• ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى - ئەركىن سىدىق - [تەۋسىيە]

    2011-01-30 | خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/102853822.html

    ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى - ئەركىن سىدىق

    غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى
    13.ئاخىرقى سۆز

    مەن 2008-يىلى يازغان «ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش» دېگەن تېمىدىكى ماقالەمدە ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن قىلىشىغا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم:

    مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ۋە مىللىي ئاڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش

    مەن يېقىندىن بۇيان «بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالغا بارغانسېرى كۆپ دۇچ كەلگەنسېرى، يۇقىرىقى ئۈچ ئىش ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم ئىشلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك، ئوتتۇرا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيدىغان، ياكى چۈشىنىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر مەيلى ۋەتەندە بولسۇن ياكى چەت ئەللەردە بولسۇن يەنىلا ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن. مېنىڭچە بۇ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتا، مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى ناھايىتى زور ياردەمدە بولالايدۇ. بىرىنچىدىن، بۇ قانۇنىيەت يېقىنقى زامان غەرب دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن نەرسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشى ئۆزىنىڭ مىللىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ئامىللاردىن بىرى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى، نىشانى ۋە غايىسى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ئۆز ھاياتىدىكى كۆزلىگەن مەقسىتىدە ۋە قىلغان ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭالاشقا مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش ئۇلار قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئىككىنچىدىن، كۆڭۈلنىڭ مۇستەملىكە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆڭۈلنىڭ باشقىچە پروگراممىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە شۇ ئارقىلىق مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ھەر بىر ئادەمدىن مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان ئۆز تەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ئۆز قەلبىگە ئۆزى كاپىتان بولۇش بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشنى، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ماھارىتىنى تولۇق يېتىلدۈرۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ ئۆزەمنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق تارىخىي پەيت بولغان بۈگۈنكىدەك كۈندە مۇشۇنداق بىر تېمىنى تاللىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىدۇر.

    ھازىر بىز ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ خوجايىنى. ھازىرقى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان يۇقىرىقى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىلەر ئاسانلا ئورۇنلىغىلى بولىدىغان ئىشلار ئەمەس. لەكىن بۇ ۋەزىپىلەر بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قابىلىيەتلىرىنىڭ ئۈستىدىمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئازابلىرى بىلەن جاپالىرى بىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىمىزنىڭ سىرتىدىمۇ ئەمەس. بىزنىڭ پەقەت بۇ ۋەزىپىلەرگە نىسبەتەن ئېتىقاتىمىزلا بولىدىكەن، ھەمدە ھېچ نېمىگە باش ئەگمەيدىغان ئىرادە-جاسارىتىمىزلا بار بولىدىكەن، بىزنىڭ يولىمىزنى ھېچ قانداق نەرسە توسۇپ قالالمايدۇ—يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ھازىر «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆز ئۆز قىممىتىنى يوقاتتى.

    مىلادىدىن بۇرۇنقى 384-322 يىللىرى ياشىغان گرىتسىيەلىك تەنقىدچى، پەيلاسوپ، فىزىكات، ۋە زوئولوگ ئارىستوتۇل (ئىنگلىزچە «Aristotle») مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۆزىمىز قايتا-قايتا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ مەھسۇلى. ئۇنداق بولىدىكەن، مۇنەۋۋەرلىك بىر خىل ئىش-پائالىيەت ئەمەس، بەلكى بىر ئادەت» (ئىنگلىزچە We are what we repeatedly do. Excellence then, is not an act, but a habit). مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغىنىدەك، بىز ھەر قانداق كونا ئادىتىمىزنى يوقۇتۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەر قانداق يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيمىز. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق يەر ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا، قىلىدىغان ھەر بىر ئىشىدا ئۆز تەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ياراتقۇچى بەرگەن ئىنسان كۆڭلىنىڭ بۇ ئىقتىدارىدىن ئىجابىي يوسۇندا پايدىلىنىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئادىتى قىلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نۇقتىنى مەن قانچىلىك تەكىتلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ.

    مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن مەزكۇر ماقالىنى كام دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، ئاندىن ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، مەن يۇقىرىدا قايتا تىلغا ئالغان «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى» نى ئورۇنلاش يولىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

    بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

    (تۈگىدى)

    http://uyghuracademy.com/?p=13220


    收藏到:Del.icio.us