• ياشنىسۇن، گۈللىسۇن ئۇيغۇر تىلى - [مەدەنىيەت]

    2012-02-21 | خەتكۈچ: ياشنىسۇن، گۈللىسۇن ئۇيغۇر تىلى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/193679642.html

    ياشنىسۇن، گۈللىسۇن ئۇيغۇر تىلى

    ئابدۇرېھىم زۇنۇن

     بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى، 

    مەڭگۇ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى، 

    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،

    مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى،

    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى. 

     

    ئانا تىل ھەردەم قۇۋم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى، 

    ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى،

    ئانا تىل چوڭۇ- كىچىكنىڭ يۈرىكى، تاغ - يۆلىكى،

    ئانا تىل ۋاستە - قورال ئالاقىدە، قەلىب ئەينىكى، 

    بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى. 

     

    پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم،

    تارىتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەر قاچان ئەنبەر تىلىم. 

     ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر، كەۋسەر تىلىم،

    بولدى ئەل دۈشمەنلىرىگە تىغ - تەبەر، نەشتەر تىلىم،

    ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى. 

     

    ‹ئا› بىلەن كىردى ئېغىزغا، تىل - زۇۋانغا مەڭگۈ تەم، 

    قىلدى تىل ئاقىل، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم، 

    تىل چېچېلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم.

    تىل بىمار، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا، ئاچلارغا يەم،

    خاسىيەتلىك تىل تۇمار، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى.

     

    يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام،

    مەن ئىجات ئەتتىم مۇشۇ تىلدا، قىلىپ پەرۋاز داۋام، 

    مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام، 

    مۇشۇ تىل بەردى چىدام، مەردلىك، ۋاپادارلىق مۇدام،

    قان قېرىنداشلارغا رىشتە، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى. 

     

    سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق، 

    ئۇ - چىراق، پەرۋانە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق،

    ئانا تىل يىلتىز، ئوزۇق ئالغۇچى بىز  نوتا - ئۇلاق، 

    ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ، تاپتۇق ئەقىل، سەمرىپ قۇلاق،

    بىزگە پۈتمەس كان، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى.

     

    قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا،

    تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا، 

    ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش، <مىڭ ياشا !>دېگەن سادا،

    مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما،

    ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى.

     

    شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان،

    مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان،

    مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەت ناۋائىي تاپتى شان،

    مۇشۇ تىلغا جان بىرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان، 

    مەڭگۈ ئەنگۈشتەر، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى.

     

    مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق، بىباھا، 

    مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا، خاتا، 

    مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان، مېھرى ئاتەش جان ئانا،

    مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات، جاننى ئاتا، 

    پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ - ھۆنەر ئۇيغۇر تىلى.

     

    ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار،

    ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئېپتىخار،

    ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار، 

    ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار، ھېكمەت، مۇھاببەت... ھەممە بار،

    بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۈردۇر، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى. 

     

    بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم، 

    ئۆز تىلىم بار، ئاي، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم، 

    بارمۇ مەندەك باي جاھاندا، ئۆتتى شاد ھەر ئاي، يىلىم،

    ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم، 

    ماڭا ئۇستاز، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى. 

     

    خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس، تىل ھايات، بىزمۇ ھايات، 

    مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق، ئەل - يۇرت ئاۋات، 

    كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات،  

    مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد، 

    ئۇتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.

     

    تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ، باش قاشلىما، 

    بولسا بىل كۆپ تىل، ئەقىل، كۈچ تاپ ھامان، يانپاشلىما،

    بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما، 

    شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما،

    قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى. 

     

    ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا، 

    شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا، 

    ئانا تىلسىز گال، كېكەچ مەن، بولىمەن جاندىن جۇدا، 

    چىن يۇرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا : 

     سۈيىدە ئاق، ئوتىدا كۆي ! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى 

     

      مەنبە:  جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى


    收藏到:Del.icio.us