تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2010-11-14

    بەدەننىڭ راكقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئاددىي تەدبىرلەر - [ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش]


    1.تاماق يېگەن ۋاقتىڭىزدا چىلىغان سەينى قوشۇمچە ئىستېمال قىلىڭ . چىلىغان سەي تەركىبىدە راكقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار.

    2.چېچەك سەينى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ . چېچەك سەي تەركىبىدىمۇ راكقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار ناھايىتى مول.

    3.ھەرقانداق تاماق يېگەندە سامساق قوشۇپ يېيىشنى ئادەت قىلىۋېلىڭ.

    4.ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قوغۇن يەپ بېرىشمۇ بەدەننىڭ راكقا قارشى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

    5.مايمۇن شاپتۇلىنى كۆپرەك يەپ بېرىش بەدەننىڭ راكقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىك، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدەبەدەننىڭ ئېمونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ماددىلار كۆپ.

    مەنبە:مەخسۇنجاننىڭ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى تور خاتىرىسى

    6.ماي مىقتارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئازراق، ئاقسىلنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش.

    7.ۋىتامىن تولۇقلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش.

    8.لىمون ياكى گازلىق سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك.

    9.كۈندىلىك سۇ تولۇقلاشقا سەل قارىماسلىق لازىم.

    10.ھەر كۈنى 15 مىنوت ئاپتاپقا قاقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش.

    11.كىيىملەرنى ئامال بار قۇرۇق يۇيدۇرماسلىق لازىم.

    12.ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن 30 مىنوت پىيادە مېڭىش سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ھەر ھەپتىدە تۆت سائەت پىيادە مېڭىپ بېرىش بەدەننىڭ راكقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى چارىلارنىڭ بىرى .


    收藏到:Del.icio.us




1234