋىي ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇلارنى ئاشۇنداق گۈزەل تىلدا سۆزلەتكەن ــ مېنىڭ ئانا تىلىم.

        جەڭگاھتا يۈز-كۆزى قانغا مىلەنگەن سەركەردە قۇچىقىمدا جان ئۈزدى. ئۇنىڭ تىنىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىپى ئۈزۈلگىچە سۆزلىگەن سۆزى پەقەت مېنىڭ تىلىم. ئۇ مېنىڭ تىلىمدا مەن بىلەن يورۇق كۈندۈزدىمۇ ئوتلۇق سۆزلىشەلەيدۇ، زۇلمەت كېچىدىمۇ سۆزلىشەلەيدۇ.  

        ئانا تىلىم-ئانامنىڭ تىلى، ئاتامنىڭ تىلى؛ ئانا تىلىم-ۋەتەننىڭ، تۇپراقنىڭ تىلى؛ ئانا تىلىم-دەريا، دېڭىز-ئوكيانلىرىمنىڭ تىلى؛ ئانا تىلىم-گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلىرىمنىڭ تىلى؛ ئانا تىلىم كۆك ئاسمىنىمنىڭ تىلى، ھەممە ھەممىنىڭ تىلى...! مەن سۆيگەن ۋەتەن، مەن سۆيگەن ئىنسان، مەن سۆيگەن ھەممە بىر-بىرىمىزگە ئۆزتىلىمىزدا مۇھەببەت بېرىمىز، بىر-بىرىمىزنى ئۆز تىلىمىز بىلەن سۆيىمىز. بىزنىڭ ئارمانلىرىمىز ئانا تىلىمىزدا بايراق چىقىرىدۇ؛ ئانا تىلىمىز بىزنى يۈكسەكلىككە، ئۇلۇغلۇققا ئېلىپ چىقىدۇ.

        كېتىۋاتىمەن. پۇت-قۇلۇمنىڭ مادارى ئانا تىلىمدىن كەلگەن. تار، ئەگرى-توقاي يوللار مەن ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس، مېنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمىمدە ئانا تىلىم بار. ئۇ مەن ئۈچۈن ئىرادە، ئۇ ماڭا قانات! مەن نەدە ياشاي ئۇ مېنىڭ يۈرىكىمدە...  !

        بوۋاقلىقىم، يۇمران بالىلىق چاغلىرىم، جۇشقۇن ياشلىقىم، باتۇر قىرانلىقىم، ساغلام قېرىلىقىم...  بۇ زەنجىرسىمان ھايات يوللىرىدا ئۇ ماڭا ھەمراھ، ئۇ ماڭا باشپاناھ.

        مەن ئانا تىلىمنىڭ كارامىتىگە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن، مەن پەقەت بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ ئىگىلىگەن ئانا تىل بىلەنلا ئادەم قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى مىللىي غورۇر بۇلىقىنى ئاچالايمەن. ئېسىل پەزىلەتلەرگە مەدھىيە ئوقۇيالايمەن، ئانا تىلىم ئارقىلىق بوۋام ئافراسىياپتىن تارتىپ ناۋائىيگىچە، شۇنداقلا بۈگۈننىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرگۈچى مەردانە ئەزىمەتلەرنىڭ جەڭگىۋار ناخشىلىرىنى داۋام ئېتىمەن.

       ئەي، جاھان سەھنىلىرىدە قۇياشتەك نۇر-زىيا تارقىتىۋاتقان ئانا تىلىم، سېنىڭ ئۆمرۈڭ ئۇزاق بولسۇن، سەن بىزنىڭ ئەبەدىي قۇرىماس يېشىل دەرىخىمىز !

    ئەسلى مەنبەسى:

    http://home.sirlik.cn/space.php?uid=1499&do=blog&id=1706


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئوقۇۋېتىپ ئاجايىپ ھىسلارغا كىلىپ قالدىم.