• نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى - [مەدەنىيەت]

    2011-03-21 | خەتكۈچ: نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/110026926.html

    نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى

     

    ئەلى غۇپۇر

     

     ( مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى )

     

    نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «توققۇز مەرىكە-مۇراسىم» دېيىلىدۇ.  

     

    1)    نورۇز ناغرىسى

     

    نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا، بارلىق-كەنت، قىر-يېزىلاردا، نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكى تەنتەنە قىلىنىپ، ناغرا سۇناي چېلىنىدۇ. ئەل-يۇرت نورۇزغا جابدۇنۇپ، ھەممە جاي تەنتەنىلىك بايرام كەيپىياتىغا چۆمىدۇ.

     

    2). نورۇز تازىلىقى  

     

    نورۇزنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن يۇرت-مەھەللە بويىچە چوڭ تازىلىق ئېلىپ بېلىرىدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئۆي، تام-تورۇس، ھويلا-ئاراملىرىنى سىرىپ-سۈپۈرۈپ، كىگىز-بىساتلىرىنى قېقىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيىدۇ. كىشىلەر يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى ياسىتىپ، پاكىز كىيىنىدۇ. بولۇپمۇ ياش جۇۋان-چوكان، ئوغۇل-قىزلار مەخسۇس يېڭى ئۈستىباش ھازىرلايدۇ. كوچا-يوللار پاكىزە تازىلىنىپ گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىنىدۇ.  

     

    3)   سوغۇق قوغلاش

     

    ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-توپ بولۇشۇپ، ياغلىق قاپاق كۆيدۈرگىنىچە مەھەللىمۇ-مەھەللە يۈرۈپ، سوغۇق قوغلايدۇ، سوغۇقنى ھەجۋىي قىلىپ قوشاق-بېيت ئېيتىشىدۇ، نورۇزغا بېغىشلانغان ناخشىلارنى ئېيتىدۇ. گۈلخان يېقىپ، ئەتراپىدا قۇيۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بىر-بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان توققۇز داپ چېلىپ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ، باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتقاندا، سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىلىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ھەر بىر ئۆيلۈك ئۆز ھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى دېيىلىدۇ.  

     

    4)   يوقلاش 

     

    نورۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش پائالىيىتى بولىدۇ، يەنى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىنى يوقلايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر قەبرە، ئىگە-چاقىسىز قېرى-چۈرى، يىتىم-يېسىر، مېيىپلارنى يوقلايدۇ. 

     

    5)   نورۇز ئېشى  

     

    نورزۇر كۈنى يەنە ئەنئەنە بويىچە نورۇز ئېشى ۋە نورۇز سۈيى تەييارلىنىدۇ. نورۇز ئېشى بۇغداي، ئارپا، قوناق، نوقۇت، گۈرۈچ، ماش، تېرىقتىن ئىبارەت يەتتە خىل دان بىلەن جىگدە قوشۇپ ئېتىلىدۇ. نورۇز سۈيى بولسا چىلان، شاپتۇل قېقى، گۆش، قوينىڭ چوقىسى، سامساق، سىركە قاتارلىق يەتتە خىل نەرسىنىڭ چىلانمىسىدىن ھازىرلىنىدۇ.

     

    6)   نورۇز سەيلىسى 

     

    نورۇز سەيلىسى ھەر قايسى جايلاردا شاد-خۇراملىق ئاساس قىلىنغان ھەرخىل شەكىللەردە ئۆتكۈزىلىدۇ. كۆپىنچە جايلاردا بىر يۇرت ياكى بىرەر مەھەللە ئاسا قىلىنغان ھالدا شۇ جايدىكى سەيلىگاھ ياكى تاغ-دەريالار بويىدكى ھاۋالىق جايلاردا سورۇن تۈزۈلىدۇ. نورۇز پائالىيىتى ئەتىدىن كەچكىچە، بەزى جايلاردا بىر نەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ.

     

    نورۇز كۈنى ئالدى بىلەن مەھەللە ئىچىدە ھېيتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ ئۆيمۇ-ئۆي ھېيتلىشىدۇ، ھەم نورۇز سۈيى ئىچىشىپ ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ. ئاندىن كېيىن پۈتۈن يۇرت خەلقى خۇددى كۆچكەن قۇشلار توپىغا ئوخشاش يارىيا، كۆتەك ھارۋا، مەپە ياكى ئات-تۆگە، كالا، قوتاز، ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلار بىلەن قازان-قومۇچ، كىگىز-بىساتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، چېدىر-سايىۋەن، كەپە-ساتمىلارنى تىكلەيدۇ. ئاشپەز، ناۋاي، قاسساپ، سودىگەر، يايمىچى، قاتارلىق ئوقەتچىلەرمۇ چىقىپ، دۇكان، يايما ئېچىپ بۇ سەھرايى دالىغا ئاۋاتچىلىق بەخىش ئېتىدۇ. نورۇز خادىملىرى بىر چەتتە داش قازانلارنى ئېسىپ نورۇز ئېشى ئېتىش بىلەن مەشغۇل بولسا، نورۇز سەيلىسىگە چىققان ئاھالىلەرمۇ ئۆز كەپە-ساتمىلىرىدا قازان-قۇمۇچلىرىنى ئېسىپ، قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە نورۇزغا ئاتاپ خالىغان بىر خىل تاماق ئېتىش بىلەن بەند بولىدۇ.

     

    نورۇز ئېشى تەييار بولۇشىغا، بىر جاكار بىلەن نورۇز مۇراسىمى باشلىنىدۇ. كۆپچىلىك ئوتتۇرىدىكى بوشلۇققا چەمبەرسىمان كەڭ سورۇن ھاسىل قىلىپ، دەرىجە، مەرتىۋە ئايرىماي نۆۋىتى كەلگەن يەردىن ئورۇن تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ. سورۇننىڭ بىر چېتىدىن ئىشىك ئورنىدا مەلۇم كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇلىدۇ.سورۇن تۈزۈلۈپ بولۇشىغا شۇ «ئىشىك» ئارقىلىق، چىنە، چۆچەك، ھېجىرلاردا نورۇز ئېشى تارتىلىدۇ. كۆپچىلىك نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئائىلىلەر بويىچە نورۇزغا ئاتاپ ئېتىلگەن غىزا-تائاملار ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ كېلىنىپ بىر قاچىدىن كۆپچىلىك ئالدىغا قويۇلىدۇ. بۇ غىزا-تائاملارنىڭ ئېسىل ياكى ئاددى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىمنىڭ ئالدىغا قانداق تاماق توغرا كەلسە، شۇ قويۇلىدۇ. ھەر قانداق ئادەم تاماق تاللىمايدۇ ۋە تاللىماسلىقى شەرت. تاماق يېيىلىپ بولغاندىكىن كېيىن، ئادەت بويىچە كۆپچىلىك بىردەك قول كۆتۈرۈپ، سۇ، يامغۇرغا مولچىلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا بەرىكەت، نەرخ-ھاۋاغا ئەرزانلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت پاراڭلارنى قىلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇراسىم ئاخىرلىشىپ نورۇز چېيى ۋە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ. 

     

    كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ھەرخىل ئويۇن تۈرلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم سورۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

     

    ئەلنەغمىچىلەر ھەرخىل چالغۇلارنى تەڭكەش قىلىپ نورۇز قوشاقلىرى، ئون ئىككى مۇقام كۈي-غەزەللىرى ۋە ھەرخىل مەزمۇندىكى يۈرۈشلەشكەن خەلق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، سەھرايى دالىلارنى بايرام خۇشاللىقىغا چۆمدۈرىدۇ. مۇقام مەرغۇللىرى، سەنەم كۈيلىرى ئورۇنلانغاندا، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئىختىيارسىز بەس-بەستە ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. تاماشىبىنلار ئۆز خاھىشى بويىچە ئۇسسۇلچىلارنىڭ بېشىدىن پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆرۈپ، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ. بۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار بىلەن ئەلنەغمىچىلەرگە بىلدۈرگەن تەشەككۈرى بولۇپ، ئادەتتە «چۆرۈمە» دەپ ئاتىلىدۇ.

     

    داستانچىلار ئۆزىگە قىزىقارلىق قىياپەت، ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان ئاھاڭ بىلەن «مىڭ بىر كېچە»، «كەمەك ھەييار»، «چاھار دەرۋىش» قاتارلىق داستان، ھېكايىلەرنى سۆزلىسە، ئۇلارنىڭ توپ ئىچىدە ئولتۇرغان شاگىرتلىرى ئارىلاپ دوست تارتىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەربىر داستان، ھېكايە ئاخىرلاشقاندا، ئاڭلىغۇچىلار ئۆز خاھىشى بويىچە داستانچىلارغا پۇل ئىنئام قىلىدۇ.

     

    ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى جايلاردا، مەسىلەن، قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىدا بۇ قۇتلۇق بايرام كۈنى ئىلىم-مەرىپەت تەرغىباتى ۋە كىشىلەرنىڭ پەم-پاراسىتىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. 
     
    14-ئەسىرگىچە ئوپالدىكى نورۇز بۇلاق-كاتتا نورۇز سەيلىگاھى بولۇپ كەلگەن. بۇ بۇلاق شۇ جايدىكى مەھمۇد كاشغەرىي مازىرى (ھەزرىتى موللام مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، 14-ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ھەر يىلى نورۇز پائالىيىتى شۇ بۇلاق بويىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنلىكتىن، بۇ بۇلاق «نورۇز بۇلاق» دەپ ئاتالغان. بۇ نورۇز سەيلىسىدە شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى ئاساس قىلىنغان ھالدا خەلققە ئاپەت كەلتۈرىدىغان جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مەقسەت قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن «سۇ چېچىش ئويۇنى»، ئەقىللىق بولۇشقا دەۋەت قىلىندىغان «بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى»، «تۇمارلىق ئېلىش ئويۇنى» قاتارلىق ئويۇنلارمۇ ئوينالغان.

     

    شېئىر-نەزمە مۇسابىقىسى: بۇ مۇسابىقە يۇرت-يۇرتلاردىن نورۇز سەيلىسىگە كەلگەن داڭلىق ئۆلىما، داموللا، مۇدەررىسلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ئۇلارنىڭ شاگىرت-تالىپلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن(ھازىر بۇ، ئۇمۇمىي خەلق پائالىيىتىگە ئايلىنىپ، بۇ ساھەدە ئىقتىدارى بارلىرىنىڭ ھەر قاندىقى قاتنىشىدىغان بولدى). مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققۇچىلار ماددىي مۇكاپاتلارغا مۇ يەسسەر بولغان.

     

    سۇ چېچىش ئويۇنى: بۇ ئويۇن يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەقسەتتە سەيلىگە كەلگەن بارلىق چوڭ-كىچىك، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ بىر-بىرىگە سۇ چېچىش شەكلىدە ئوينىلىپ كەلگەن. :

     

    بۇلاق نېنىنى يېيىش ئويۇنى: گىرۋەكلىرىگە چۆرۈلدۈرۈپ خاسىيەتلىك سۆزلەر ئۇيۇلغان مەخسۇس بىر نەچچە نان ھازىرلىنىپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. ياشلار، تالىپلار بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، ناننى سۈزىۋېلىپ تالىشىپ يەيدىكەن. ھازىرقى شىرمان ناننىڭ گۈلى شۇنىڭدىن قالغانلىقى مەلۇم. 

     

    تۇمارلىق ئېلىش: مۇسابىقىدە باھالانغان شېئىر-نەزمىلەر يېزىلغان قەغەزلەر ئۈچ بۇرجەك قىلىپ قاتلىنىپ، ئۆلىمالار تەرىپىدىن بۇلاق بېشىغا تاشلىنىدىكەن. سەيلىگە كەلگەن ياشلار ئۇدۇم ئېلىش مەقسىتىدە بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، ئۇلارنى سۈزىۋېلىپ دوپپىلىرى ئۈستىگە ئېلىپ قويىدىكەن، كېيىن رەخىتتىن ئۈچ بۇرجەك قاپچۇق تىكىپ، تۇمار قىلىپ بويۇنلىرىغا ئېسىۋالىدىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى تۇمار ئېسىش ئادىتى شۇنىڭدىن كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما «تۇمار» كېيىنكى ۋاقىتلاردا خۇجا، ئىشانلار تەرىپىدىن خۇراپىلەشتۈرىۋېتىلگەن.

     

    بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئىجرادىن قالغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ پائالىيەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈلگەن خەلقىمىزدىكى ئىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلىش ئادىتى مەشرەپ ئويۇنلىرى، شېئىر-نەزمە، تېپىشماق ئېيتىشتەك شەكىللەر ئارقىلىق دەۋرىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلدى. شۇڭا كونىلار: «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپ بولمىسا مەشرەپكە بەر» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرغان. 

    دېمەك، نورۇز بايرىمى ئەنە شۇنداق ئۇزۇن تارىخ، چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساس ۋە تەسىرگە ئىگە بولغاچقا، يەكلەشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىسلام شارائىتىدىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي دىندىن خالىي بولغان ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام سۈپىىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. نۇرۇزنىڭ خاسىيىتى شۇكى، ئۇ، بىرلىك، ئىناقلىق بايرىمىدۇر. شۇڭا، ئۆچ-ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر-خۇتۇنلار نوزۇر مەزگىلىدە «ئۆتكەنگە سالۋات» قىلىپ، قايتىدىن يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرىلاتتى. بۇ، كۆپىنچە يوقلاش پائالىيىتىدە ياكى مەشرەپ، سەيلىلىرىدە، ياكى بولمىسا «زارىخەتمە» ۋاقتىدا چوقۇم ئادا قىلىناتتى.

     

     


    收藏到:Del.icio.us