-
زوردۇن سابىرنىڭ ئىشكاۋىدىكى - [تارىخ]
2008-06-25 | خەتكۈچ:
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
زوردۇن سابىرنىڭ ئىشكاۋىدىكى كىتاپلار مۇھەممەد ھوشۇر 2006-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە مەن قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ ئۆيىنى پەتىلەپ باردىم. يازغۇچىنىڭ ئايالى خەلچەم ھەدەم ۋە ئوغلى نۈسرەت مېنى قىزغىن كۈتىۋالدى. پارىڭىمىز مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش–پائالىيىتى ۋە ئىجادىيىتى ئۈستىدە كېتىۋاتقاندا ئۆيگە يېڭى پەتىچىلەر كىرىپ كەلدى. نۈسرەت تەلىۋىمگە بىنائەن مېنى دادىسىنىڭ خانىسىگە باشلاپ چىقتى. مەن بۇ يەردە يازغۇچىنىڭ يېغىپ ساقلىغان قىسمەن كىتاپلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. نۈسرەتنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كىتاپلار دادىسىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق كىتاپ قىسقارتىشىدىن ئېشىپ قالغانلىرى بولۇپ،مەرھۇم ئۇزىغاندىن كېيىنكى سەككىز يىل مابەينىدە ئۇرۇق تۇققان، تونۇش–بىلىشلەر يەنە نۇرغۇن كىتاپلارنى ئېلىپ كېتىپتۇدەك. ئەلۋەتتە، مېنىڭ كۆرگەنلىرىممۇ يازغۇچىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك كىتاپ تەكچىسىدىكى كىتاپلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنىلا تەشكىل قىلىدۇ. بۇ بەلكىم زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى مۈمكىن دېگەن ئىستەكتە دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتاپلاردىن1. خارلانغانلار2. تېنچ دۇن3. ئۇرۇش ۋە تېنچلىق4. سەرسانلىق–سەرگەردانلىقتا5. فائۇست6. گۈلىستان7. لۇشۈن«قەۋرە»8. لۈشۈن«خالاس»9. دالى كارنىگ ئەسەرلىرى10. قۇتادغۇبىلىك11. زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى12. جىنايى ئىشلار قانۇنى13. ماھمۇد قەشقىرى14. لې زىچىڭ15. جىنايى ئىشلار قانۇنى16. شىنجاڭ يىلنامىسى17. غۇلجا تارىخ ماتېرياللىرى18. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى19. ئەمىر تېمۇر كوراگان ھەققىدە قىسىسە20. 3–ئىمپىريەنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى سىلاۋيانچە كىتاپلاردىن21. ئۇنتۇلماس ئون ئىككى يىل22. ئەھمەتجان ھاشىروۋ: نۇر ئانا23. چىنگىز ئايتماتوۋ ئەسەرلىرى24. تۇرغان توختەموۋ: ئانىنىڭ كۆز يېشى25. تۇرغان توختەموۋ: ئاق يېغىن26. تەپەككۈر گۈلشەنى27. زىيا سەمىدى: مايىمخان28. يۇنۇس ئەمرە خەنزۇ تىلىدىكى كىتاپلاردىن29. 法国中篇小说选30. 马丁 杜 加尔:帝博一家31. 十日谈32. 红与黑33. 战争与回忆34. 日瓦格一生35. 莫斯科人36. 大仲马:布拉热洛纳子爵37. 托尔斯泰夫人日记38. 当代西方美学39. 第三帝国40. 帝国史41. 中国古典四部名著42. 纳粹集中营43. 中国大百科全书44. 徐悲鸿一生45. 王蒙新疆小说散文选46. 爱与意志47. 周扬文集48. 陈白忠:鉴赏与探讨49. 太平天国50. 最后一百天51. 各种年鉴 مەنزىل: گۈلىستان ئۇيغۇر سالونى http://www.gulistan.cn
logs/23547984.html
收藏到:Del.icio.us
评论