سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئارخىپ بېتى

سىز «2011-يىلى 07-ئاي» دىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

بىر كۆرۈپ

ئەلىشىر نەۋائىي

بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى دىدارىنى.

ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.

ئۈچ كۆرۈشكەندە سالۇرلەر ئاي يۈزىگە خالىنى.

تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجىرى تەييارىنى.

بەش كۆرۈپ ئالدىڭدا جان بەرسەم شەھىدۇ ئىشقىمەن.

ئالتە كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى مەستانىنى

يەتتە ئىقلىمدا يوق ئەرمىش سەن كەبى نازۇك بەدەن.

سەككىز ئۇجماقتا تىلەيمەن سەن كەبى ھۆريارىنى.

توققۇز ئۆرگىلىسەم بېشىڭدىن ئوت تېنىمدە جان كاۋاپ.

ئون قولۇم بىرلە بېسىپ سالسام دىلىمنىڭ راھىنى.

ئون بىر ئاي بولدى ناۋائى يايرىدىن ئايرىلغىلى.

گەر ئون ئىككى ئاي ئۆرۈلسە كىم تاپۇر پىنھانىنى.

«گۈللەر سۆزلەيدۇ»

(شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شۇ ناملىق

كىتابىغا)

 

گۈللەر سۆزلەيدۇ، سەنمۇ سۆزلەيسەن،

كۈيلەپ ساداقەت ،سۆيگۈ ،ۋاپانى.

مېھىرلىك بېقىپ نېمە كۆزلەيسەن،

ئېيتقىن ،گۈللەرنىڭ تاجدارى-خانى!؟

گۈللەر سۆزلەيدۇ سېنىڭ تىلىڭدا ،

مەيىن شامال بوپ كېلەر ئاۋازىڭ.

ئۈزمەيىن پۇراپ تۇرسام يېنىڭدا ،

ھەيدەپ بېغىڭدىن مەڭگۈ ئايازىڭ

2008–يىل،ئاپرېل،قەشقەر

ئەركىن ۋاھىدوۋ

ئەركىن ۋاھىدوۋ 1936–يىلى 28– دېكابىردا فەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئالتىئېرىق تۈمەنىدە تۇغۇلغان.ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى(1987)،ئۆزبېكىستان قەھرىمانى(1999)،تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن(1960). ئۇ ‹‹تاڭ نەپىسى››(1961)،‹‹قوشاقلىرىم سىزگە››(1962)،‹‹يۈرەك  ۋە ئەقىل››(1963)،‹‹مېنىڭ يۇلتۇزۇم››(1964)،‹‹مۇھەببەت››(1976)،‹‹تىرىك سەييارىلەر››(1978)،‹‹روھلار ئىسيانى››(1979)،‹‹شەرقىي قىرغاق››(1982)،‹‹كېلەچەككە مەكتۇپ››(1983)،‹‹  بىدارلىق››(1985)، ئىككى توملۇق تاللانما(‹‹مۇھەببەتنامە››ۋە‹‹ساداقەتنامە››1986)،‹‹كۈي ئەۋجىدە ئۈزۈلمىسۇن  تار››(1991)،‹‹ياخشىدۇر ئاچچىق ھەقىقەت››(1992) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى.‹‹ياشلىق دىۋانى››(1968) توپلىمىدا مۇمتاز ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلدۇرغان.ئۇندىن باشقا  ئۇنىڭ يەنە ‹‹ئالتۇن دەۋىر››(1969)،‹‹ئىستانبۇل پاجىئەسى››(1985)قاتارلىق دىرامىلىرىمۇ  بار.ئۇ يەنە گىيۇتىنىڭ ‹‹فائۇست››،يېسىنىنىڭ ‹‹زىمىن دەرگاھى›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە  باشقا شائىرلارنىڭ  شېئىرلىرىنى ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان.‹‹بۈيۈك خىزمەتلىرى ئۈچۈن›› ئوردېنىنىڭ سىاھىبى(1997)،ھەمزە نامىدىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ لائۇرېياتى(1983).

كەمتەرلىك ھەققىدە


گەرچە شۇنداق مەغرۇر تۇرسىمۇ ،

پىيالىگە ئېگىلەر چەينەك .

شۇنداق ئىكەن  مەنمەنلىك نىچۈن،

كىبرۇ–ھەيۋە نېمىگە كېرەك !؟


كەمتەرىن بول، ھەتتا  بىر قەدەم

ئۆتمە مەغرۇر ئاستانىسىدىن .

پىيالىنى ئىنسان شۇنىڭچۈن ،

سۆيەر دائىم پىشانىسىدىن !

1956–يىل


قارا قاشىڭ


قارا قاشىڭ، قەلەم قاشىڭ ،

قىيىق قايرىلما قاشىڭ، قىز .

قىلۇر قەتلىمە قەست–قەيراب

قىلىچ قاتىل قاراشىڭ، قىز.


قەپەسدە قەلب قۇشىن قىيناب ،

قانات قاقماققا قويمايسەن .

قاراپ قويغىل قىيا ، قەلبىم –

نى قىزدۇرسۇن قۇياشىڭ ،قىز .

1957–يىل


تاڭ لەۋھىسى


ئۇپۇقلارغا قويۇپ گۈلدەستە ،

تاغ ئارقىدىن كۆتەردى–دە باش .

پەسكە باقتى چوققىدىن ئاستا ،

ئالتۇن قەلەم تۇتقان بىر نەققاش .


ھەر چېكىتكە كۆڭۈل قويۇپ ئۇ،

ۋادىلارغا سىزدى زەر لەۋھە.

«كەچكى قۇياش»

شۇنداق يازدى–يۇ،

«تاڭ ئاتار» دەپ قويدى سەرلەۋھە


سۆيگۈ


ئون سەككىزگە كىرمىگەن كىم بار ،

بېغىڭدىن گۈل تەرمىگەن كىم بار .

سېنىڭ ئۈچۈن يېزىپ تۆت شېئىر ،

سىردىشىغا ئاستا كۆرسىتىپ،


قوشنا  قىزغا بەرمىگەن كىم بار .

دەسلەپ ھەر كىم قەلەم ئالغان ئان ،

يەنە سېنى كۈيلەر بىگۇمان ؛

ھەر كۆڭۈلنى قىلىپ مەپتۇن –رام ،


ئاشىقلارنى قىلىپ بىزۇۋان ،

شائىرلارنى قىلۇرسەن  ۋەيران.

چۈشكەن چېغىم  مەن ھەم دامىڭغا ،

ئىزگۈ ھىسلار بەخىش ئەتتىڭ ماڭا .


ھاياتىمغا زەر لەۋھە بولدۇڭ ،

شېئىرىمغا سەرلەۋھە بولدۇڭ ،

خىياللىرىم ئۈلفەتتۇر ساڭا .

يۈرىگىمدىن دېدىم سەن قانات ،


تىلسىم كەبى ئېچىلدى ھايات  ؛

ۋىسال قۇچقان دەملىرىم شىرىن ،

ھىجراندىكى غەملىرىم شىرىن ؛

كۈلۈپ  باقار ماڭا كائىنات


ئون سەككىزگە كىرمىگەن كىم  بار ،

بېغىڭدىن گۈل تەرمىگەن كىم  بار

1959–يىل