• قەيسەر مىجىتنىڭ خېتى (2) - [تەۋسىيە]

    2011-03-08 | خەتكۈچ:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/108175031.html

    قەيسەر مىجىتنىڭ خېتى (2)

     

    ئەسلى مەنبەسى: http://www.meripet.com/Letter/KayserMejit.htm

    خۇلاسىلىگەندە چەت ئەلگە كېلىش، ئوقۇشقا چىقىشنىڭ يۇقىرىقىدەك مۇسبەت ۋە مەنفى تەرەپلىرى بار. ھەممىنى ئويلىشىپ، كۆڭۈلنى توختىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ياخشى-يامانغا تەييارلىق كۆرۈپ، ئىنگلىز تىلىنى ئاشۇ يەردىلا پۇختىلاپ، كەسپىي ئاساسنى ئوبدان سېلىپ، توفەل/گرە ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ، ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ كېلىش كېرەك. بولمىسا تارتىدىغان جاپا باشتىلا كۆپ بولۇپ كېتىپ، ۋايسايدىغان، مەسلىھەت بەرگەنلەردىن، ياردەم قىلغانلاردىن ئاغرىنىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەن يىرىكلىشىپ، پسىخىكا جەھەتتىن نورمالسىز بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئەينى چاغدا  “بېرىۋالساملا ھەرقانداق جاپا بولسا چىدايمەن، مەن دېگەن ئەركەك” دېگەن گەپنى دېمەك، ئە-ماىلدە يازماق ئوڭاي.رېئال تۇرمۇش دېگەن رەھىمسىز، ئۇنى باشتىن كەچۈرمىگىچە ئادەم بىلمەيدۇ. ( مەن ھەتتا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ تۇرۇپمۇ ۋايسىغان ئادەملەرنى كۆرگەن). ئۇنىگ ئۈستىگە بۇ يەردە ئادەم ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، خەلقىدىن ئايرىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە ھەتتا خىزمەت تېپىپ بىر مەزگىلگىچە تەنھا ھالدا “ئوقۇش، ئىشلەش، ئىشلەش يەنە ئىشلەش” تىن ئىبارەت بىر خىل تۇرغۇن تۇرمۇش ئىچىدە تۇنجۇقۇپ ياشايدىغان گەپ.

     

    ئۇيغۇر ئۇكام، ئادەملىرىمىز چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ياشلىرىمىزدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. بەزى ئادەملەردە شۇ ئۈمىدلەرنى ئاقلىغۇدەك ئارمان بولسىمۇ دەرمان بولمايدۇ، بەزىلەردە دەرمان بولسىمۇ، ئۇنداق يۈرەك بولمايدۇ، يەنە بېزىلەر ئۆز لايىقىدا ئەلنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىدۇ. دېمەك چەت ئەلدە تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشى، دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ يەردە تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تىلى ئىنگلىزچىدا مۇكەممەل، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلىرى ئۆگەتكەنلىرىلا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ. يىل دېگەن ئۆتۈۋېرىدۇ، چوڭلارمۇ قېرىپ تۈگەيمىز. ئاشۇنداق كېتىۋەرسە، كېيىنكى ئەۋلادلار بۇ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش كۈچى زور بولغان جەمئىيەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن. مانا بۇ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ قالغان كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئاڭلىسام، ئاز ساندىكى ئادەملەر بۇ دېگەن دېموكراتىك، ئەركىن دۆلەت دەپ يۈرۈش-تۇرۇشتا بەكلا “ئەركىن” ئىكەن، توغرا، ھەر كىمنىڭ ئەركىنلىكى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، نەگىلا بارمىساق، ئاتا –بوۋىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويمىغىنىمىز ياخشى. قىسقىسى بۇ يەردىمۇ يول ئۇنچىۋالا تۈز ئەمەس، ھەممىگە مېھنەت ۋە بەدەل كېتىدۇ.

     

    مەن يەنە بىراۋنىڭ يۇرتتىن ئايرىلغانغا نەچچە يىل بولۇپمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ قويمىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قېرىلىقى، سەت ئىكەنلىكى بىلەن نومۇس قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم. يەنە بىراۋنىڭ بەزى يۇرتداشلىرىنىڭ جاھاندارچىلىقنى بىلمەيدىغانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ سۆزلىگىنىنى ئاڭلىدىم. مانا بۇلار ئاز ساندىكى ئاتالمىش چوڭ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاغزىدىن چىققىنى. ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن، يۇرتداشلىرىدىن چانغان ئۇ خىل ماڭقۇرتلارچە ئىدىيىدىكى ئادەملەردىن نېمە ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن؟ مەن سىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ ئاقكۆڭۈل، جاپاكەش ئاتا-ئانىسىدىن، ئۆزىنىڭ بىغۇبار بالىلىقىنى يېتىلدۈرگەن مېھنەتكەش، ساددا، سۆيۈملۈك يۇرتداشلىرىدىن ۋە يەر شارىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھۆسنىگە جايلاشكان مۇھەببەتلىك سەھرايىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆز خەلقىگە ئىلاجسىزلىقتىن مەنپەئەت يەتكۈزەلمىگەندىمۇ، ھەرقانچە قىيىن ئەھۋالدىمۇ خىيانەت قىلمايدىغان، زىيان سالمايدىغان ۋاپادار، ۋىجدانلىك ئۇيغۇر پەرزەنتى دەپ ئويلايمەن. مەن يەنى سىزنى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسۇن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئوغلى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان ئوغلان دەپ ئىشىنىمەن.

     

    مېنىڭ ئوچۇق خەتنى يېزىشىم گەرچە ئەرزىمەس بولسىمۇ، سىزگە بولغان ئاشۇ خىل ئۈمىد ۋە ئىشەنچتىن تۇغۇلدى.

    تىرىشىڭ ئۇيغۇر ئۇكام، خالىسىڭىز تۆۋەندىكى E-mail  ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ.

    ئېھتىمال سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاز-تولا ياردىمىم تەگسە ئەجەب ئەمەس.

    سالام بىلەن،

    بىر ئۇيغۇر ئاكىڭىز.

     

    (بۇ خەتنىڭ ئاپتورى قەيسەر مىجىت ھازىر ئامېرىكا ھاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىڭ خەلقئارالىق سالامەتلىك ئىقتىسادى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ.)

    ------------------------------------------------

     

    © Copyright 2004 Meripet Homepage http://www.meripet.com

     

    باشقۇرغۇچى: ئەركىن سىدىق  Erkin Sidick

    E-Mail: Erkin@Meripet.com

     

     


    收藏到:Del.icio.us